ئەقىدىنىڭ ئومۇمىيلىقى
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 10/03/2017

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئومۇمىيلىقى

مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارايلى، ئىسلام ئەقىدىسى ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇنىۋېرسال ئەقىدىدۇر.

ئىسلام ئەقىدىسى بۇ مەۋجۇداتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەچكە، ئۇ «ئۇمۇمىيلىققا ئىگە» ئەقىدە دېيىلىدۇ. ئىنسانىيەت ئەقلى تارىختىن بۇيان، ھازىرغىچە ئىلاھ، ئالەم، ئىنسان، پەيغەمبەر، ئاخىرەت…قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ھەرخىل سۇئاللار بىلەن غىدىقلىنىپ كەلدى. بۇ سۇئاللار ئىنساننى ئازغۇنلۇق، شەك-شۈبھە ۋە ھەرخىل پەلسەپە ۋە ئېقىملارنىڭ زىددىيەتكە تولۇپ كەتكەن پاتقاقلىرىدىن تارتىپ چىقىرالايدىغان كەسكىن بىر جاۋابنى كۈتمەكتە.

بەزى ئەقىدىلەر ئىلاھ ۋە تەۋھىد مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئىنسان مەسىلىسىگىلا، ياكى پەيغەمبەرلىك مەسىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلاھ مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام ئەقىدىسى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ قارىشىنى كەسكىن ۋە روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ «ئۇمۇمىيلىق» بىلەن سۈپەتلىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، ئۇ ئىنساننى، مەجۇسى دىنىدىكىدەك ئىككى ئىلاھ «ياخشىلىق ۋە يورۇقلۇق ئىلاھى بىلەن زۇلمەت ۋە يامانلىق ئىلاھى» ئوتتۇرىسىدا بۆلۈۋەتمەيدۇ ياكى ئىنجىلدا كەلگەندەك شەيتاننى «بۇ ئالەمنىڭ رەئىسى»، «مۇشۇ زاماننىڭ ئىلاھى» دېيىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى شەيتانغا، ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر دەپ، ئالەمنى ئاللاھ بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدا بۆلۈۋەتمەيدۇ. دېمەك، خرىستىئان دىنىنىڭ قارىشىدىكى، شەيتاننىڭ ۋەزىپىسى، مەجۇسى دىنىدىكى زۇلمەت ئىلاھى «ئەھرامان»نىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشايدۇ.

ئىسلامنىڭ نەزىرىدە بولسا، شەيتان يامانلىقنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىنسان قەلبىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقى پەقەت ۋەسۋەسە، ئازدۇرۇش، يامانلىققا ئۈندەش ۋە ئۇنى ئىنسان نەپسىگە گۈزەل كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇلار شەيتاننىڭ ئىنساننى ئازدۇرۇشتا ئىشلەتكەن ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ھىيلە-مىكىر، نەيرەڭلىرىدىن ئىبارەت. لېكىن ئۇنىڭ بۇ تېرىشچانلىقلىرى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا چىڭ ئېسىلىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى ئالدىدا ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئاللاھ شەيتان ئازدۇرغا كىشىلەرگە، ئۇنىڭ تىلىدا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندا شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىنى ۋەدە قىلدى. مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم. مەن سىلەرگە ھېچ بېسىم ئىشلەتمىدىم. مەن سىلەرنى پەقەت چاقىردىم، سىلەر چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار! مەنمۇ سىلەرنىڭ دادىڭلارغا يېتەلمەيمەن، سىلەرمۇ مېنىڭ دادىمغا يېتەلمەيسىلەر! مەن سىلەرنىڭ ئىلگىرى مېنى ئاللاھقا شىرىك قىلىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان ئىدىم». شۈبھىسىزكى، زالىملار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار»-ئىبراھىم 14/22.

ئاللاھ يەنە شەيتانغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛

«مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. رەببىڭ ئۇلارنى چوقۇم ساقلايدۇ»-ئىسرا 17/65.

يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«رەببىگە سېغىنغان مۇئمىنلارغا شەيتاننىڭ ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدۇ»-نەھل 16/99.

«مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ. كاپىرلار تاغۇتنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ[1]. ئۇ ھالدا ئى مۇئمىنلار! سىلەر شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. شۈبھىسىزكى، شەيتاننىڭ ھىيلىسى ناھايىتى ئاجىزدۇر»- نىسا 4/76.

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇمۇمىيلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىدا ئىشراقىيە ۋە سوپىزم پەلسەپىلىرىدەك ياكى ئەقىدىگە ئەقىلنىڭ ئارلىشىشىنى كەسكىن رەت قىلىدىغان خرىستىئان دىنىدىكىدەك ۋىجدان ياكى ھېس-تۇيغۇغىلا تايانمايدۇ. ھەتتا ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەن ۋە قارىغۇلارچە ياشا!».

شۇنداقلا، يەنە ئىسلام ئەقىدىسى ئاللاھنى ۋە ئالەمنىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن گۇمانىزم«ئىنسانپەرۋەرلىك» پەلسەپىلىرىدەك پەقەت ئەقىلنىلا ۋاسىتە قىلىۋالمايدۇ. بەلكى، ئۇ پىكىر ۋە تۇيغۇغىمۇ، ئەقىل ۋە دىلغىمۇ تەڭ تايىنىدۇ. ھەر ئىككىسىنى ئىنساننىڭ بىلىش قۇرۇلمىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى مۇھىم ۋاسىتە دەپ بىلىدۇ.

ئىسلام ئېتىقادى- ئەقىل نۇرى ۋە دىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھاياتتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئېتىقاددۇر.

ئىسلام ئېتىقادىنىڭ بۆلۈنۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئومۇمىيلىق بىلەن سۈپەتلىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبتۇر. ئىسلامغا ئىمان كەلتۈرۈشتە، ئەقىدىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىنى ئىنكار قىلماستىن، ھېچقايسى قىسمىغا شەك قىلماستىن ئىشىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ %99گە ئىمان كەلتۈرۈپ %1نى ئىنكار قىلغان كىشى مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. ئىسلام ئىنساندىن ئۆزىنى ئاللاھقا تۇلۇق تاپشۇرۇشنى، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەممىگە تۇلۇق ئىمان ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسىدە، بىر مۇسۇلماننىڭ «مەن، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىدا كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرىمەن، لېكىن، ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى تەلىماتلىرىغا ئىمان كەلتۈرمەيمەن» ياكى «قۇرئاندىن ئەدەپ-ئەخلاقنى قۇبۇل قىلىمەن، ئەمما قانۇن-تۈزۈمنى قۇبۇل قىلمايمەن» دېيىشى ۋە ياكى «يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىمەن، بىراق تارىخ ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئىشەنمەيمەن» دېيىشى، شۇنداقلا يەنە «بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن، شۇغىنىسى ئاخىرەت ۋە جەھەننەم-جەننەت ھەققىدىكى بايانلارغا ئىشەنمەيمەن» دېيىشى قەتئىي خاتادۇر  ۋە ئۇنى دىندىن چىقىرىدۇ.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە، بەنى ئىسرائىلنىڭ بەزى پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىپ، بەزىلىرىگە ئىشەنمىگەنلىكىنى، بەزى كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈپ، بەزىلىرىگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە كاپىر بولغان، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، «بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتماقچى بولغانلار، ئەنە شۇلار ھەقىقىي كاپىرلاردۇر. بىز كاپىرلارغا خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق»-نىسا 4/150-151.

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابغا تاشلىنىلىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس»-بەقەرە 2/85.

 

 

  

  




[1] تاغۇت- ھەددىدىن ئاشقۇچى، ئاللاھتىن باشقا مەبۇد، سېھىرگەر، پالچى، رەمچى، شەيتان،  زالىم، ياخشىلىق يولىدىن توسقۇچى، شەيتان، بۇت، ھەر قانداق يامانلىقنىڭ ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ بېشى، ھەر ئازغۇنلۇقنىڭ يېتەكچىسى، گۇناھتا ئىتائەت قىلىنغانلار- (لىسانۇلئەرەب، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان).


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ