دېمىدە قىلىش
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 10/04/2017
دېمىدە قىلىش
جەمئىيەتتە نان، سۇ ۋە مېۋە قاتارلىق بىرەر نەرسىگە بەزى دۇئا ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ سۈپكۆچ قىلىش ئادىتى بار. بۇ ئىش دېمىدە قىلىش، دەم سېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى بەزىلەر ئۆزى قىلىدۇ، بەزىلەر باشقىلارغا قىلدۇرىدۇ، ھەتتا بەزى جايلاردا بەزىلەر مەسچىتنىڭ ئالدىدا بىرەر قاچىغا سۇ ئېلىپ مەسچىتتىن چىققان جامائەتكە تەڭلەپ تۇرىدىغان، چىققان ھەر كىشى قاچىنىڭ ئوچۇق ئېغىزىغا سۈپ ياكى سۈپكۆچ دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. بۇ ئىشنىڭ تېگىنى ئاۋام خەلق ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى «ئاخۇنۇم»لار، بولۇپمۇ بۇ ئىشنىڭ «نېنى يەپ» ئادەتلەنگەنلەر بۇ ئىشقا سۈرە يۇنۇسنىڭ 57ـ ئايىتى، سۈرە ئسرانىڭ 82- ئايىتى ۋە سۈرە فۇسسىلەتنىڭ 44 ـ ئايىتى قاتارلىق ئۈچ ئايەتنى دەلىل قىلىدۇ. ئەسلىدە مەزكۇر ئايەتلەر بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ دەلىل بولمايدۇ. تۆۋەندە ئۇ ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ﴾
«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن بىر نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە بىر شىپا، مۇئمىنلارغا بىر ھىدايەت ۋە بىر رەھمەت كەلدى»- يۇنۇس 10/57.
بۇ سۈرىنىڭ (يۇنۇس سۈرىسىنىڭ) 45- ئايىتىدىن باشلاپ 56- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرىدە ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار زىكىر قىلىنىدۇ. ئاندىن 57- ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ نەسىھەت، شىپا، ھىدايەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە قىلىنغان بايان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىش، شۇنداقلا ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئويلىماي ياشاش ئىمان ۋە ئەمەلدە ئازغۇنلۇق دېمەكتۇر.
قۇرئان كەرىم بۇ 57- ئايەتتە ئالدى بىلەن بۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا قارشى ئىنسانلارغا نەسىھەت قىلماقتا ۋە ئۇلارنى ۋاقىپلاردۇرماقتىدۇر. ئاندىن ھەر ئىنساننىڭ كۆڭۈل دۇنياسىدىكى مەنىۋى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا يۆنەلمەكتە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى پاكلاپ، ئۇ يەرگە توغرا ئېتىقاد ۋە ياخشى خىسلەتلەرنىڭ يەرلىشىشىگە سەۋەبچى بولغۇچى ھۆكۈملەرنى كەلتۈرمەكتىدۇر. ئاندىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ شىپا بولغۇچى ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلغان مۇئمىننىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈشىگە، ئەبەدىي نىجاتلىققا يۆنىلىشىگە، ھەق يولدا مېڭىشىغا رەھبەرلىك قىلماقتىدۇر، ئاخىرىدا بۇ كامال دەرىجىلىرىنى ھاسىل قىلغان مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالماقتىدۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسەن مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى تەرسالىق ۋە ئويلىمايلا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېتىش خۇيى بىلەن باشتىلا توغرا ۋە خەيرلىك نەرسىلەرگە «ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنلەر» قۇرئاننىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەرىم ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ. ئەئراف سۈرىسىنىڭ 179- ئايىتى بۇ ئەھۋالنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
﴿وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيراً مِّنَ الْجِنِّ وَالإِنسِ لَهُمْ قُلُوبٌ لاَّ يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لاَّ يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لاَّ يَسْمَعُونَ بِهَا أُوْلَـئِكَ كَالأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ أُوْلَـئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ﴾
«شۈبھىسىزكى، بىز جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئىشىتمەيدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا ۋە قويغا ئوخشاشتۇر. بەلكىدە، ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر»- ئەئراف 7/179.
دېمەككى، يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 57- ئايىتى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى دېمىدە قىلىپ ئىچىشكە دەلىل بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنى تاللاپ دېمىدە قىلىش ۋە قىلدۇرۇپ ئىچىش بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە خىلاپتۇر، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا زىتتۇر، ئەقىلگە، مەنتىقكە ۋە ئىلىمگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقتۇر.
2-﴿وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا﴾
«بىز نازىل قىلغان قۇرئان مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدۇ، زالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ»- ئىسرا 17/82.
ئىلگىرىكى (سۈرە ئىسرا 81- ) ئايەتتىكى «ھەق» قۇرئان كەرىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىپ كەلگەن دىن ھەق، بەرگەن مەلۇمات راست، كۆرسەتكەن يول توغرىدۇر. بەلكى قۇرئان كەرىم ھەقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەقنى يەنى پاك ئېتىقاد، ياخشى ئەمەل، دۇرۇس مۇئامىلە ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارلىق توغرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا باتىل ئېتىقاد، ساختا ئىبادەت، يامان مۇئامىلە، ناچار ئەخلاق قاتارلىق ناتوغرىلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 82- ئايەتتە قۇرئان كەرىم «شىپا ۋە رەھمەت» دەپ ئىپادىلەنگەن. تۆۋەندە بۇ ئىككى سۆزنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز:
1- «قۇرئان شىپادۇر» يەنى قۇرئان كەرىم دورىدۇر، كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا سەۋەب بولغۇچى نەرسىدۇر. بۇنىڭ مەنىسى: «قۇرئان مۇئمىنلارنى يەنى ئۆزىگە (قۇرئانغا) ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغانلارنى بۇزۇق ئېتىقاد، يامان نىيەت، نا توغرا چۈشەنچە ۋە خاتا تەسەۋۋۇر قاتارلىق روھىي كېسەللىكلەردىن، ئەمەل-ئىبادەتتىكى بىدئەت، ئەدەپ-ئەخلاقتىكى ناچارلىق، مۇئامىلە-مۇناسىۋەتتىكى ساختىلىق قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىكلەردىن ساقايتىدىغان ۋە ساقلايدىغان مەنىۋى دورىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
2- «قۇرئان رەھمەتتۇر» يەنى قۇرئان كەرىم ئىلاھى بىر ئىنئام، ئىلاھى بىر ئېھسان ۋە ئىلاھى بىر ئىلتىپاتتۇر. بۇنىڭ مەنىسى: «قۇرئان ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لايىق رەۋىشتە ئوقۇغۇچىلىرىغا ساۋاب قازاندۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر ۋە تەدەببۇر قىلغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن توغرا ئىلىمگە ئىگە قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا لايىق قىلىدىغان، تەسلىكىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان، خاتالىقلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىش، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىش ۋە يامانلىقلىرىنىڭ ياخشىلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلاھىي بىر ئىنئامدۇر» دېگەن بولىدۇ.
دېمەككى، قۇرئان كەرىم بەزى تەييارتاپلارنىڭ ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىش سەرمايىسى، بەزى ئالدامچىلارنىڭ سۈف-كۆچلەش قۇرالى، بەزى قىزىل كۆزلەرنىڭ ساددا مۇسۇلمانلارنى تۇزاققا چۈشۈرۈش يەمچۈكى ئەمەس. ئەكسىچە، قۇرئان مۇئمىنلارغا مەنىۋى شىپا، مۇتتەقىيلەرگە ھىدايەت رەھبىرى، مۇسۇلمانلارغا دەستۇردۇر.
ئۇنىڭ «شىپا» بولۇشى مانا مۇشۇنداق مەنىۋىدۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا قۇرئاننىڭ «زالىملارنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ»غانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ يەردىكى زالىملار تەرسالىق ۋە ئاڭسىزلىق بىلەن قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇلار ئۈچۈن قۇرئاننىڭ «شىپا ۋە رەھمەت» بولۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرئان ئۇلارنىڭ مەنىۋى زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاننىڭ ھەقىقەتلىرى شۇنچىزا ئوچۇق تۇرسىمۇ يەنىلا باتىل ئېتىقاد ۋە يامان ئەمەللىرىدە ئەزۋەيلىگەن. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئەنە شۇ ئەزۋەيلىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىۋى زىيىنىنى ئارتتۇرغان. 
3-﴿وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى أُولَئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ﴾
«ئەگەر بىز ئۇ قۇرئاننى ئەجەمچە بىر قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: ‹بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟› دەيتتى. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا بىر ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا بىر كورلۇقتۇر. ئەنە شۇلار يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقانكىشىلەرگە ئوخشايدۇ›.»- فۇسسىلەت 41/44.
سۈرە يۇنۇسنىڭ 57- ۋە سۈرە ئىسرانىڭ 82- ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك بۇ ئايەتتىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغان (مۇئمىنلار)غا مەنىۋى شىپا بولىدىغانلىقى، ئىشەنمىگەن ۋە ئىشەنچ قىلمىغان (كاپىرلار)غا مەنىۋى گاسلىق ۋە كورلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر ئۈچ ئايەتتىكى «شىپا»، بىر ئايەتتىكى «زىيان»، بىر ئايەتتىكى «گاسلىق» ۋە «كورلۇق» مەنىۋى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقانلار كېسەل بولمايدىغان ئىش يوق، قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىغانلار كېسەل بولۇپ يېتىپ كېتىدىغان ياكى نېمە ئىش قىلسا زىيان تارتىپ ئالدىغا ماڭالمايدىغان ۋە ياكى قۇلىقى ئىشتمەس، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدىغان ئىشمۇ يوق.
دېمەككى، بۇ تۆت ئەھۋال مەنىۋىدۇر، يەنى قۇرئان مۇئمىنلارنىڭ قەلبىدىكى شەك-شۈبھە، كۆڭلىدىكى يامان غەرەز، تەسەۋۋۇرىدىكى خۇراپات، چۈشەنچىسىدىكى جاھالەت ۋە نادانلىق پەردىلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى توغرا چۈشىنىدىغان، شۇنداقلا ئىككىلىسىدە بەختلىك ياشاش ئۈچۈن ساغلام ئېتىقاد بىلەن، شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدە، سالىھ (كېرەككە كېلىدىغان) ئەمەللەرنى قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. مانا بۇ قۇرئاننىڭ ئىچكى كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇشىدۇر.
شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىم مۇئمىنلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىق، مۇئامىلىسىدىكى ئوساللىق، سۆز-ھەرىكىتىدىكى يامانلىق قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ ئۇلارنى ئەخلاقى گۈزەل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، سۆز-ھەرىكىتى ياخشى ئالىيجاناب كىشىلەر ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تاشقى كېسەللىكلەرگە شىپا بولۇشىدۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئەنە شۇنداق شىپا بولۇشىنىڭ ماھىيىتىنى بىلمەكچى بولغانلار ئۇنىڭ نازىل بولغان چېغىدىكى جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ نادانلىق ۋە جاھىللىق، قالاقلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىك، شەپقەتسىزلىك ۋە مەرھەمەتسىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ، ئۇلارنى قانداق ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئىسلام تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلىرىدىن ئوقۇپ تەسەۋۋۇر قىلىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغان تەقدىردە ئۇلار 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا قىساس ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈۋاتقان، نومۇستىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىگەر پارىسى بولغان قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋاتقان جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئىچىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىۋى دورىسى بىلەن پۈتۈن كېسەللىكلىرىدىن ساقىيىپ قىيامەتكە قەدەر ئادالەت تىمسالى، ۋاپاكارلىك ئۈلگىسى، مېھرى-شەپقەت ئۆرنىكى ۋە كۆيۈمچانلىق نەمۇنىچىسى بولغان كىشىلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئايەتتە قۇرئاننىڭ «شىپا» لىقىنىڭ «ئىمان ئېيتقانلارغا» خاس ئىكەنلىكىنىڭ بايان قىلىنىشىمۇ ئۇنىڭ «شىپا» لىقىنىڭ مەنىۋى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر قۇرئان ئايەتلىرى تېبىبنىڭ ياكى دوختۇرنىڭ دورىلىرىدەك ماددىي شىپا بولسا ئىدى، ئۇنىڭ مۇئمىن، كاپىر دەپ ئايرىماي ھەر كىشىنىڭ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكى (ئاغرىقى) غا پايدا قىلىدىغان بىر پارچىسى بولغان بولاتتى، ئۇ نازىل بولغاندىن بۇيان ئۆتكەن 14 ئەسىرلىك بىر زاماندا ئىنسانىيەت ئۇنى تەجرىبە قىلىپ كۈنىمىزگە كەلگەندە ئۇ دېمىدە قىلىنغان سۇ ياكى نان ۋە ياكى باشقا نەرسە ئېلىنغان قۇتۇلار تىزىلىپ سېتىلىدىغان دۇكانلار تەرەپ-تەرەپتە ئېچىلغان بولاتتى، ھەتتا كۈنىمىزدىكى تاللار بازىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا «قۇرئان دېمىدىسى» بۆلۈمى بولغان ۋە ئۇ يەردە «جىگەر كېسىلى دېمىدىسى، ئۆپكە كېىسلى دېمىدىسى، باش ئاغرىق دېمىدىسى، قورساق ئاغرىقى دېمىدىسى….» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان قۇتۇلار ئۆز رېتى بويىچە تىزىلغان بولاتتى. لېكىن ئىنسانىيەت ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئاللاھ بەرگەن دەردنىڭ داۋاسىنى، ئاللاھ سالغان كېسەللىكنىڭ شىپاسىنى ئاللاھ ياراتقان نەسىلەردىن ئىزدەپ، كېسەل داۋالاشتا كۈنىمىزدىكى سەۋىيەگە يەتتى.
دېمەككى، كېسەللىكنىڭ شىپاسى قۇرئاننىڭ لەۋزىنى ئوقۇپ سۈف-كۆچلەپ ئىچىشتە ئەمەس، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئوقۇپ ئەمەل قىلىشتىدۇر. دەرۋەقە ھېچبىر كېسەل كىشى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپىنى ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ ئىچمەيدۇ ياكى ساقىيىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم رېتسېپىنى ئوقۇمايدۇ. ئەكسىچە، رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىدۇ.
 زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بالا-مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇپ دۇنيادا ئىنسانچە ياشىشى ئۈچۈن ئىلاھى دورا بولغان قۇرئان كەرىمنى ساۋاب قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇشتىن كۆپراق ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇشى، نەھىيلىرىدىن يىراق تۇرۇشى، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بېرى قۇرئان كەرىمنى لايىق رەۋىشتە ئوقۇپ ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي جەھەتتە ئىتتىپاقسىز، ئىقتىسادىي جەھەتتە پېقىر، مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق، سىياسىي جەھەتتە دوگما ھالەتتە ياشاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەلگەن نۇقتا شۇكى:
بۈگۈن يەر يۈزىدە پارتلىغان ھەر بومبا مۇسۇلماننىڭ دىيارىدا پارتلىماقتا، ئاققان كۆز ياشلىرى مۇسۇلماننىڭ كۆزىدىن ئاقماقتا، مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە، مۇسۇلماننىڭ شەرىپى دەپسەندە قىلىنماقتا، مۇسۇلماننىڭ غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا.
ئاللاھ تەئالا قۇرئاندا مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ۋەدە قىلغان تۇرۇقلۇق كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ئىچىدە ياشىماسلىقىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟!
ئادەتتە زىيان تارتقان شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ شىركەتنى پايدا تېپىش يولىغا يۆنەلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمىمىز مۇسۇلمان تۇرۇپ زىيان تارتىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىشىمىزنىڭ زامانى كەلمىدىمۇ؟!

مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ