مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا دىندارلىق 1

قۇرئاندا دىندارلىق
«دىن»- ئەرەپ تېلىدا: «دەين» سۆز تۇمۇرىدىن كەلگەن ئىسىم بولۇپ، ئادەت، پوزىتسىيە، جازا، مۇكاپات ۋە ئىتائەت قاتارلىق ئۈچ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتالغۇدا: «ئىتائەت» دېگەن مەنىدىن كەلگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ[1].  
 راغىب ئىسفاھانى، بۇ سۆزگە جازا ۋە ئىتائەت مەنىلىرىنى بېرىدۇ.
 ئىبن مەنزۇر، بۇ مەنىلەرگە ھېساب ئالماق ۋە ئىسلام دېگەن مەنىلەرنى قوشىدۇ، ھەمدە «دەين» سۆزىنىڭ، بىر سۆز تۇمۇرى ئىكەنلىكىنى، «دىن» سۆزىنىڭ، بىر ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ[2].
زەبىدى، ئايەت، ھەدىس ۋە ئەرەب شېئرلىرىدىن ئالغان ھەرخىل مىساللارغا ئاساسەن «دىن» سۆزىنىڭ يىگىرمىدىن ئارتۇق لۇغەت مەنىسىنى ۋە ئىككى ئاتالغۇ مەنىسىنى تىلغا ئالىدۇ[3].
تەرجىمان ئاسىم ئەپەندى بولسا، «دىن» سۆزىنىڭ ئوتتۇزدىن ئارتۇق لۇغەت مەنىسىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇلاردىن، بۇ سۆزنىڭ ئاتالغۇ مەنىسىگە يېقىنلىرى (جازا ۋە مۇكاپات، ئىسلام، ئۆرپ-ئادەت، بويسۇنۇش، ھېساب، ھۆكۈمرانلىق ۋە غالىبلىق، سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىق، ھۆكۈم ۋە پەرمان، مەقبۇل ئىبادەت، دىن، شەرىئەت، ئىتائەت) قاتارلىق سۆزلەردۇر[4].
«دىن» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىلىرىدىن (بويۇن ئېگىش ۋە مۇكاپات ئېلىش) مەنىلىرى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ھەر قانداق بىر كۈچكە بويۇن ئېگىپ، ئۇنىڭدىن بىر مۇكاپات ئۈمۈد قىلىش مەنىسىنى ئىپادىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن دىندا بويۇن ئېگىلگەن كۈچ مۇتلەق قۇدرەتلىك ئىلاھتۇر. ھەر بىر دىننىڭ ئىلاھى، ئۇ ئىلاھقا بويسۇندۇرۇلغان بەندىلىرى ۋە ئۇ بەندىلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشقانلارغا ۋەدە قىلىنغان بىر مۇكاپات بولىدۇ.
تۇنجى دىن، ئاللاھنىڭ ئادەم (ئە.س)غا ئۆگەتكەن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا يەتكۈزگەن دىندۇر. بۇ يول تۇنجى پەيغەمبەردىن، ئاخىرقى پەيغەمبەرگىچە داۋام قىلغاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ﷲ نىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ﷲ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ﷲ نىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»-رۇم سۈرىسى 30/30.
«ھەقىقەتەن ﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر»-ئال ئىمران 3/19.
«كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر»-ئال ئىمران 3/85.
ئىنسان، دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپلا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (دەلىللىرىنى) كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئايەت، ئۇچۇق بەلگە ۋە ئىشارەت دېمەكتۇر. قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلغان قىسىملىرىنىمۇ ئايەت دېيىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى، بارلىق مەخلۇقلاردا، ئاسمانلاردا، زېمىندا، ھايۋانلاردا، ئۆسۈملۈكلەردە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا، يەنى ھەممە يەردە ئۇنىڭ ئايەتلىرى مەۋجۇتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
« ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز»-فۇسسىلەت 41/53.
ئىنساننىڭ ئەتراپىدىكى ۋە ئىچىدىكى ئايەتلەر/دەلىللەر، بىر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ، بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئاللاھ بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئەتراپىنى سۇئال يامغۇرىغا كۆمىدۇ. نەتىجىدە، مەۋجۇداتلارنىڭ راببىنى يەنى ئىگىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك ۋە قوللىرى بىلەن تۇتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.
ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ھەر ئىنسان چۈشەنگەنلىكى ۋە بىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئاندا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە ئايەت يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئەلچىسى بۇ ھەقتە كۈچ سەرپ قىلمىغان. ئۇلار ئاللاھتىن ئالغان ئەمىرلەرگە ئاساسەن پۈتۈن كۈچىنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە سەرپ قىلغان. ئاللاھ تائالا ئەلچىسى مۇھەممەد (ئە.س)گە مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ﷲ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى ﷲ قا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ﷲ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. سىلەر باشقا مەبۇدنى ﷲ قا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر ـ بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر ـ بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن. ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق. جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن. كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي!»-زارىيات 51/50-60.
دىندار، بىر دىنغا بويسۇنغان كىشى دېمەكتۇر. ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە يارىشا بىر دىنى چۈشەنچىسى بولىدۇ، ئۇلار ئۆزى چۈشەنگەن، ئىشەنگەن دىنىنىڭ دىندارى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىرىدا: ‹‹ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ﷲ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›› دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، ‹ﷲ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ﷲ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟›. (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەربىر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ﷲ قا يۈزلىنىڭلار، ﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ﷲ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر». ﷲ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ﷲ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا گۇمان قىلىدۇ»-ئەئراف 7/27-30.
ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئازغۇنلار، ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا باشقا دوست، باشقا ئىلاھلارنى ۋاسىتە قىلىشىدۇ. توغرا دىن، فىترەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنساننى فىترەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرسەك، ئىنسانلارنىڭ ئۈچ تۈرگە ئايرىلدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىر قىسمى فىترەتكە ئۇيغۇن ماڭغانلار. بىر قىسمى، فىترەتكە قارشى چىققۇچىلار. يەنە بىر قىسمى، ئوتتۇرىدا قارارسىز قالغانلار.
1-               فىترەتكە ئۇيغۇن ماڭغانلار
بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقلىرىنى»[5] سۆزلەيدۇ. «ئىبادەت» لۇغەتتە ئىتائەت قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئىتائەت، بويۇن ئېگىش دېمەكتۇر. ھەم «ئەمىرگە بويسۇنماق، ئىزىدىن ماڭماق» مەنىلىرىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ. تۈرۈكچىدە بۇنى قۇللۇق قىلماق دېيىلىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىق دېمەكتۇر. مانا بۇ ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. فىترەت ھۆر، ئەركىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن، ئىنسانلار كۈچى يەتكەنلەرنى ئۆزىگە قۇل قىلشقا، كۈچى يەتمىگەنلەرگە قۇل بۇلۇشقا يېقىن مەخلۇقلاردۇر. ئىنسان بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۈستىگە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارغا دۇچ كېلىشكە باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىدىن كەلگەن بۇ بېسىملار ئۇنى زېھنى ۋە ھېسسى تەرەپتىن قۇللۇققا ئىتتىرىدۇ. ھالبۇكى، بۇلار فىترەتنى بۇزۇشقا قارىتىلغان بېسىملاردىن ئىبارەتتۇر.  
فىترەت بىردەكلىكىنى ساقلاش زۆرۆردۇر. فىترەت دېگىنىمىز، مەۋجۇداتلارنىڭ ئاساسىنى ۋە بۇ ئاساسنى شەكىللەندۈرگەن يارىتىلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىيات پرىنسىپى ۋە قانۇنلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىنسانلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئاسمان-زېمىننڭ ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسى ۋە ھەرىكىتى بۇنىڭغا قارىتا بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆزىدە ۋە ئەتراپىدا كۆرىۋاتقان ئايەتلەر فىترەت ئايەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان بولسا فىترەتنىڭ «كالامغا» ئايلانغان شەكلىدۇر.
ئىمتىھان، سىناقلار ئەركىن مەيداندا بولىدۇ. ئىنسان، قارار چىقارغاندىمۇ، ئىجرا قىلغاندىمۇ ھۆردۇر. ئۇ فىترىتىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن قىلمىشلىرىنىڭ ياخشى، يامانلىقىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. ئۇ ئۆزىگە مەجبۇرى قىلىنغان ئىشلاردىن سۇئال-سوراق قىلىنىمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىنسان ئىگەن بولغان ئۈچ نەرسە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بىرىنچىسى- قارار چىقىرىش ئەركىنلىكىدۇر. ئىنسان ئەقىل ۋە قەلبىگە ئىگە بىر جانلىقتۇر. ئۇنىڭ قەلبى قارار چىقىرىش ئورگانى، ئەقىل ئۇنىڭ يېنىدا فىترەتكە ماسلاشمىغان نەرسىلەرنى شاللاپ چىقىرىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن مۇتەخەسسىستۇر. قارار ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسا، فىترەتكىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ. ئەقىل بىر خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاسان چۈشىنىلىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ.
ئەقىل ۋە قەلب ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئەركىن بولغان ساھەسىدۇر. بۇ يەردە چىقىرىلغان قارارغا ھېچكىم ئارلىشالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ﷲ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ﷲ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»-بەقەرە 2/284.
دىلدا مەۋجۇت بولغان نەرسە بىلەن دىلغا كىرگەن نەرسە ئوخشاش ئەمەس. دىلدا مەۋجۇت بولغان نەرسە، ئىمان، كۇپۇر، نەپرەت، ئاداۋەت، ياخشى نىيەت قاتارلىق نەرسىلەردۇر. دىلغا كىرگەن نەرسىلەر بولسا، شەيتان ۋەسۋەسىسى، ھېس-تۇيغۇلار، ئارزۇ-ئۈمىد قاتارلىق نەرسىلەردۇر. دىلدا مەۋجۇت بولغان نەرسىلەرگە تۇسقۇنلۇق قىلىش مۇمكىن، لېكىن دىلغا كىرگەن نەرسىلەرنى تۇسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
دىننىڭ جەۋھىرى ئىماندۇر. ئىماننىڭ ئاساسى بولسا، ئۇنى چىن قەلبىدىن تەستىقلاپ، قۇبۇل قىلىشتۇر. قەلبتىكى تەستىقنى بىر ئۇ كىشى ۋە بىر ئاللاھ بىلىدۇ. قەلب ئىنساننىڭ ئەڭ ئەركىن بولغان يېرىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھېچكىمنى بىر ئېتىقادنى قۇبۇل قىلىشىغا ياكى ئىنكار قىلىشىغا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ فىترەتكە مۇخالىپ بىر ئىشتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ تىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ قا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-بەقەرە 2/256.
ئىنسان بىر ئىبادەتكە مەجبۇرلانمايدۇ. چۈنكى ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت كېرەكتۇر. نىيەت بولسا، بىر نەرسىگە قەلبىدىن قارار بېرىشتۇر. «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر». بىر ئىبادەتنىڭ نېمە مەقسەتتە قىلىنغانلىقىنى، ئىبادەتنى قىلغۇچى ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ھەر قانداق ئىبادەت نىيەتسىز قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىبادەت مەجبۇرى قىلىنمايدۇ. بىر كىشىنى مەجبۇرى ناماز ئۇقۇتقىلى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ نىيەت قىلمىسا ناماز ئۇقۇمىغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىكاردىن بىكار ئولتۇرۇپ، قوپقان بولىدۇ. بۇنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى بولمايدۇ.
ھەرقانداق بىر ئىشتا يول كۆرسەتكۈچى شەيئى، ئىنساننىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا، قەلبىدە مۇستەھكەم ئىمانى بولغان كىشى، ھەرخىل بېسىملار ئاستىدا كۆرۈنۈشتە ئىمانىغا قارشى ھەرىكەت قىلسىمۇ جاۋابكار بولمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى ﷲ قا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ اﷲ نىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ»-نەھل 16/106.
ئىككىنچىسى- ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش.
چوڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تاماكا چەككەن بالىغا ئوخشاش فىترەتكە خىلاپ ئىشلارمۇ ئىنساننى جەلب قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
« ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى ، روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ»-شەمس 91/8-10.
فىترەتكە قارشى ئىش قىلغان كىشى ئاۋۋال تىڭىرقايدۇ، ئاندىن يا ۋاز كېچىدۇ يا داۋام قىلىدۇ. ئۇنى تىڭىرتىپ قويغان نەرسە، بىر تەرەپتىن «ئاللاھنىڭ نەپسكە ئىسيانكارلىقنى ئىلھام قىلىشى»، يەنە بىر تەرەپتىن «خاتالىشىۋاتسەن» دەپ ئاگاھلاندۇرىشىدۇر. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنى تۆۋبە قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
تەقۋا- ئۆزىنى يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىن قوغداش دېمەكتۇر. بۇ ياخشى بىر ئىشتۇر. ياخشى ئىشلار ئىنساننىڭ قەلبىنى راھەتلىتىدۇ. بۇ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا كەلگەن بىر ئىلھام يەنى «نەپىسكە تەقۋالىقنى» ئىلھام قىلىشىدۇر.
«ۋابىسە ئىبن مەئبەد مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ يېنىغا بارغان ئىدىم. ئۇ، «ياخشىلىق ۋە گۇناھلار ھەققىدە سوراشقا كەلدىڭمۇ؟» دېدى.
ھەئە دېدىم.
ئۇ، بارماقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆكسىمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم مۇنداق دېدى: قەلبىڭ بىلەن كىڭەش، نەپسىڭ بىلەن كىڭەش. ياخشىلىق، نەپىسنى ۋە قەلبنى خاتىرجەم قىلغان نەرسىدۇر. گۇناھ،  قەلبىڭنى ۋە نەپسىڭنى بىئارام قىلغان نەرسىدۇر».
 توغرا قارار چىقارغان كىشىنىڭ ئىچى راھەتلىنىدۇ. قارارىنى ئىجرا قىلغاندا ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ. خاتا قارار ھەم قارار چىقارغاندا، ھەم ئىجرا قىلغاندا ئىنساننى بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ فىترەتكە مۇخالىپتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
« ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ»-بەقەرە 2/277.
ئۈچىنچىسى- تەزەككۇر/ خاتىرلىماقتۇر.
ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيادىكى ئايەتلەر/دەلىللەردىن ئالغان مەلۇماتلارنى زېھىنىدە ساقلاش ۋە ھەر ۋاقىت قوللىنىشقا تەييار قىلىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ مەلۇماتلارنى زىكىر (ئەسلەش،خاتىرىلەش) دېيىلىدۇ. ئۇنى تىلغا ئېلىش ۋە خاتىرلاشنىمۇ زىكىر دېيىلىدۇ. بۇ مەلۇماتلارنىڭ خاتالىرىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەر ئۇ خاتا مەلۇماتلارنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ. ئۇ مەلۇماتلاردىن توغرا بولغانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابى ئارىسىدا مۇكەممەل بىر باغلىنىش مەۋجۇت بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن قۇرئان ئوقۇغان ھەر بىر ئىنسان قەلبىدە، ئۇنىڭدىن بىر خاتىرجەملىق ۋە قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.
پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى تەزەككۇرگە چاقىرىدۇ. تەزەككۇر بولسا، زېھىندە ساقلانغان مەلۇمات ۋە بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش دېمەكتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ بۇتپەرەسلەرگە «تەزەككۇر قىلمامسىلەر؟»[6].دېگىنى، «فىترىتىڭلاردىن ئالغان بىلىمىڭلار بىلەن مىنىڭ سۆزلىرىمنى سېلىشتۇرۇپ، قىلغان خاتالىقلىرىڭلارنى كۆرمەيۋاتامسىلەر» دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزلەر ئۇلارنى قەلبلىرىدىن ھېساب ئېلىشقا چاقىرماقتا.
فىترەتتىن ئېلىنغان توغرا بىلىملەرنى زېكىر دېيىلگەندەك، ئىلاھى كىتابلارنىڭ ئورتاق ئىسمىمۇ «زىكىر» دېيىلىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
« بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ[7]»-رەئد،13/28.
ئاللاھ تائالا قۇرئان توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز»-ھىجر، 15/9.
ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئىنسانلاردا ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان توغرا مەلۇماتلارنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكەنلىكلىرى ۋە توغرىلارنى سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جەلىب قىلالىغان.
بەلكى ھەممە ئادەمگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەبلىغى يەتمەسلىكى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئىنسانلار ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى، بىر ئەلچىنىڭ تەبلىغى يەتكەنلەر، ئىككىنچى قىسمى، مۇنداق بىر تەبلىغ يەتمىگەنلەر.
داۋامى بار…   
ئابدۇل ئەزىز بايىندىر – قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك خاتالىقلار
 
        
     
 


[1]– ئىسمائىل ئىبن ھامماد جەۋھەرىنىڭ، «سىھاھ» ناملىق كىتابنىڭ «دىن» ماددىسىدىن ئېلىندى.

[2]– جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبن مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت باسمىسى، «دىن» ماددىسى.

[3]– مۇھەممەد مۇرتازا زەبىدى،« تاجۇل ئارۇس» ناملىق كىتاب، 1889-يىل مىسىر باسمىسى، «دىن» ماددىسى.

[4]– قامۇس تەرجىمىسى، «دىن» ماددىسى.

[5]– ھۇد 11/2، 26. يۇسۇف 12/40. ئىسرا 17/23. فۇسسىلەت 41/14. ياسىن 36/60-61. ئەھقاف 46/21.

[6]«تەزەككۇر قىلمامسىلەر؟» دېگەنلىك «مېنىڭ كۆرگەنلىرىمنى سىلەرمۇ كۆرۈۋاتىسىلەر، ئۇلارنىڭ كائىناتنى باشقۇرۇشتا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى سىلەرمۇ چۈشەنگەنسىلەر. بۇ بىلىمىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ؟» دېگەنلىك بولىدۇ. ئەنئام،6/80. قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى، ئەنەس ئالىم ئوغلۇ.

[7]– «ئاللاھنىڭ زىكرى» قۇرئاندۇر (ھىجر 15/9). ئىمان-ئېتىقاد، ئەمەل-ئىبادەت، ئەدەپ-ئەخلاق، مۇئامىلە-مۇناسىۋەت ۋە تەسەۋۋۇر-قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن كۇپايىلەنگەن كىشى «قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپقان كىشى»دۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر