مۇسۇلمانلار

دىنلار

دىنلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

(فَلاَ تَجْعَلُواْ لِلّهِ أَندَاداً وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ).

«سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى[1] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتماڭلار»-بەقەرە،2/22.

ھەر قانداق ئىنسان ئاللاھقا ئوخشايدىغان بىر شەيئىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھېچكىم ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياسىيالىغان ئەمەس. ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئېغىر كېسەللىك ئوتتۇرىغا ۋاسىتە قۇيۇش ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتۇر. ئاللاھ ھەققىدە سان-ساناقسىز دەلىللەر بولسىمۇ، لېكىن ۋاسىتىچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق دەلىل يوق. بۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ بىردىنبىر دەلىلى، ئاتا-بوۋىلىرى ئېسىلىۋالغان ئاساسسىز رىۋايەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكى ئۇچۇق تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئورتاقلىشىدىغان بىر ۋاستىچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان ئىنسانلار سان-ساناقسىزدۇر. ھەر جەمئىيەتتە خىيالى بويىچە ھەرخىل ۋاستىچىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان ئىنسانلار بار. بۇ ۋاستىچىلەر ئۇلارنى شېرىك ئېتىقادقا سۆرەپ كىرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار، بۇ ۋاستىچىلەرنى ئاللاھقا خاس بولغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ھەم ئۇلار ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئاللاھقا قۇل بولۇشتىن بۇرۇن ئۇلارغا قۇل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، ئاللاھ پادىشاھ، ۋاستىچىلەر بولسا ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

(أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى).

«بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنى قويۇپ ئەۋلىيالارغا چوقۇنغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ»-زۇمەر،39/3.

ۋاستىچىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دىنلارنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزگىرەيدۇ. مەسىلەن؛ خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسالامنى، مۇقەددەس روھنى، مەريەمنى، ھاۋارىلەرنى ۋە چېركار پاپالىرىنى، داۋ جىياۋ دىنىدىكىلەر تى، يىن-ياڭ…قاتارلىقلارنى، مەككىلىك مۇشرىكلار بولسا بەزى پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ ئۇلارنى ئۆزلىرى ۋە ئاللاھ ئارىسىدا ۋاسىتە قىلاتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ياسىۋالاتتى.

لات، ئۇززا ۋە مەنات مەككىنىڭ مەشھۇر بۇتلىرى ئىدى. مەككىلىكلەر بۇلارنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاتقان ئىدى. مەسىلەن؛ لات- ئاللاھ، ئۇززا-ئەزىز، مەنات-مەننان ئىسمىگە ئوخشىتىلغاندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

(أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّى وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَى أَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْأُنثَى  تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَى).

«ئى مۇشرىكلار! نېمىدۇر، لات ۋە ئۇززا؟ ئۈچىنچىسى ۋە ئاخىرقىسى بولغان مەنات؟ ئوغۇل سىلەرنىڭ، قىز ئاللاھنىڭمۇ؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر»-نەجم،53/19-22.

ئىسلام ۋاستىچىلىكنى قەتئىي قۇبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛

(وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ).

«شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز)-قاف، 50/16.

ئاللاھ ئىنسانغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن بولغىنىغا قارىغاندا، ئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ ئارىسىغا ۋاستىچىنىڭ كىرىشىگە ئېھتىياج يوق. ئۇنداق بولۇپ قالسا ئىنسانلار ئاللاھتىن ئاۋۋال ۋاستىچىغا قۇل بولاتتى. چۈنكى، ۋاستىچى رازى بولمىسا ئىش پۈتمەيدۇ. مەسىلەن:

شەھەر باشلىقى بىلەن بولىدىغان ئىشلىرىنى بىر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەھەر باشلىقى شۇ ۋاستىچى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاستىچىنى رازى قىلمىسا ئىشى ئاقسايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ ئىشلىرىنى جايىدا پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستىچى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاشقا تېرىشىدۇ.

پۈتۈن ئەلچىلەر ئىنساننى ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىققا چاقىرىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىق ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا ھېچكىمنى كىرگۈزمەسلىك كېرەك. مۇسۇلمانلار پەقەت ئاللاھقىلا قۇل بولىدۇ ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.

ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ھەر تۈرلۈك نېمەتلەرنى بەرگەن ئىنساننىڭ باشقا بىرىگە قۇل بولۇشىنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

(إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء وَمَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدِ افْتَرَى إِثْمًا عَظِيمًا).

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە چوڭ بىر گۇناھنى ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ»-نىسا،4/48.

(مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤْتِيَهُ اللّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُواْ عِبَادًا لِّي مِن دُونِ اللّهِ وَلَكِن كُونُواْ رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ).

« ئاللاھ  كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس، لېكىن ئۇ: «كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق رەببىڭلارغا بەندە بولۇڭلار» دەيدۇ»-ئال ئىمران،3/79.

ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىغا ۋاستىچى قويۇشنى قۇبۇل قىلمايدىغان بىردىنبىر دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئىسلام چىگراسىنىڭ سىرتىدا بولغانلار ۋاستىچىلارغا قارىتا ئۆزلىرىگە ھەرخىل ئىسىملارنى قويىدۇ. 

 

پروفېسسور: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار  

 

       

 


[1] بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەنداد «أنداد» دۇر. ئەندان نىددنىڭ كۆپلۈكىدۇر. نىدد ئاللاھقا ئوخشاش بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قارالغان ۋە ئاللاھقا قارشى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىدۇر.- (ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، ن د د ماددىسى. دارۇسسەدر، بېيرۇت، 3- توم، 420- بەت). بۇ سۈپەتتىكى نەرسە بۇت ئەمەس، بۇتلاشتۇرۇلغان شەخسلەردۇر. 165- ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر