مۇسۇلمانلار

بەسمەلە

بەسمەلە
«بسماللهالرحمنالرحيم» ئەرەپچىدە قىسقارتىلىپ «بەسمەلە» دېيىلىدۇ.    بۇ ئايەت تەركىبىدىكى «الرحمن» ۋە «الرحيم» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، تۈرۈكچىگە ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئىككى سۆز (مېھرى- شەپقەتلىك، غەمخورلۇق قىلىش، مەرھەمەتلىك، چەكسىز ياخشىلىق ۋە نىمەت بېرىش) دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان«رحمة، رەھمەت» دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ چىققان سۆزلەردۇر. لېكىن بۇ سۆز ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولغاندا، ئۇنىڭدىن پەقەت ياخشىلىق قىلىش ۋە ئىنئام قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ[1].
راھمان «الرحمن»نىڭ مەنىسى «ھەممە نەرسىگە ناھايىتى شەپقەتلىك،ياخشىلىقى چەكسىز» دېگەن بولىدۇ. رەھىم «الرحيم» بولسا، «ئىنئامى كۆپ، مەرھەمەتلىك زات» دېگەن بولىدۇ. «رەھىم» يەنى (كۆپ ئىنئام بەرگۈچى ۋە مەرھەمەتلىك) دېگەن سۈپەت ئاللاھتىن باشقا مەخلۇقلارغىمۇ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، «رەھىم» سۈپىتى قۇرئاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام ئۈچۈنمۇ قوللىنىلغان. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر ئەلچى كەلدى. سىلەرنىڭ قىيىنچىلىق تارتىشىڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ سىلەرگە ئامراقتۇر، مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر»-تەۋبە 9/128.
«راھمان» سۆزىنى (ياخشىلىقى چەكسىز) دەپ تەرجىمە قىلدۇق. چۈنكى، ئاللاھتىن باشقىسى چەكسىز ياخشىلىق قىلالمايدۇ. «رەھىم» سۆزىنى (ئىنئامى كۆپ، مول) دەپ تەرجىمە قىلدۇق. چۈنكى، كۈچلۈك بىرىنىڭ مەرھەمىتى، ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ۋە ئىنئامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭدا، «بەسمەلە»نىڭ تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:
«ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[2]».
پروفىسسور-ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
«قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزۈتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلىرىمىز»
2014-يىل 5-باسمىسى، ئىستانبۇل
 
          


[1]– راغىب ئىسفاھانى، مۇفرەدات، «رەھىم» ماددىسى.

[2]– ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ– ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!﴾- (ئەلەق 96/1). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئى ئوقۇغۇچى! ئوقۇغان چېغىڭدا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىل، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلە، ئۇنىڭغا تايان، ئۇنىڭغا تېۋىن؛ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتە پەقەت ئۇنىڭ رىزاسىنىلا كۆزلە، دېگەن بولىدۇ. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مەن بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلايمەن، ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن، مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن، ئاللاھتىن بۇ ئىشنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىنى، مەن ئۈچۈن خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر