ئىنساننىڭ ماھىيىتى
باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى تارىخ: 14.08.2017 يازدۇرغىن
ئىنساننىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
(قەلب-قۇلاق-كۆز)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
 
الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنْسَانِ مِنْ طِينٍ. ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ. ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ.
 
«ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!»-سەجدە،32/7-9.
«ئىنسان» دېگەن سۆزگە كۆپىنچە، (تەپەككۇر قىلالايدىغان ياكى سۆزلىيەلەيدىغان جانلىق) دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەقىل- ئىنسان بىلەن ھايۋاننى ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق دېيىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئاندا قۇشلارنىڭمۇ ۋە چۈمۈلىلەرنىڭمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى ۋە ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ قىلغان ئانالىزلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىيدىغان ئاساسلىق پەرقنىڭ ئەقىل بولماستىن، بەلكى قۇلاق، كۆز ۋە قەلىب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قۇشلار ۋە چۈمۈلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىلەردۇر:
 
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ. حَتَّى إِذَا أَتَوْا عَلَى وَادِ النَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ. فَتَبَسَّمَ  ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَى وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ. وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ. لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ. فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ. وَجَدْتُهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ. أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ. اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ. قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ. اذْهَبْ بِكِتَابِي هَذَا فَأَلْقِهِ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ. قَالَتْ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ إِنِّي أُلْقِيَ إِلَيَّ كِتَابٌ كَرِيمٌ. إِنَّهُ مِنْ سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ. أَلَّا تَعْلُوا عَلَيَّ وَأْتُونِي مُسْلِمِينَ. قَالَتْ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَفْتُونِي فِي أَمْرِي مَا كُنْتُ قَاطِعَةً أَمْرًا حَتَّى تَشْهَدُونِ. 
 
«ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن». سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن». ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ . ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ». ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۆپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھىرىدىن) بىر مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ ئەرشكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ اﷲ نى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى اﷲ نى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ. ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى اﷲ قا سەجدە قىلمايدۇ. اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر». سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز. بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق». ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ) كۆرگىن»-نەمل،27/17-32.
بۇ ئايەتلەردە قۇشنىڭ ۋە چۈمۈلىنىڭ ئەقىللىقچە سۆزلەشكەنلىكلىرى ۋە ئانالىزلىرى بار. پۈتۈن ئايەتلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئىنساننى ھايۋاندىن ئايرىيدىغان ئاساسلىق پەرقنىڭ ئەقىل ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق؛ 
 
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آَذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا أُولَئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُولَئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ.
    
«شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىگە ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»-ئەئراف،7/179.
بۇ ئايەتتە ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ «ئەنئام» دېيىلىدىغان قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ كاپىرلارنىڭ، ئۇلاردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر تۆۋەندىكى ئايەتتە سۈپەتلەنگەندەك، قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان ئىنسانلاردۇر:
 
وَمَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا كَمَثَلِ الَّذِي يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَاءً وَنِدَاءً صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ.
 
«كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى، چاقىرىشنى ۋە نىدانىلا ئاڭلاپ توۋلايدىغان نەرسىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى چۈشىنەلمەيدۇ»-بەقەرە،2/171.
«ئەنئام-ھايۋان»نىڭمۇ قەلبى بولىدۇ. لېكىن بۇ قەلبنىڭ، قاننى بەدەنگە چىقىرىپ بېرىشتىن باشقا بىر خىزمىتى يوق. ئىنساننىڭ قەلبى بولسا، ھۆكۈم قىلىش ئورگانى ۋە بەدەننىڭ ئاساسلىق قۇماندانلىق مەركىزىدۇر. ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلارنى ئىسپاتلاش. قەلبنىڭ بولسا، پايدا-زىيانغا قارىتا ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشنى قارار قىلىشتۇر. ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى توغرىلارنى ئىسپاتلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق ئەقىل ئىنكار قىلالمايدۇ. قۇرئاننىڭ داۋاملىق ئەقىلگە خىتاب قىلىشىمۇ بۇ سەۋەبتىندۇر. ھەقىقەتەن، پىرئەۋن مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلمىدى لېكىن ئۇنىڭ ئەقلى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شەك قىلمايتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
 
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ اٰيَاتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوا هَذَا سِحْرٌ مُبِينٌ وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا. 
 
«ھەقىقەتنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوچۇق- ئاشكارا سېھىردۇر» دېيىشتى. ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلىرىمىزگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى»-نەمل،27/13-14.
  جەھەننەم ئەھلىدىن خەۋەر بەرگەن ئايەتلەر، ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: 
 
وَلِلَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ. إِذَا أُلْقُوا فِيهَا سَمِعُوا لَهَا شَهِيقًا وَهِيَ تَفُورُ. تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ. قَالُوا بَلَى قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ. وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ. فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْ فَسُحْقًا لِأَصْحَابِ السَّعِيرِ.
 
«رەببىگە كافىر بولغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ئۇلار ئۇنىڭغا تاشلانغاندا ئۇنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئاچچىغىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭغا بىر گۇرۇھ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلاردىن: «سىلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «ھەئە، بىزگە ئەلۋەتتە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى، سىلەر بۈيۈك بىر ئازغۇنلۇق ئىچىدىسىلەر، دېگەن» دەيدۇ. ئۇلار يەنە: «ئەگەر قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولمايدىكەنمىز» دەيدۇ. دېمەك، ئۇلار گۇناھىنى مانا مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ. يوقالسۇن يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى!»- مۈلك، 67/6-11.
«ئەنئام»لاردىمۇ كۆز بولىدۇ لېكىن، ئۇ كۆزلەردە بەسىرەت بولمايدۇ. يەنى، ئۇ كۆزلەر كۆرگەن نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن: «ئەنئام»لار يەنى قوي، كالا ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار قولىدا پىچاق كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىنى بوغۇزلايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولسا قانداق ئىشلار يۈز بەرگەن بولاتتى؟ يېنىدىكى ئىنەكنىڭ بوغۇزلانغانلىقىنى كۆرگەن بۇقا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوتلاۋەرگەن بولاتتىمۇ؟ لېكىن ئىنسانلار بىر قاتىلنىڭ خاتىرجەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈشىگە رازى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا كۆرگەننى ئاڭقىرالايدىغان بەسىرەت بار.
«ئىشىتىش-ئاڭلاش»، ئاڭلىغان ئاۋازلارنى تۈرگە ئايرىپ مەنىسىنى چۈشىنىش دېمەكتۇر. «ئەنئاملار»دا بۇ خۇسۇسىيەت يوقتۇر. 
يۇقىرىدىكى ئايەتتە قۇماندان چۈمۈلىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى ۋە ھۆپۆپنىڭ ئانالىزلىرى ئۇلارنىڭ ئىنساندەك «ئىشىتىش» ۋە «بەسىرەتكە» ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ئۇلاردا ھاياتلىرىنى توغرىغا يىتەكلەيدىغان قارار قىلىش مەركىزى بولغان قەلب يوقتۇر. كاپىرلار بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «ئەنئام»لار بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. 
ئىنسان ئۆزىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى مەۋجۇداتلاردىن مەلۇماتلار ھاسىل قىلىپ، تەجرىبە توپلاپ ھايات مىزانىنى بەلگىلەلەيدىغان بىر جانلىق. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئالدىدا بۇ ھايات مىزانىنى تۈزۈشتە (يا توغرىلارغا بويسۇنۇش، يا توغرىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش)دىن ئىبارەت ئىككىلا يول بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئۇ بىر چۈشەنچە ۋە ئېقىمنىڭ قۇلى بولسا ئەركىن قارار چىقىرالمايدۇ-دە. ئۇنىۋېرسال ھەقىقەتلەرنىڭ ئورنىنى، ئۆزىنىڭ شەخسى ھەقىقەتلىرى ياكى باغلىنىپ قالغان ئېقىمنىڭ توغرىلىرى ئىگەللەيدۇ. ئەسلى قارىغۇلىق ۋە گاسلىق مانا بۇدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
 
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آَذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ.
 
«مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلسا، چۈشىنىدىغان قەلبلىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»-ھەج،22/46. 
دېمەك، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ سۆزلىيەلىشى، ئاڭلىيالىشى ياكى تەپەككۇر قىلىشى بولماستىن. بەلكى، ئۇنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھاياتىغا پىلان تۈزەلەيدىغان بولۇشىدۇر. چۈنكى، ئەركىن پىكىر قىلىش خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان ئىنسان، ئىنسان بولۇش خۇسۇسىيىتىنىمۇ يوقىتىدۇ. بۇنداق ئىنسان، قىلمىشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر دائىم توغرا ھەقىقەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالىدۇ. ئىنساندا كۆرۈلگەن كرىزىسلار، بىئارامچىلىق ياكى ئەكسى سېزىملار، قەلبنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغان قارارلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. قارار چىقارالايدىغان قەلب، ئىنساندىلا بولغانلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىنى ئىنساندىن باشقا ھېچكىم بۇزالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛
 
ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ.
 
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدى»-رۇم،30/41.
 ئىنساننىڭ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنىڭ خاھىشىغا بويسۇندۇرۇپ پىتنە-پاسات چىقىرىش ئالاھىدىلىكى بولغىنىدەك، ئۇنىۋېرسال ھەقىقەتلەرنى جىنى بەدىلىگە قوغدىيالايدىغان ئالاھىدىلىكىمۇ بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ 
 
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَى مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ وَإِذَا تَوَلَّى سَعَى فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ. وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاةِ اللَّهِ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ.
 
«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەندۇر. ئۇ ئەمەلدار بولسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، مەھسۇلات مەنبەلىرىنى ۋە نەسىللەرنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭغا: «ئاللاھتىن قورق!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر» بەقەرە،2/204-207.
بۇ مەلۇماتلارنىڭ نۇرى ئاستىدا ئىنسانغا مۇنداق تەرىپ بېرىمىز: «ئىنسان، سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ ئۆز ھەرىكەت مىزانىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان جانلىقتۇر». 
        -پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
50 قېتىم ئوقۇلدى