تۇراقسىزلىق 2
باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى تارىخ: 01.08.2017 يازدۇرغىن
2- قۇرئاننىڭ ئۇسلۇبى 
ھەج سۈرىسىنىڭ 11دىن 16گىچە بولغان ئايەتلىرىمۇ قۇرئاننىڭ باشقا ئايەتلىرىگە ئوخشاش، ھەم ئۆز ئارا، ھەم باشقا ئايەتلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىقتۇر. ئەمدى بۇ ئايەتلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
11- ئايەت
(وَمِنَ النَّاسِ مَن يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَى حَرْفٍ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انقَلَبَ عَلَى وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ).
«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق-ئاشكارا زىياندۇر»-ھەج،22/11.
بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ئىنساندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
(وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الأَمَوَالِ وَالأنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ. الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعونَ. أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ).
«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن بىرئاز كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن بۇنىڭغا سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا بىر مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز، شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز!» دەيدۇ. ئەنە شۇلارغا رەببىنىڭ ياردەملىرى ۋە رەھمىتى ياغىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر»-بەقەرە،2/155-157.
12- ئايەت
(يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنفَعُهُ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ).
« ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىدۇ. مانا بۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتۇر»-ھەج، 22/12.
 ئەتراپىمىزدىكى كۆپىنچە مۇسۇلمانلار، مۇشۇنداق ئۇڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىغان ئەھۋاللاردا (ئەييۇپ سولتان مازىرى) دېگەندەك پىر-ئەۋلىيا دەپ ئاتالغان ئىنسانلارنىڭ قەبرىلىرىگە يۈگرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار، ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىن، بىزنى قۇتقۇزالايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئۆلۈپ، چىرىپ كەتكەن،  قۇلىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان جەسەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلىيالىشى ۋە جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: 
(قُلْ أَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ اِئْتُونِي بِكِتَابٍ مِّن قَبْلِ هَذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِّنْ عِلْمٍ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ.  وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ).
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار  توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار». ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزدۇر»-ئەھقاف،46/4-5.
بۇ شەخىس بارا-بارا ئاللاھقا يېقىن دەپ قارىغان بىر دىن شەيخىنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىپ، مەنىۋى ياردىمىنى ئېلىشنى ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 13- ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. 
13- ئايەت
(يَدْعُو لَمَن ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِ لَبِئْسَ الْمَوْلَى وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ).
«ئۇ پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن كىشىگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇ كىشى نېمىدېگەن يامان مەۋلا  ۋە نېمىدېگەن يامان ھەمراھتۇر!»-ھەج، 22/13.
ئەپسۇسكى، بۇ يەردە ياردەم تەلەپ قىلىنغان كىشى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: 
( وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ لاَ يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلآ أَنفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ) 
«سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»-ئەئراف، 7/197.
(قُلِ ادْعُواْ الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلاَ يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلاَ تَحْوِيلاً. أُولَئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا)
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار. ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئىمۇ قىلالمايدۇ، باشقا بىرىگە يۆتكەپمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئازابتۇر»-ئىسرا،17/56-57.
كۆپىنچە ئىنسان مۆجىزە دەپ قارىغان بىر قىسىم مەخلۇقلارنى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھلىرىنى ۋە ئاللاھقا يېقىن دەپ قارىغان ئىنسانلارنى ئارىغا ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈشكە ۋە قۇبۇل قىلدۇرۇشقا تېرىشىدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن باتىل ئېتىقادلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان ئاساسى پىكىردۇر. 11، 12 ۋە 13- ئايەتلەر بۇ يولغا كىرىپ قالغان مۇسۇلماننىڭ ناھايتتى چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا كىرىپ قالغانلىقىنى، ھەم دۇنيانى، ھەم ئاخىرەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى زىياندۇر. 
12- ئايەتتە ياردەمگە چاقىرىلغۇچى ئۈچۈن (ما-نەرسە) سۆزىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ياردەمگە چاقىرىلغۇچىنىڭ پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر نەرسە ئىكەنلىىنى بىلدۈرىدۇ.  13- ئايەتتە بولسا ياردەمگە چاقىرىلغۇچى ئۈچۈن (من-كىشى) سۆزىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ زىيىنى، پايدىسىدىن يېقىن بولغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزلەر ياردەمگە چاقىرىلغۇچىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تەرجىمىمۇ شۇنىڭغا قارىتا قىلىنغان. لېكىن، ئەنئەنىۋى (كلاسسىك) ئۇسلۇبتىكى تەپسىرلەردە بۇ پەرقلەر كۆرسىتىلمەستىن، ھەر ئىككى ئايەتتە ياردەمگە چاقىرىلغۇچىنىڭ بۇتلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 
ھازىرقى زامان تەپسىرچىلىرىدىن مۇھيىددىن دەرۋىش 13- ئايەتنى 12- ئايەتنىڭ تەكرارى ۋە ئۇنىڭ بەدىلى (ئورنىغا كەلگەن نەرسە) دەيدۇ. بۈيۈك تەپسىر ئالىمى زەمەخشەرىنىڭ بايانلىرى، ئۇنىڭمۇ بۇ يولدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 
«بەدەل»، بىر سۆز ياكى جۈملىنىڭ باشقا بىر سۆز ياكى جۈملىنىڭ ئورنىغا كېلىشى دېمەكتۇر. ئىككىنچى ئايەتنى بىرىنچى ئايەتنىڭ بەدىلى دېيىش، ئوتتۇرىدىكى پەرقلەرنى كۆرەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىرىنچى ئايەت بىلەن ئىككىنچى ئايەت مەنە تەرەپتىن ئوخشاش. ئىككىنچىسى، بىرىنچىسىنىڭ تەكرارى دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. 
ئۇنداقتا، بىرىنچى ئايەتتىكى «زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىدۇ» ئىپادىسى ئىككىنچى ئايەتتە «پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن كىشىگە دۇئا قىلىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ. 
بۇ تەپسىرچىلەر، ئايەتتىكى «ياردەمگە چاقىرىلغۇچىنىڭ» بۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇتنىڭ، زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى، پايدىمۇ يەتكۈزەلەيدىغانلقى لېكىن پايدىسىدىن زېيىنىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكى دېگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ چۈشەنچە نۇرغۇن ئايەتلەر بىلەن زىتلىشىدۇ. مەشھۇر مۇپەسسىر زەمەخشەرى خاتاسىدىن يېنىشنىڭ ئورنىغا مۇنداق دەيدۇ؛ 
«ئەگەر سەن مۇنداق دېسەڭ: بۇتلارنىڭ زىيان يەتكۈزىشى ياكى پايدا يەتكۈزىشى رەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئىككى ئايەتتە باردەك كۆرسىتىلىپتۇ ؟ بۇ بىر زىتلىق ئەمەسمۇ؟
مەن مۇنداق دەيمەن: 
مەنىنى ياخشى چۈشەنسەڭ، بۇ چۈشەنچەڭ يوقىلىدۇ. مەسىلەن بۇ مۇنداق: ئاللاھ تائالا كاپىرنى خار قىلدى. چۈنكى، ئۇ پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان جانسىز بىر ماددىغا قۇل بولدى. جاھىللىقى ۋە ئازغۇنلىقى سەۋەبىدىن، بۇتلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىدى، ئاندىن بۇ كاپىر قىيامەت كۈنى بۇتلار سەۋەبىدىن زىيان تارتقانلىقىنى، ئۇلارغا قۇل بولغانلىقى ئۈچۈن جەھەننەمگە كىرگەنلىكىنى، داۋا قىلغان شاپائەتتىن ھېچنىمە يوقلىقىنى كۆرگەندە ۋاقىراپ، توۋلاپ مۇنداق دەيدۇ؛ «پايدىسىدىن زېيىنى يېقىن بولغان كىشى…» ئۇ نېمىدىگەن ئەسكى ياردەمچى، نېمىدېگەن ئەسكى ھەمراھدۇر».   
ئۇلار دېگەندەك ئىككىنچى ئايەت بىرىنچىنىڭ بەدىلى بولسا، ئايەتتىكى «چاقىرىدۇ» ئىپادىسى تەكرارلانغان بولىدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا: «ئاللاھنىڭ ئەتراپىدىن ئۆزىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ» دەپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھ: «مەبۇد ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن «زىيىنى»دىن، شاپائەتچى ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن «پايدىسىدىن يېقىن بولغان كىشى» نېمە دېگەن ئەسكى ياردەمچى!» دەپ داۋام قىلغاندەك بولىدۇ. 
زەمەخشەرىنىڭ بىرىنچى تەپسىرىنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، مەڭگۈلۈك جەھەننەمگە مەھكۇم بولغان كاپىر، بۇ چاغدا بۇتتىن قايسى ياردەمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، «پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن» دېسۇن؟. 
ئىككىنچىسىمۇ قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەپسىر بۇتنىڭ شاپائەتچى بولىدىغانلىقىنى قۇبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. 
مۇھيىددىن دەرۋىش مۇنداق دەيدۇ؛ 12- ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەتتە دانە تەپسىر بار. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەنتىقسىز. نەھۋى (گرامماتىكا) ۋە تەپسىر ئالىملىرى بۇ ئايەت بىلەن كۆپ ئېتىشقان بولسىمۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسقىدەك بىر چۈشەنچە بېرەلمىگەن . 
ئىككىنچى ئايەتنى بىرىنچىسىنىڭ تەكرارى ھېساپلاپ بۇ ئىشنىڭ ئىچىدىن چىقىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. بۇلار ئىنسانلارنىڭ دىن پەردىسى ئارقىسىدا قانداق سۈمۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن بولسا ئايەتلەرنى توغرا تەپسىر قىلغان بولاتتى. 
12- ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى ئەشىر (العشير) سۆزىمۇ مۇھىمدۇر. بىر نەسىلدىن كېلىپ بىرلىكتە ياشىغانلارغا ئاشىرەت (العشيرة) دېيىلىدۇ. ئەشىر (العشير)  بولسا، بىر نەسىلدىن بولغان ياكى تۇنۇش كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ياشىغان كىشىدۇر . ھازىر ئۇنى پارتىيە، تەشكىلات ياكى جامائەت ئەزاسى دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يېقىنى ۋە مەنىۋى ياردەمچىسىى دەپ ئېتىقاد قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدا بىر جامائەت تەشكىللىنىدۇ. ئۇلاردىن كاپالەت تەلەپ قىلغانلار ئۇلارنىڭ جامائىتىگە قۇشۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەلكىم بىر قىسىم پايدىلارغىمۇ ئېرىشىشى مۇمكىن. ئايەتتىكى تىلغا ئېلىنغان مەنپەئەت بۇ بولىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى ئايەت مۇشۇنداق بىر مەنپەئەتنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ: 
(وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ).
«ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. بۇنى، بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا قىلىۋاتىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر-بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»-ئەنكەبۇت،29/25.
(إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ).
«ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»-ھەج،22/14.
ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئىچىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. 
بۇلار ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئىماندىن يۈز ئۆرىمىگەن، سەۋىر قىلغان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋىر قىلىش قىيىن بىر ئىش ئەلۋەتتە. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
(فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَّا أُخْفِيَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاء بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ).
« ئۇلار ئۈچۈن مەخپىي ساقلانغان خۇشال قىلغۇچى نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر»-سەجدە، 32/17.
(يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنكَرِ وَاصْبِرْ عَلَى مَا أَصَابَكَ إِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ).
بىر كۈنى لوقمان ئوغلىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر»-لوقمان، 31/17. 
(مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاء ثُمَّ لِيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ).
« كىم ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن، ئاندىن كېيىن ئۈزسۇن. ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟»-ھەج، 22/15. 
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان كىشىنىڭ ۋاستىچىلار ئارقىلىق ئاللاھنى قايىل قىلىشقا كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇ ئۇنى چوڭ كىرىزىسقا دۇچار قىلىدۇ ۋە قۇغدىغۇچىسىز تاشلاپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبى بولسا، ئەسلىدە ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغانلىقىدىن بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ 
(قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاء وَالأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ والأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيَّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللّهُ فَقُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ. فَذَلِكُمُ اللّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلاَّ الضَّلاَلُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ).
« ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ قۇلاق ۋە كۆزلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا قورقمامسىلەر؟. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»-يۇنۇس،10/31-32.
 ئۇ ئىنسان داۋاملىق قىيىنچىلىقتا قالسا، دۇنيا –ئاخىرەتتە ئاللاھتىن ئۆزىگە ياردەم كەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ-دە ئازغۇن يولغا ماڭىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ چەكسىز مەرھەمىتى بىلەن مۇنداق دېگەن بولىدۇ: «ئۇ خاتا يوللارنى تاشلا، مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇن ۋە ماڭا يۈزلەن، ئاندىن بۇ قىيىنچىلىقلاردىن چىقالايدىغان، چىقالمايدىغانلىقىڭغا قارا». 
يۇقىرىدىكى ئايەتتە كەلگەن سۆزلەر: 
ئا) فليمدد (فەليەمدۇد)، بۇ سۆزنىڭ سۆز يىلتىزى مد (مەددە) بولۇپ، ئۇزارتىش ۋە بىر ۋاستە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. 
ب) السبب (سەبەب)، ۋاسىتىچى، ۋەسىلە، ۋاسىتە دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسۇلمان ئاللاھ بىلەن ئارىسىغا ۋاسىتە قويمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن، مۇسۇلماننىڭمۇ ئېسىلىدىغان سەۋەب ۋە ۋەسىلىلەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ 
(يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللّهَ وَابْتَغُواْ إِلَيهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُواْ فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ).
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار ، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-مائىدە،5/35. 
ئايەتتىكى «يېقىنلىشىش يولى»دەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋەسىلە، قۇرئاننىڭ نۇرغۇنلىغان يېرىدە بايان قىلىنغان ۋەسىلىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ؛ 
(يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اسْتَعِينُواْ بِالصَّبْرِ وَالصَّلاَةِ إِنَّ اللّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ).
« ئى مۇئمىنلار! سەبىر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەبىر قىلغۇلار بىلەن بىللىدۇر»-بەقەرە،2/153.
باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: 
(إِنَّ الَّذِينَ آمَنُواْ وَعَمِلُواْ الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَآتَوُاْ الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ).
« ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»-بەقەرە،2/277. 
ج) السماء (ساما)، ئاسمان دېگەن بولىدۇ. ئايەتتىكى «ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزاتسۇن» دېگەن ئىپادە كىنايە بولۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دۇئا قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئوخشاش سۆز ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: 
(قَدْ نَرَى تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاء).
«كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات-پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن»-بەقەرە، 2/144.
ليقطع (لىيەقتەئ) سۆزى، «باشقا مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزسۇن» دەپ تەرجىمە قىلىندى. چۈنكى، ئۇ كىشىنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىغا ۋاسىتە قويۇش ھېرىسمەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ چۇقۇم ۋاستىچى دەپ ئويلىغان كىشىلەرگە ئاللاھقا ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەرنى بېرىشى كېرەك. بۇ ئۇنى شېرىك ئەقىدىگە باشلايدۇ. شېرىك، مەغپىرەت قىلىنمايدىغان بىر گۇناھتۇر. شۇڭلاشقا، بۇ مۇناسىۋەت دەرھال ئۈزۈپ تاشلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ 
(إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء وَمَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدِ افْتَرَى إِثْمًا عَظِيمًا).
«ئاللاھ ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن شېرىكنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە چوڭ بىر گۇناھنى ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ»-نىسا،4/48.
 د) ئايەتنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن «ھل-ھەل» دېگەن سۇئال ھەرپى كونكرېت بىر ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجابى جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. زېھىندە تەسەۋۋۇر قېلىنغان ياكى سەلبى جاۋاب چىقىدىغان سۇئاللاردا قوللىنىلمايدۇ. ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا بۇنىڭ ئەكسىچە مەنە بېرىلىدۇ. توغرا مەنە بېرىش ئۈچۈن سۇئال «… ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ ياكى قىلالمامدۇ؟» شەكلىدە تەكرارلانغاندۇر. 
 «كيد، كەيد»- بىر نەرسىگە يېقىنلاشماق، چارە تېپىش ۋە غەيرەت كۆرسىتىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشىنى ۋە يولىنى توغرا تاللىشىنى «كيد» قىلدى دېيىلىدۇ.  ئايەتتە كەلگەن «كيد»، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان «كيد»ى بولغانلىقى ئۈچۈن «بۇ يول» دەپ تەرجىمە قىلىندى. 
«كيد»- ھىلە-مىكىر دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. مىكىر- چىقىش يولى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىرىنى يۈزلەنگەن تەرەپتىن بۇرىماق دېگەن بولىدۇ. مانا بۇ ھىلە-مىكىر دېيىلىدۇ. 
«كيد»، نىشانىغا قارىتا ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىرى خائىنلارنىڭ كەيدىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
(وَأَنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ).
« ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ»-يۇسۇف،12/52.
يەنە بىرى ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ كەيدىدىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن: 
(كَذَلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ).
« يۇسۇفكە ئەنە شۇنداق پىلان كۆرسەتتۇق»-يۇسۇف،12/76. 
ف) «غيظ = غەيز»، سۆزى غەزەپ، نەپرەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. 
ئايەتلەرنى، ئالدى-كەينىدىكى ۋە باشقا ئايەتلەر بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە تېرىشساق ئايەتنىڭ مەنىلىرى ئالدىمىزدا ئۇچۇق- ئاشكارا نامايەن بولىدۇ. ئەنئەنىۋى (كلاسسىك) ئۇسلۇبتا بۇ يولدا ماڭمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۇچۇق-ئاشكارا ئايەتلەر چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئەنئەنىچىلەر، 16-ئايەتنى ئوخشىمايدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندۇر. مەسىلەن تەبەرىنىڭ بايانى مۇنداق؛ 
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛ ئې ئىنسانلار، ئۆلگەن بىر ئىنسان يۇقىلىپ كەتكەندىن قېيىن، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ھايات بېرىشقا كۈچۈمنىڭ يېتىدىغانلىقىنى سىزگە دەلىللەر بىلەن بايان قىلغىنىمدەك، بۇ قۇرئاننى ئەلچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا روشەن ئايەتلەر بىلەن نازىل قىلدۇق. يەنى ئاللاھ يولغا كىرگۈزۈشنى خالىغان كىشىلەرنى توغرىغا باشلايدىغان بەلگىلەر، ئىشارەتلەر نازىل قىلدۇق» .
يۇقىرىدىكى مىسال ھەققىدە ئويلانساق، قۇرئاننىڭ روشەن بىر كىتاب بولۇشىنىڭ مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. لېكىن، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا بۇ مەنە يوق بولۇپ كەتكەن.
 
– پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر 
– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار        
   
   
 
  
  
 
 
         
 
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
30 قېتىم ئوقۇلدى