مۇسۇلمانلار

ئىنسان ۋە ئاللاھ

ھەر قانداق ئىنسان ئاللاھنى بىلىدۇ
يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَاللّهُ أَخْرَجَكُم مِّن بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لاَ تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ الْسَّمْعَ وَالأَبْصَارَ وَالأَفْئِدَةَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ».
« اﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اﷲ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى»-نەھل 16/78.
ئاللاھ تائالا كاپىرلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
(الَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِن بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الأَرْضِ أُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ).
«پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. اﷲ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر»-بەقەرە 2/27.
دۇنياغا، ھېچبىر نەرسىنى بىلمىگەن ھالەتتە كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھقا قايسى ۋاقىتتا ۋەدە بەرگەنلىكىمىزنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ مەسىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
(وَلاَ تَكُونُواْ كَالَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَاخْتَلَفُواْ مِن بَعْدِ مَا جَاءهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَأُوْلَئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ.  يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكْفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُواْ الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ).
«روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، بەزى يۈزلەر (يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر (يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى) قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»-ئال ئىمران 3/105-106.
«كفر/كاپىر بولماق» سۆزى لوغەتتە- يۇشۇرماق، ياپماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن يۇقىرىدىكى ئايەت كاپىرنىڭ ئۆزىنىڭ فىترىتىدىكى ئىماننى يۇشۇرۇپ كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئەلمىساقتا ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن جەھەننەم ئازابىغا لايىق بۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنى ئىنسان ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەسلىيەلمىسە بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلە ئىنسان ئۈچۈن مۇھىمدۇر. چۇقۇم ئۇ چاغدا بەرگەن ۋەدىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆگىنىشى كېرەك.  
ئىنسان بۇ فىترەتتىكى ئىمانغا قايسى ۋاقىتتا ئىگە بولغانلىقىنى ۋە ئاللاھقا قايسى ۋاقىتتا ۋەدە بەرگەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز.
(وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ قَالُواْ بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُواْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ.  أَوْ تَقُولُواْ إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ.  وَكَذَلِكَ نُفَصِّلُ الآيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ).
«ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز»-ئەئراف 7/172-174.
ئەلمىساقتىكى ئاللاھ ۋە ئىنسان ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېيىلگەن ھادىسە ئىنساننىڭ روشەن ھالدا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ۋە بىرلىكىنى قۇبۇل قىلغانلىق ھادىسىسىدۇر. يۇقىرىدىكى ئايەت بۇ ۋەقەنىڭ ئادەم بالىلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۇشتىدىن چىقىرىلغان ۋاقىتتا ھەقىقى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئۇ ۋەدە بىز ئاتىمىز ئادەمنىڭ ئۇمۇرتقىسىدىن ئېلىنغان ۋاقىتىمىزدا بېرىلگەن.  
ئىنسان بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا كۆزىتىش ئارقىلىق مەخلۇقاتلارنىڭ بىر ئېگىسىنىڭ ۋە بىر ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ، ھەمدە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەتراپىنى يامغۇردەك سۇئالغا تۇتىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ۋە بارلىق نەرسىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ. ئۇ كۆزىتىشلىرى نەتىجىسىدە خۇددى ئاللاھ ئۆزىدىن  «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ؟» دەپ سوراۋاتقاندەك، ئۇمۇ تۇلۇق ئىشەنچ بىلەن «ھەئە، سەن مېنىڭ رەببىم، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىۋاتقاندەك ھېسياتتا بولىدۇ.
ئادەم نەسلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ پۇچتىدىن ئېلىنىشى، نەسىلنى داۋام قىلدۇرىدىغان تۇخۇمنىڭ ئېلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن يېتىلىدۇ ۋە نەسىل قالدۇرالايدىغان ياشقا كېلىدۇ. ۋەدىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئېلىنىشى بولسا ئىنساننىڭ ئۇ ياشقا كەلگەندە كەسكىن بىر قارارغا كېلەلەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. تەپەككۇر ۋە كۆزىتىشلەر ئۆلگۈچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاش ئەھۋاللار تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى، ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭ ياراتقانلىقىنى ۋە بىر شېرىكىنىڭ يوقلىقىنى ناھايتتى ياخشى چۈشىنەلەيدۇ.
ئىنساننىڭ يېتىشكەن، بالاغەتكە يەتكەن زامانى ناھايتتى مۇھىم بىر ۋاقىتتۇر. چۈنكى پۈتۈن مەسئۇلىيەت بۇ ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ئاتىلىرى ياكى ئەتراپىدىكى ھەممە ئىنسان قارمۇقارشى سۆزلىسىمۇ ئەقىل ۋە جىسمانى تەرەپتىن بالاغەتكە يەتكەن ئىنسان ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە، ئۇنىڭ، ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ھالدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئەسلى مەقسەت ئاللاھنىڭ ئىنسان ھاياتىدا قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدۇر. مۇشرىكلار ئاللاھنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن يا ئۆزلىرىنى ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھلاشتۇرۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئوخششى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار «ئاللاھقا بەرگەن قەتئىي ۋەدىلىرىنى بۇزغان، ئاللاھنىڭ بىرلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان ئەمرىنى تاشلاپ قويغان بولىدۇ».
ئىنسان ھەممە نەرسىدە ئاللاھقا قەرزدار بولسا، ئۇنىڭ تەلەپلىىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. بىرلەشتۈرۈشكە بۇيرۇلغان نەرسە مۇشۇ ئىشتۇر. ئۇ، ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلسا ئاللاھ بىلەن ئوتتۇرىغا كىرگەن ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كىسىپ تاشلايدۇ ۋە ئىنساننى مۇشرىكلاردىن قىلىدۇ.
قۇرئاندا ھەر قانداق نەرسىنىڭ مىسالى باردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
(وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَذَا الْقُرْآنِ مِن كُلِّ مَثَلٍ لَّعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ).
« بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق»-زۇمەر 39/27.
بۇ مەسىلىنىڭ مىسالى بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر مۇشرىك بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە قۇدرىتى ھەققىدە قانداق قەتئىي قارارغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
(وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلاَلٍ مُّبِينٍ.  وَكَذَلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ.  فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لا أُحِبُّ الآفِلِينَ.  فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِن لَّمْ يَهْدِنِي رَبِّي لأكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ.  فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَذَا رَبِّي هَذَآ أَكْبَرُ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ.  إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ حَنِيفًا وَمَا أَنَاْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ.  وَحَآجَّهُ قَوْمُهُ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللّهِ وَقَدْ هَدَانِ وَلاَ أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلاَّ أَن يَشَاء رَبِّي شَيْئًا وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا أَفَلاَ تَتَذَكَّرُونَ).
«ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان اﷲ نى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى. ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق. ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى. ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى. ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن. مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى اﷲ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن اﷲ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ اﷲقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر!»-ئەنئام 6/74-80.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنى قايتا ئويلىنىپ باقايلى:
«ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى».
بارلىق ئىنساننىڭ سۆزلىگەن بۇ سۆزى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ«ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن. مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم…» دېگەن سۆزى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئاتىسىنىڭ بۇتىنى ياقتۇرمىغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلار ئاسمان جىسىملىرىگە چۇقۇنىدىغان ئىدى. يۇلتۇز ۋە ئاينى بىر ئىلاھ ھىسابلايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسالام كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى ۋە مۇنداق دېدى:
«ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى».
بۇ يەردىكى «پەرۋەردىگارىم» دېگىنى ئاللاھتۇر. ئاللاھ چوڭ تەڭرى، باشقىلىرى كىچىك تەڭرىلەر ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسالام مۇشۇنداق دېگەن بولسىمۇ،  مۇشرىك بىر قەۋمنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ «ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى.
قۇياشمۇ پىتىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىدا شۈبھە قىلمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆسۆپ يېتىلگەن قەۋمنىڭمۇ ئاللاھ مەسىلىسىدە شۈبھىسىنىڭ يوقلىقىنى، باشقا مەخلۇقلارنى ئىلاھ دېگەندىمۇ بىر دەلىلگە تايانمىغانلىقى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار باشقا ئىلاھلارغا چۇقۇنغاندا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشنگەنلىكىگە ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن چۇقۇنىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناھىۋەتلىك سۆزلىرى مۇنداق:
(وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ).
«ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، اﷲ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى اﷲ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)،سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»- ئەنكەبۇت 29/25.
ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر