چوقۇنماڭ، ئەگىشىڭ!
باش بەت > تەتقىقاتلار تارىخ: 20.03.2017 يازدۇرغىن
نەبىيلەرنى ئىلاھلاشتۇرماق
 
خرىستىئانلار ئىيسا (ئە.س)نى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىيسا بولمىغان بولسا كائىنات مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. ئاسمان ۋە زېمىندىكى كۆرۈنىدىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىلەر، تەختلەر، پادىشاھلار، ئىدارە قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلىقلار…..بارلىق نەرسىلەر ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر[1].
خاتا ئېتىقاد، يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش تېز تارقىلىدۇ. يۇقىرىدىكى خاتا ئېتىقادلار مۇسۇلمانلارغىمۇ يۇققان ئىدى. بىر ئويدۇرۇلغان يالغان ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«سەن بولمىغان بولساڭ، كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم[2]».
بەزى تەرىقەتلەرنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەر (ئە.س) مەۋجۇتلۇقنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق ۋاقىتتا، تۇنجى قېتىم ھەقىقەتى مۇھەممەد (مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ نۇرى) پەيدا بولغان. پۈتۈن مەخلۇقلار ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە بىر نۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئالەمنى يارىتىشتا ئاساسى ئېلىمېنت ۋە ئەسلى مەنبە بولغاندۇر. بۇ نۇر، ئۆلمەس ۋە ئەبەدى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى «ئۆلدى» دېيىلمەيدۇ. ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ مەخپى ئىلىملەرنى ئالىدىغان مەنبەسىدۇر. بۇ ھەقىقەت، ھەق (ئاللاھ)تىن كەلگەن فەيز(ئىلھام)نىڭ خەلققە يەتكۈزۈلىشىدە ۋاسىتە بولىدۇ[3].
كاتولىك مەزھىبىنىڭ قارىشىدا « مەسىھ ئىيسا (ئە.س) ھەقىقى ئاللاھ ۋە ھەقىقى ئىنساندۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىنسانلار بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا بىردىنبىر ۋاسىتىدۇر[4]. بۇ ئېتىقاد بەزى تەرىقەتچىلەرگىمۇ يۇققاندۇر. بۇلارنىڭ قارىشىدا، ئاللاھ ۋە ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە ئوخشاش بىر ھەقىقەتتۇر[5]. ئۇلار، بۇ ھەقتە مۇنداق بىر شېئر يازىدۇ:
«ئەھەد ئەھمەددۇر، كى «مىم» دېسە پەرق، پۈتۈن ئالەم ئۇ «مىم»نىڭ ئىچىگە بولۇر غەرق».
شېئىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
«ئەھەد يەنى ئاللاھتۇر[6]». ئەھمەد، مۇھەممەد دېگەن ئىسىملار پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملىرىدۇر. «ئەھەد، ئەھمەددۇر» دېمەك «ئاللاھ ئەھمەددۇر، يەنى مۇھەممەددۇر» دېمەكتۇر. بۇ، خرىستىئانلارنىڭ «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەن سۆزى بىلەن ئوخشاش بىر سۆزدۇر. بۇ شېئىرنىڭ مەنىسىگە قارىغاندا:
 «يېزىلىشتا ئەھەد (أحد) بىلەن ئەھمەد (أحمد)نىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پەقەت بىر «مىم» ھەرپى بار بولۇپ، بۇ «مىم» ئۇلارنىڭ قارىشىدا، پۈتۈن ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئالەم ئەھمەد ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر». بۇ ئېتىقادنىڭ ئىسلام بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتتى»-ئال ئىمران 3/144.
«ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى دەپ ۋەھىي قىلىنماقتا. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارغا ۋاي!»-فۇسسىلەت 41/6.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن. مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ جەھەننەم ئوتىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ»-جىن 72/21-23.
 مۇسۇلمانلار يېڭىدىن بىر ۋاراق ئېچىپ تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ، ئەقىدە ۋە باشقا ئىلىملەرنى قۇرئان نۇرى ئاستىدا يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشى لازىم. بولمىسا دۇنيا ۋە ئاخىرەت قولدىن كېتىدۇ.
پىروفېسسور دوكتور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
 «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلىرىمىز»
2014-يىل 5-باسمىسى

[1]- كاتولىك چېركاۋى/ دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى 331- پاراگراف.

 

 

[2]- ئىسمائىل ئىبن مۇھەممەد ئاجلۇنى، «كەشفۇل خافا» يەنى سىرلارنى ئېچىش، ناملىق ئەسىرى، 1988/1408- يىل بەيرۇتتا بېسىلغان، 2- جىلد، 164- بەت. ئاجلۇنى بۇ ئەسىرىدە خەلق ئىچىدە ھەدىس دەپ بىلىنگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا-خاتاسىنى ئايرىماستىن توپلاپ چىققان. شۇڭلاشقا، بۇ كىتاپتا نۇرغۇنلىغان تۇقۇلما ھەدىس باردۇر. بۇ ھەدىسمۇ ئويدۇرۇلغان يالغان ھەدىستۇر.

 

 

[3]- مەھمەت دەمىرچى، «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، ئىسلام ئانسىكلوپىدىيىسى، 15- جىلد، 179-180- بەت.

 

 

[4]- كاتولىك چېركاۋى/ دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 480-پاراگراف.

 

 

[5]- مەھمەت دەمىرچى، «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، ئىسلام ئانسىكلوپىدىيىسى، 15-جىلد، 179-180- بەت.

 

 

[6]- ئەلى رامزان دىنچ، «ئىككى دۇنيانىڭ غۇجىسى شەرەپلىك پەيغەمبىرىمىز»، يېڭى دۇنيا ژورنىلى، 1998- يىل 8 ۋە 9- ئاي، 58-59- سانى، 32-بەت.

 

 

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
454 قېتىم ئوقۇلدى