مۇسۇلمانلار

كاپىر بىلەن ياشاش

غەيرىيمۇسلىملارنىڭ ئارىسىدا ياشاش
1) جەمئىيەت ۋە مۇسۇلمان
ئىنسانلار يارىتىلىشىنىڭ تەقەززاسى بويىچە توپلىشىپ ياشايدىغان جانلىقلاردۇر. ھەر توپلۇق بىر جەمئىيەتتۇر، ھەر جەمئىيەت تۈرلۈك ئېتىقاد، خىلمۇخىل كۆزقاراش ۋە پەرقلىق تىللارغا ئىگە بولغان پەرقلىق ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ شەكىلدە نۇرغۇلىغان جەمئىيەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ھەر جەمئىيەتنىڭ ھەممەيلەين رىئايە قىلىدىغان   ئالاھىدە پىرىنسىپ ۋە نىزاملىرى، قوغدايدىغان تەۋەررۈكلىرى ۋە رىئايە قىلىدىغان ئادەتلىرى بولىدۇ. ھەر ئىنسان ئۆز جەمئىيىتىدە ھاياتىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈن ئۇ پىرىنسىپ-نىزاملارغا بويسۇنىدۇ، تەۋەررۈكلەرنى قوغدايدۇ ۋە ئادەتلەرگە رىئايە قىلىدۇ.
مۇسۇلمان قانداق جايدا ۋە قانداق جەمئىيەتتە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلەرگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدى قاتاردا ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ياخشى ئۇسلۇب، گۈزەل ئۇسۇل ۋە مەدەنىي يول بىلەن بولىدۇ.
ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدە ئەخلاقىدىكى گۈزەللىك، مۇئامىلىسىدىكى دۇرۇسلۇق، مۇناسىۋىتىدىكى مەرھەمەت، ھۆكۈملىرىدىكى ئادىللىق، سۆزلىرىدىكى دادىللىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقىلارغا ئۆرنەك بولىدۇ. ئوساللىق، قوپاللىق، ساختىلىق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، ھەر كىشىنىڭ ئىشەنچىسىنى قازىنىدۇ.
2) زالىم ۋە مۇسۇلمان
جىھادنىڭ قورال-ياراغ بىلەن قىلىنىدىغان قىسمىنى قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان يەنى تەلەپكە لايىق قۇۋۋىتى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىي كۈچى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە مۇسا (ئە.س)نىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى پىرئەۋنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى مىسال بولىدۇ.
پىرئەۋن ئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ دىكتاتور ۋە زومىگەر بىر پادىشاھى ئىدى، ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، ئۇ خەلقلەرنى ئالداپ ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ئىدى. ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ ئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُّبِينٍ. إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُواْ أَمْرَ فِرْعَوْنَ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانىمۇ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر پىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»- ھۇد 11/96-97.
ئاللاھ تائالا تائالا مۇسا (ئە.س)نى پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي. اذْهَبَا إِلَى فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَى. فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَى﴾
«ئى مۇسا! سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقىڭلار، ئەمر-پەرمانلىرىمنى يەتكۈزۈشتە بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئۆزىنى تۈزىتىشى مۇمكىن»- تاھا 20/42-44.
ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ مۇسا (ئە.س)نىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَنَادَى فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي أَفَلَا تُبْصِرُونَ؛ أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ. فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ﴾
«پىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن ئۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ قەدىرسىز ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بىرىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟›»- زۇخرۇف 43/51-53.
ئەنە شۇنداق بىر زالىمنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشقا مۇجبۇر قالغان بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلار:
ئا) ھوشيار بولۇش ۋە دىققەت قىلىش
پىرئەۋن مۇسا (ئە.س)نى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقاتماقچى بولغان، لېكىن پىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باھانە بولىدىغان ھېچقانداق ئىش تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقىل-ھوشىنى يوقىتىپ قويغان ۋە ئۆز قەۋمىدىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَى وَلْيَدْعُ رَبَّهُ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ﴾
«پىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن›»- مۇئمىن 40/26.
پىرئەۋن مۇسا (ئە.س)نى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا (ئە.س) پىرئەۋنگە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، پىرئەۋننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلىپ بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. مۇشۇنداق بولغاندا پىرئەۋن ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشقا سەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ﴾
«بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» يۇنۇس 10/84-87.
پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەكشۈرگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى، مۇسا (ئە.س) تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان.
نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، مۇھەممەد (ئە.س)لارنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋە ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (ئە.س)مۇ بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان 13 يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگە مۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.
دېمەككى، مۇسۇلمان ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ھېسسىياتچانلىق قىلىپ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە يېقىنلىرىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ، ھەتتا مەجبۇر قالغان چاغلىرىدا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، زالىمغا باھانە تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىدۇ.  
ئە) ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك
ئاللاھ تائالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا﴾
«ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ[1]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/148.
يەنى ئاللاھ بىرىمىزنىڭ باشقا بىرىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ (تەبەرى تەپسىرى 9/343).
مۇسا (ئە.س)مۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ مُوسَى رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَى أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّى يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ﴾
«مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز! سەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال-مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن»- يۇنۇس 10/88.
نۇ ھ (ئە.س)مۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا. إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا. رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا﴾
«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويما! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇز كورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە مەغپىرەت قىل، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە زىيادە قىلما!»- نۇھ 71/26-28.
ب) زۆرۈر تېپىلسا مۇسۇلمانلىقنى يوشۇرۇشقا بولىدۇ
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا. هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفًا أَنْ يَبْلُغَ مَحِلَّهُ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُؤْمِنَاتٌ لَمْ تَعْلَمُوهُمْ أَنْ تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُمْ مِنْهُمْ مَعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.
بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى چارىسىز قالغان مۇئمىنلارنىڭ، كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئايەتلەر مۇسۇلماننىڭ ھاياتتا قېلىشىنىڭ مەككىنىڭ فەتھىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
كۇپۇر سۆزنى قىلمىسا ھاياتىغا دەخلى يېتىش خەۋپى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا كۇپۇر سۆزنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويۇپ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِ إِلاَّ مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ﴾
«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كاپىر بولۇپ- قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلار مۇستەسنا- كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.
قۇرئان كەرىمدە «مۇئمىن سۈرىسى» دەپ بىر سۈرە بار (بۇ سۈرە غافىر سۈرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ سۈرىدە مۇسا (ئە.س)نىڭ ۋاقتىدىكى فىرئەۋننىڭ خانىدانىدا بىر مەخپىي مۇئمىننىڭ بارلىقى، فىرئەۋن مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دېگەن چاغدا ئۇ مۇئمىننىڭ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە نەسىھەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. خالىغانلار ئۇ سۈرىنىڭ 23- ئايىتىدىن باشلاپ 45- ئايىتىگىچە بولغان قىسمىنى (تەرجىمىسىنى) ئوقۇپ چۈشەنچە ھاسىل قىلغاي.  
ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ…﴾
فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى:…»- غافىر 40/28.
دېمەككى، ئىمان فىرئەۋندەك بىر زومىگەر پادىشاھنىڭ خانىدانىنىڭ ئارىسىدا يوشۇرغىلى بولىدىغان نەرسىدۇر.

[1] زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ؛ زالىمنىڭ زىيىنىغا، توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يامان سۆزلىرىگە، ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ بېرەلەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر