مۇسۇلمانلار

ئاللاھ ۋە خەلىپە

ئىنسان ئاللاھنىڭ خەلىپىسىمۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛
«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا بىر خەلىفە قىلىمەن»[1] دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان شەخسنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى، ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى»-بەقەرە 2/30.
باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن ياكى ئورۇنباسارى بولغان ئادەمنى خەلىپە دېيىلىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننى باشقا بىر ئىنساننىڭ ئورۇنباسارى بۇلالايدىغان قىلىپ ياراتقاندۇر. ئىنسان خەلىپىلىكنى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلايدۇ. ئىنسان ھاياتى بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىنساننىڭ مېلىنى، ماقامىنى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى قولىغا ئۆتكۈزىۋىلىشى مۇمكىن ياكى قولىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى تارتقۇزۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا، پۈتۈن قارشىلىقلارنىڭ مەنبەسى قولىدىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن قورقۇش ياكى باشقىلارنىڭ ماقامىنى تارتىۋىلىش ئارزۇسى بولماقتا. پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارمۇ قوللىرىدىكىنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا قارشى ھەر بىر پەيغەمبەر مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ»-شۇئارا 26/127.
پەرىشتىلەرمۇ: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان شەخسنى خەلىپە قىلامسەن؟» دەپ سوراش ئارقىلىق بۇ خەلىپىلىك (ئورۇنباسارلىق) سېستىمىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بولسا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە سۆز ئاچمىدى، لېكىن پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ بىلمەيدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى ئىنسانلار يۇقىرى سەۋىيە ۋە قابىلىيەتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشكە تېرىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئورۇنباسارى بولۇشنى خالايدىغانلار بۇلاردىنمۇ يۇقىرى سەۋىيە ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ياخشى بىر بەسلىشىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىترەت ۋە جەمئىيەتتە تەرەققىيات بولىدۇ. بىلىم ۋە مەدەنىيەت ئىلگىرلەيدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر بىرىگە ئورۇنباسارلىق سېستىمىسى بولمىغان بولسا ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش ھېچقانداق مەدەنىيەت شەكىللەندۈرەلمەيتتى. مانا بۇ پەرىشتىلەر بىلمەيدىغان تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.
بەزىلەر بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئادەم ئەلەيھىسالامدىن بۇرۇن زېمىندا قان تۆككەن ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغان باشقا ئادەملەرنىڭ ياشىغانلىقىنى داۋا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتىلەر ئۇلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئادەمنىڭ نەسلىدىن كەلگەنلەرنىڭمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر بۇ داۋا توغرا بولغان بولسا، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە « «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېمەستى.
بىرىنىڭ باشقىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشكە ئۇرىنىدىغان ئىشتا يەنى ئورۇنباسارلىق سېستىمىدا قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولۇش ھايۋانلار دۇنياسىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن؛ ھېچقانداق خوراز ئۆزىنىڭ كاتىكىدە باشقا بىر خورازنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئىككى خورازنىڭ بىرى يا ئۇ يەرنى تاشلايدۇ يا يەنە بىرسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. خەلىپىلىك جىدىلى توخۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بولغان بولسا تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلەتتى. ئەر-ئايال پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ خەلىپىلىك سېستىمىسى ئىچىدە يارىتىلغانلىقىنى بىلگەن پەرىشتىلەرنىڭ ئەندىشىسى ھايۋانلار دۇنياسىدا كۆرگەنلىرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئىنساننىڭ، ئاللاھنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكى داۋا قىلىنىدۇ. خەلىپە، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئورنىغا قۇيۇلغان ياكى ئۇنىڭ ماقامىغا ئۆتكەن كىشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلگىرىكى كىشى يا ئۇ يەردە يوق بولۇشى يا ئاجىز بولۇشى ياكى ئۆلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ ئىشلار ئاللاھتا قەتئىي تېپىلمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسان ئاللاھنىڭ ئەمەس، باشقا بىر ئىنساننىڭ خەلىپىسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛
«ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىل، ھەۋەسكە ئەگەشمە. ئەگەر ھەۋەسكە ئەگەشسەڭ، ھەۋەس سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ»-ساد 38/26.
چۈنكى داۋۇد ئەلەيھىسالام ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۇ زېمىنغا ھۆكۈمران بولغان تالۇتنىڭ ئورنىغا كەلگەن ئىدى. بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ بىر- بىرىگە خەلىپە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ئايەتلەر مۇنداق؛
«ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»-يۇنۇس،10/73.
« ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى، سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.
«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلسە زۇلۇم قىلغان ۋە ئىمان كەلتۈرمىگەن. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئاشۇنداق جازالايمىز. ئاندىن كېيىن قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قاراش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ يەر يۈزىدە ھاكىم قىلدۇق»-يۇنۇس 10/13-14.
« رەببىڭ بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئۇ ئەگەر خالىسا سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك»-ئەنئام،6/133.
 بىلىم قابىلىيىتىگە ئىشىنىدىغان بىر كىشى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مۇنداق سۆھبەتلەر بولغان ئىدى:
-ئىنسان ئاللاھنىڭ ۋەكىلى بۇلالامدۇ؟ دەپ سورىدىم.
– ئۇ مۇنداق دېدى: ياق، ئاللاھ پەيغەمبىرىنىمۇ ۋەكىل قىلمىغان تۇرسا بىزنى قىلارمۇ؟ ئۇ پەيغەمبىرىگە مۇنداق دېدى:
«سەن ئۇلارغا ۋەكىلمۇ ئەمەسسەن»-ئەنئام،6/107.
«سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر»-ھۇد،11/12.
– ئىنسان ئاللاھنىڭ خەلىپىسى بۇلالامدۇ؟ دەپ سورىدىم.
– ئۇ مۇنداق دېدى: ھەئە، چۈنكى ئاللاھ پەرىشتىلەرگە «زېمىندا بىر خەلىپە يارىتىدىغانلىقىنى» دېدى.
– خەلىپىلىك ئۈستۈنمۇ ياكى ۋەكىللىكمۇ؟ دەپ سورىدىم.
– ئۇ مۇنداق دېدى؛ خەلىپىلىك. ۋەكىل بەزى مەسىلىلەردە ۋەكىل بولۇشقا ھوقۇقلۇق لېكىن خەلىپىنىڭ ھوقۇقى ئارتۇقراق بولىدۇ.
– ئاللاھنىڭ ۋەكىلى بولمىغان كىشى، خەلىپىسى بولالامدۇ؟ دەپ سورىدىم.
– ئۇ، ئۇنداقتا سەن ئۇ ئايەتنى قانداق چۈشىنىسەن؟ دېدى.
– مەن مۇنداق دېدىم: مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە قارىساق، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 30- ئايىتىدە بىر كىشىنىڭ باشقا بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشى (خەلىپىلىك) ھەققىدىكى ئايەتتىن، خەلەف-سەلەف سېستىمىسى ھەققىدىكى بايانلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ بايانلارغا ئاساسەن، ئىنسان ئاللاھقا خەلىپە بولالمايدۇ. بۇ، «خەلىپە» دېگەن سۆزنىڭ ھەم لۇغەت مەنىسىگە، ھەم ئاتالغۇ مەنىسىگە زېتتۇر. بولمىسا، ناھايتتى خاتا بىر مەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى، پەرىشتىلەر: ئاللاھنىڭ ئورنىغا ئۆتىدىغان بىرىنىڭ بۇزغۇنچى ۋە قان تۆككۈچى ئىكەنلىكىنى دېيىش بىلەن، ئاللاھنىڭ بۇزغۇنچى ۋە قان تۆككۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالامۇ، پەرىشتىلەرمۇ بۇنداق ئىشلاردىن يىراقتۇر.
– ئۇ، مېنىڭ ئاغزىمنى تۇۋاقلىدىڭ، دېدى.
 
 پروفىسور: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار

[1] خەلىفە دېگەن كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئورۇنباسار، ئىز باسار، ھۆكۈمران دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئەنئام 6/165، 133؛ ئەئراف 7/129؛ يۇنۇس 10/14، 73؛ ھۇد 11/57؛ نۇر 24/55؛ فاتىر 35/39؛ ساد 38/26. بۇ ئايەتتە مەنىسى بېشى ئادەم بىلەن باشلانغان، ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان، ئىلىم- مەرىپەت، كەشىپ-ئىجادىيەت ۋە ھۈنەر-سانائەتتە رىقابەتلىشىپ بىر-بىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان، بۇ ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان ۋە مەدەنىيەت ئىجاد قىلىدىغان، نەتىجىدە ھەر بىرى بىردىن ئورۇنباسار بولىدىغان بىر مەخلۇق پەيدا قىلىمەن، دېگەن بولىدۇ.
 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر