ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 22/05/2017
مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلىشى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ
﴿إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤدُّواْ الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُواْ بِالْعَدْلِ إِنَّ اللّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا﴾
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.»- نىسا 4/58.
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَخُونُواْ اللّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُواْ أَمَانَاتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار»- ئەنفال 8/27.
﴿إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالإِحْسَانِ وَإِيتَاء ذِي الْقُرْبَى وَيَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ﴾
« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ھاياسىزلىقتىن، يامانلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن توسىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتۇپ ئەمەل قىلغايسىلەر!»- نەھل 16/90.
ئىسلام دىنى مۇتلەق مەنىدە ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ، ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن توسىدۇ. بۇ دىن بىلەن شەرەپلىنىپ مۇسۇلمان دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان كىشى ھەر ئىشتا ئادالەتنى ئاساس قىلىدۇ، زۇلۇمدىن يىراق تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زالىم بولسا زۇلۇمدىن توسۇش بىلەن، مەزلۇم بولسا يېنىدا تۇرۇش بىلەن ياردەم قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»[1].       
«قېرىندىشىڭ زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن»، دېگەندە، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنا، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، بۇ ھەقىقەتەن ئۇ ئۇنىڭغا ياردەم ھېسابلىنىدۇ»[2].
ئەسلىدە مۇسۇلمان يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرگە بويسۇنۇپ زۇلۇمدىن يىراق تۇرغان كىشىدۇر، لېكىن بەزى مۇسۇلمانلار مەنپەئەت ئارزۇسى بىلەن ئەقلىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ، نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدۇ، بارغانسېرى قەلب قارىيىدۇ، ئىمان سۇسلىشىدۇ، سەمىمىيەت تۈگەيدۇ، نىيەت بۇزۇلىدۇ. بۇلار تولا چاغدا ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدە يالغان، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە رەزىللىك ۋە قارار-ھۆكۈملىرىدە زۇلۇم بولۇپ ئەكس ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن بەزىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمۇ «نېسىۋە» ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:
ئا- يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش
يېتىم ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن نارەسىدە بالىدۇر. ئۇنىڭ ئاتىسىدىن قالغان مىراستىن ئالىدىغان ھېسسىنى بەرمەسلىك ياكى تولۇق بەرمەسلىك، ئوبدان نەرسىسىنى ناچار نەرسىگە تېگشىۋېلىش، مېلىنى ئۆزىنىڭ مېلىغا قوشۇپ تىجارەت قىلىپ پايدا ئايرىپ بەرمەسلىك ياكى ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىك ۋە ياكى زىياننى ئىتتىرىپ قويۇش قاتارلىقلار يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَى ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا»
«يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ»- نىسا 4/10.
ئە- يەر ئىگىلىۋېلىش
 يەر ئىگىلىۋېلىش باشقىسىنىڭ يېرىگە كىرىۋېلىش، يەر پاسىللىرىنى ئۆزگەرتىش، باشقىسىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش، قوشۇۋېلىش، پاسىلغا دەرەخ سېلىش ئارقىلىق يەر قوشنىسىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىندىن ئۇ بىر غېرىچ يەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا چەمبىرەك شەكلىدە ئوراپ قويىدۇ»[3].
 ب- ئىشچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك ياكى كەم بېرىش
ئايلىق مائاشقا ئىشلەيدىغان ئىشچىنىڭ ياكى كۈنلۈك ئىش ھەققىگە ئىشلەيدىغان كۈنلۈكچىنىڭ ۋە ياكى بىرەر ئىشنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك، كېچىكتۈرۈش، كېمەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇمدۇر.
ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئىشچىنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ تەرى قۇرۇماستىن بېرىۋېتىڭلار» دېگەن[4].
پ- ھەقلەرنى ئادا قىلىشنى ئارقىغا سۈرۈش
بۇ ئۆتنىنى ياكى قەرزنى ۋە ياكى نېسى ئالغان نەرسىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمەسلىك بىلەن بولىدۇ. بۇمۇ بىر زۇلۇمدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «تۆلەش ئىمكانىيىتى بار ئادەمنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سۈرۈپ ۋاقتىدا بەرمەسلىكى، زۇلۇم سالغانلىق بولىدۇ. بىر كىمنىڭ بىر ئادەمدە ئېلىشى بولۇپ، قەرزدار ئادەم ئۇنى بىر باي كىشىنىڭ بېرىپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلسا، ئۇ بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ»[5].
ت- ئالداش
ئېلىم-سېتىمدا قارشى تەرەپنىڭ خەۋەرسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا سېتىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ سېتىش، ھۈنەر-سەنئەتتە ساختىپەزلىك قىلىش، ئىشنى تەلەپكە لايىق قىلماسلىق، ئىش بەرگۈچىنىڭ ئىشەنچىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىش ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار زۇلۇمدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنى ئالدىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»، «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»[6].
ج- بىئارام قىلىش
شەھەردە، ئادەملەر زىچ ئورۇنلاشقان جايلاردا ۋە قەۋەتلىك بىنالاردا گۈلدۈر-گۇپپاڭ قىلىش، توي-تۆكۈنلەردە كېچىنىڭ بىر مەھەلىگىچە داقا-دۇمباق چېلىش، ۋارقىراپ–جارقىراش، ئىنسان توشۇۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، يوللاردا ماشىنىنىڭ مىكروفونىنى يۇقىرى ئېچىپ قويۇپ بىر نەرسە ئاڭلاش، ناخشا توۋىلاپ مېڭىش، ئىنسانلار مېڭىۋاتقان يوللاردا ماشىنا، موتوسىكلىت ۋەھاكازالارنى تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەش، ئېھتىياجدىن ئارتۇق سىگنال چېلىش قاتارلىقلار بىئارام قىلغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، يول ۋە كوچا-كويلارغا، سۇ بويلىرىغا، دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىگە تەرەت سۇندۇرۇپ قويۇش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، قالايمىقان نەرسە ۋە ئەخلەت-چاۋارلارنى تاشلاش، ئومۇمىي سورۇنلاردا بۇرنىنى كولاش، چىشىنى كولاش، قۇلىقىنى كولاش، تىرنىقىنى كولاش، بەلغەم چىقىرىش، ماڭقىسىنى تارتىش، يەل قويۇۋېتىش، خورەك تارتىش، ئۈستىگە پۇراقلىق نەرسە سۈرۈپ ياكى پۈركۈپ بېرىش قاتارلىقلار بىئارام قىلغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ، زىيان سالىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيانتارتىشقا بولمايدۇ»[7].

[1] بۇخارى، سەھىھ، مەزالىم 244، ئىكراھ 6951؛ مۇسلىم، سەھىھ، بىرر ۋە سىلە 32 (2564)، 58 (2580)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن. ئەدەب 4893؛ تىرمىزى، سۇنەن، ھۇدۇد 1426، بىرر ۋە سىلە 1927.

[2] بۇخارى، سەھىھ، مەزالىم، 2443، 2444، ئىكراھ 6952؛ ممۇسلىم، سەھىھ، بىرر ۋە سىلە 62 (2584)؛ تىرمىزى، سۇنەن، فىتەت، 2555.

[3] بۇخارى، سەھىھ، بەدئۇلخەلق 3198؛ مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 139 (1610).

[4] ئىبىن ماجە، سۇنەن، رۇھۇن 4، 2443.

[5] بۇخارى، سەھىھ، ھەۋالات 2287، 2288؛ مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 7، 33 (1564)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ 3345؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 1308؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 4691؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، سەدەقات 8، 2403، 2404.

[6]مۇسلىم، سەھىھ، ئىمان 164؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ 52؛ ئىبىن ماجە،  سۇنەن، تىجارەت 36

[7] ئىبىن ماجە، سۇنە، ئەھكام 17/2340-2341؛ ئەھمەد، مۇسنەد 5/55-56؛ مالىك، مۇۋەتتا، ئەقدىيە 2758/600؛ بەيھەقى،  سۇنەنى كۇبرا، سۇلھ 11384.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ