مۇسۇلمانلار

قانچە ياشتا ناماز پەرز؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ قانچە ياشتىن باشلاپ ناماز ئوقۇشى پەرز؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ پەرز بولىدۇ. قىزلار ئادەت كۆرۈش بىلەن، ئوغۇللار ئېھتىلام بولۇش بىلەن ياكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 15 ياشقا كىرىش بىلەن بالاغەتكە يېتىدۇ. مەسىلەن: بىر قىز 15 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرسە شۇ چاغدا بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ، ئوغۇل بالا 15 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئېھتىلام بولسا بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ. ئەگەر بىر قىز 15 ياشقا كىرگۈچىلىك ئادەت كۆرمىسە، بىر ئوغۇل 15 ياشقا كىرگۈچىلىك ئېھتىلام بولمىسا، ئۇلار 15 ياشقا كىرىش بىلەن بالاغەتكە يەتكەن بولۇۋېرىدۇ .
شۇنداقتىمۇ بالىلارغا يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى بۇ ياشتا ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، مەسچىت-جامەلەرگە ۋە ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا بىللە ئاپىرىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا نَّحْنُ نَرْزُقُكَ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَى﴾
 «ئائىلەڭنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن»- تاھا 20/132.
بۇ ئايەت بالىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، بالا ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسا كۇپايىلىنىپ تۇرماسلىق، بەلكىدە ئۇنىڭغا ئىبادەتتە ۋە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[1] دېگەن مەزمۇندىكى سۆزى بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن»[2].

[1] ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، سالات 495.

[2] لۇقمان 31/17. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر