مۇسۇلمانلار

كىملەر جەننەتكە كىرىدۇ؟

جەننەتكە كىملەر كىرىدۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن[1] ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار، رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»-بەقەرە،2/62.
ئاللاھنىڭ بىر ئەلچىسىنىڭ چاقىرىقى يەتمىگەن ئىنسان پەقەت شېرىك ۋە توغرا فىترىتىگە ئۇيغۇن قىلغانلىرىدىن سورىلىدۇ. ئەلچىنىڭ چاقىرىقى يەتكەن كىشى بولسا، ئۇ ئەلچىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ياشىغانلىقىدىن سورىلىدۇ.
ئەلچىنىڭ مۆجىزىسىنى يەنى ئەلچىلىك بەلگىسىنى كۆرۈش چاقىرىقنىڭ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتەك ئىشەنچلىك بىر بەلگىگە ئېرىشىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ بەلگىسى قۇرئاندۇر. شۇڭلاشقا، قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆزى چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن ئوقۇمىغان ياكى ئاڭلىمىغان كىشىلەر چاقىرىق يەتمىگەن ھېسابلىنىدۇ. مائىدە سۈرىسىدىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ ئوخشىشى زىكىر قىلىنىدىغان بولۇپ، يەنە بۇ ئايەتنىڭ ئالدى كەينىدە مۇنداق ئايەت زىكىر قىلىنىدۇ:
«ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، بىر نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما! مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار قاچانىكى بىر ئەلچى، كۆڭۈللىرىگە ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى»-مائىدە،5/68-70.
ماۋزۇيىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ئايەت مۇنداق:
«ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۈممى پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»-ئەئراف 7/157.
 بۇ ئۈچ دىندا يەنى، يەھۇدى، سابىئى ۋە خرىستىيان قاتارلىق دىنلاردا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكىگە ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئۇچۇق كۆرسەتكىنىدەك، ئۇلاردىن كىم ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىسا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىشى ۋە ئۇ بەلگىلىگەن «ياخشى ئىشلارنى» قىلىشى كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە ئەلچىلەردىن ۋەدە ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
« ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر رەسۇل كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىن» دېدى»-ئال ئىمران،3/81.
يۇقىرىدىكى ئايەتتىن مۇنداق نەتىجە چىقىرىشىمىز مۇمكىن.
«مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار، رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»-بەقەرە،2/62.
يەنى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، بۇ ئىماننىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىغان ئىنسانلارنى ئاللاھ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە غەم-قايغۇ بولمايدۇ. ئۇلار ھەر زامان بەخىت-سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ.  
 
پروفىسور: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار
 
 
 
 
 
   
 
 


[1] سابىئىيلار قۇرئان كەرىمدە ئازغۇن قەۋملەر قاتارىدا ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ.- (بەقەرە 2/62؛ مائىدە 5/69؛ ھەج 22/17). تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇلار ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات تۆۋەندىكىچە: سابىئىيلار جەنۇبى مېسوپوتامىيەدە ياشايدىغان ۋە يورۇق-قاراڭغۇلۇق دۇئالىزىمىغا ئاساسلىنىدىغان گنوستىك ئېتىقادلىرى بىلەن تونۇلغان بىر قەۋمدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھيا (ئە.س)نىڭ ئۇممىتى دەپ بىلىدۇ. «گىنزا» دەپ مۇقەددەس كىتابى بار.- شىناسى گۈندۈز، «سابىيلىك»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 35- جىلد، 342- 344؛ گۈنەي تۈمەر، ئابدۇراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، 4- نەشرى، ئەنقەرە 2002، 127- 143.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر