مۇسۇلمانلار

كاپىر بىلەن مۇئامىلە

كاپىر بىلەن مۇئامىلە
كاپىردىن ھەق ئېلىپ ئىشىنى قىلىش
دىنىمىز ئىسلامدا، مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر يەردە ياشاش شەرت قىلىنمىغاندەك، مەلۇم بىر تەبىقىگە تەۋە بولۇپ شۇ تەبىقىنىڭ ئارىسىدا ياشاشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھەر قانداق رايوندا ياشىسا بولىدۇ، ھەتتا ھەر قانداق ماقام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشسە بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە يۇسۇف (ئە.س)نىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە دەسلەپتە مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىر (زۇڭلى) بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ زىكىر قىلىنىشى بىر مۇسۇلماننىڭ كاپىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ قىسسەنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يۇسۇف (ئە.س)غا ئوخشاش، بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغانلارنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مِكِينٌ أَمِينٌ. قَالَ اجْعَلْنِي عَلَى خَزَآئِنِ الأَرْضِ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ. وَكَذَلِكَ مَكَّنِّا لِيُوسُفَ فِي الأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاء نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَن نَّشَاء وَلاَ نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ﴾
«پادىشاھ: ‹ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن› دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: ‹شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن› دېدى. يۇسۇف: ‹مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن› دېدى. شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى[1]. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز»- يۇسۇف 12/54-56.
بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، مەزكۇر ئىشنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنمىگەن ئىش بولۇشى شەرتتۇر.             
كاپىرغا ھەق بېرىپ ئىش قىلدۇرۇش
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھەر جەھەتتىن پەرقلىق قىلىپ ياراتقان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك-ئاجىز، باي-نامرات، ئالىم-جاھىل، ھۈنەرلىك-ھۈنەرسىز… دېگەن سىنىپلار مەۋجۇت بولۇشى ئەمەلىيەت. ھەر كىشىنىڭ پۈتۈن ھۈنەرلەرنى بىلمەسلىكى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ ياسىيالمايدىغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئىشىغا، ھۈنىرىگە ۋە كەسپىگە موھتاج بولىدۇ.
دىنىمىزدا باشقىلارغا ھەق بېرىپ ئىشقا سېلىشتا لاياقەت ۋە ئىشەنچ ئاساس قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قَالَ اجْعَلْنِي عَلَى خَزَآئِنِ الأَرْضِ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ﴾
«يۇسۇف: ‹مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن› دېدى»- يۇسۇف 12/55.
﴿قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ﴾
«ئىككى ئايالنىڭ بىرى: ‹ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر› دېدى»- قەسەس 28/26.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ئەسناسىدا يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن پۈتۈشكەن يېتەكچىسى مۇشرىك ئىدى، لېكىن ئۇ يول باشلاشنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:
   ئائىشە (ر.ئە) مۇنداق دەيدۇ:… رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر مەككىدە چېغىدا ئابدۇ ئىبنى ئەدى قەبىلىسىدىن ماھىر بىر يېتەكچىنى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ھەق بېرىپ ماقۇللىشىپ قويغان ئىدى. بۇ كىشى قۇرەيش كاپىرلىرىنىڭ دىنىدا ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر ئۇ كىشىگە ئىشىنىپ تۆگىلىرىنى تاپشۇرغان ۋە ئۈچ كېچىدىن كېيىن تۆگىلەرنى ئېلىپ سەۋر غارىغا كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. بۇ كىشى ۋەدىلەشكەن بويىچە تۆگىلەرنى ئېلىپ ئۈچىنچى كېچىنىڭ ئەتىگىنى سەۋر غارىغا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن بىرلىكتە ئامىر ئىبنى فۇھەيرەمۇ ماڭدى. ھېلىقى يېتەكچى بۇلارنى ساھىللار يولىدىن ئېلىپ ماڭدى[2].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشىنى باشقىسىغا ھەق بېرىپ قىلدۇرماقچى بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىشچىدا لاياقەتلىكنى، ئىشەنچنى ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلىشى لازىم، يەنى ئىشچى شۇ ئىشنى ئوبدان قىلالايدىغان، باشقىسىنىڭ مال-مۈلكىدە ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىدا كۆزى بولمىغان، مۇۋاپىق ھەق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئۇستا بولسا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمان ئىشچىلارنىڭ ھۇرۇنلۇقتىن، بوشاڭلىقتىن ۋە تەييارتاپلىقتىن ساقلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىلىم-بىلىمدە، ھۈنەر-سەنئەتتە ۋە ئىش-خىزمەتتە ئىلگىرىلەپ، ھەر تۈرلۈك رىقابەتتە ئالدىدا ماڭالايدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
ئەگەر بىر ئىشنى قىلىدىغان ئىككى ئىشچىنىڭ بىرى مۇسۇلمان، يەنە بىرى كاپىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاياقىتى، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە تەلەپ قىلىدىغان ئىش ھەققى ئوخشاش بولسا، بۇ تەقدىردە ئىشنى مۇسۇلمان ئىشچىغا بېرىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئىسلامىي قېرىنداشلىققا ئىككى تەرەپ ھېچقانداق زىيان-زەخىمەتكە ئۇچرىماستىن رىئايە قىلىنغان بولىدۇ.

[1]– يۇسۇف (ئە.س) باشتا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، كېيىن ئەزىز (باش مىنىستىر) بولغان، بۇنى بۇ ئايەت ۋە بۇ سۈرىنىڭ 78- ۋە 88- ئايەتلىرىدە يۇسۇف (ئە.س)نىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «ئەزىز» دەپ خىتاب قىلىشى كۆرسىتىدۇ.

[2]بۇخارى، مەناقىب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنىڭ بابى، 3905.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر