مۇسۇلمانلار

ھازىرقى خرىستىئانلار

ھازىرقى خرىستىئانلار
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر ئىلگىرىكى قەۋملەرنىڭ ئىزىنى غېرىچ-غېرىچ بىسىپ ماڭىسىلەر. ئۇلار بىر كىلە تۆشۈكىگە كىرگەن بولسا، سىلەرمۇ كىرىسىلەر.
ئۇلار، يەھۇدى ۋە خرىستىئانلارمۇ؟ دەپ سورىدى.
پەيغەمبىرىمىز: باشقا كىم بولسۇن؟ دەپ جاۋاب بەردى»- (بۇخارى رىۋايىتى).
خرىستىئان دىنىدا شېرىك ئەڭ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. « ئىنجىلدىكى بىرىنچى بۇيرۇق شېرىكنى چەكلەيدۇ. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا ئىشەنمەسلىكنى، بىر ئىلاھتىن باشقىسىنىڭ ئۇلۇغلانماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ[1]»     
  ئىيسا ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلاھىڭ بولغان رەببىڭگە ئىمان كەلتۈر، پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىل»-ئىنجىل لۇقا 4/8.
ھاۋارىلار زامانىدا ئىيسا ئەلەيھىسالام، ھەقىقى بىر ئىنسان دەپ قارىلاتتى.[2]
ئەمەلىيەتتىمۇ قولىمىزدىكى ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىدە ئۇنىڭ تەڭرى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بايان يوق. ئىيسانى ئىلاھلاشتۇرۇشقا يول ئاچقان  پاۋلۇستۇر. مىلادى 10- يىلدا دۇنياغا كەلگەن پاۋلۇس[3]، ئىيسا ئەلەيھىسالام بىلەن زامانداش بولسىمۇ، تارسۇستا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ھاياتىدا كۆرمىگەن ئىدى. ئۇ خرىستىئاننىڭ ئەشەددى دۈشمىنى تۇرۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن خرىستىئان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە ھاۋارىلار ھايات تۇرۋاتقان بىر زاماندا چىقىپ، بارلىق توسقۇنلۇقلارغا قارىماستىن، شام يولىدا تۇيۇقسىز ئاسماندىن چاقنىغان بىر نۇرنىڭ ئەتراپىنى قاپلىغانلىقىغا، ئىيسانىڭ ئۆزىگە خىتاب قىلغانلىقىغا[4]، خىتابتىن كېيىن ئىيساغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ۋە بەيئەت قىلىش مۇراسىمى قىلغانلىقىغا ئىنسانلارنى ئىشەندۈرەلىگەن ئىدى. ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئۆزىنى ئىيسانىڭ ئەلچىسىى ئىكەنلىكىگە ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈپ، ئىنجىلغا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى قوشالىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، ھازىرقى ئىنجىلنىڭ مۇھىم بىر بۆلۈمى پاۋلۇسنىڭ مەكتۇپلىرىدىن تۈزۈلگەن.
پاۋلۇس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىيسا ئەلەيھىسالامنى ئۆزلىرىنىڭ يەككە-يېگانە ئىلاھى دەپ قارىدى. ھازىرقى ئىنجىلدا ئۇنىڭ مۇنداق ئىپادىلىرى بار:
«ئاسمان  ۋە زېمىندا ئىلاھ دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن ئىلاھلار ۋە رابلار باردۇر. بىزنىڭ ئۈچۈن يەككە-يېگانە بىر ئاتا بار. ئۇ ھەممە نەرسىنىڭ مەنبەسىدۇر. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. پەقەت بىر ئىلاھ بار، ئۇ بولسىمۇ مەسىھ ئىيسادۇر. ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يارىتىلدى، بىزمۇ ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياشاۋاتىمىز[5]».
پاۋلۇس «راببى» سۆزىنى ئۇستىلىق بىلەن قوللانغان ئىدى. چۈنكى، «راببى» سۆزى «ئىگە، خۇجايىن» مەنىسىنى ئىپادىلەيتتى. مەسىلەن: ئەرەبلەر سايىنىڭ ئىگىسىگە «راببى» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: يۇسۇف ئەلەيھىسالام مىسىرنىڭ بىر دۆلەت مەمۇرىغا قۇل قىلىپ سېتىلىدۇ. ئۇ مەمۇرنىڭ ئايالى زۇلەيخا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېتىشنى تەلەپ قىلغاندا يۇسۇف ئۇ ئايالنىڭ ئېرىگە ئىشارەت قىلىپ (ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر) يەنى خۇجايىنىمدۇر دەيدۇ.
 بۇ ھەقتە ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئايال ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: «قېنى، كەلگىنە!» دېدى. يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى»-يۇسۇف 12/23.
«راب» سۆزى كۆپىنچە ئاللاھ ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولۇشنى رەت قىلىدىغانلار، باشقا بىرىنى «رەببىم» دېيىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدىكى، قۇل بىلەن خۇجايىنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، مەجبۇرلاش ۋە زورلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتۇر. بۇ مۇناسىۋەتتە قۇل، پۇرسەت تاپسىلا ھۆر بولۇشنى، خۇجايىنىدىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. قۇل بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىختىيارى، ھۆرلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتۇر. خاتا يوللارغا ماڭغانلار، مۇشۇنداق ئىككى خىل مەنىسى بار سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغدىماقچى بولۇشىدۇ. بىر خرىستىئان، ئىيسانىڭ «ئىلاھ» ئىكەنلىكىنى ئاسان قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، «رەببىم» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. چۈنكى، مۇنداق قىلغاندا، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى «ئىختىيارى تاللاش» مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پاۋلۇسنىڭ بۇ ئىپادىسى ئىيسا ئەلەيھىسالامنى ئىلاھلاشتۇرۇشتا باسقان تۇنجى قەدىمى ئىدى.
پاۋلۇس ئۆزىنى ئىيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ؛
«ئىيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە تەڭرىنىڭ خوش خەۋەرلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن تاللىنىپ، ئەلچى بولۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان مەن پاۋلۇستىن سالام! تەڭرى، ئۆز ئوغلى رەببىمىز ئىيسا مەسىھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ خوش خەۋەرنى پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇقەددەس كىتاپلاردا ۋەدە قىلدى. داۋۇد ئەلەيھىسالامنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان رەببىمىز ئىيسا مەسىھنىڭ، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى تەرىپىدىن تىرىلىشى بىلەن، ئۇنىڭ تەڭرىنىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھەر قەۋمدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، مەسىھنىڭ ۋاستىسى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ھەق- ھۆرمىتى بىلەن تەڭرىنىڭ مەرھەمىتىگە ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولدۇق[6]». «قىلغان گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى، رەببىمىز ئىيسانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن «ئاتا» يەنى تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن قىلىڭلار[7]».
پاۋلۇس تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، مەسىھ ئىيسا بىلەن ئاللاھنى ئوخشاش كۆرسىتىدىغان مۇنۇ سۆزلەرنى دەيدۇ:
«مەسىھ ئىيسا، تەڭرىنىڭ ماھىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، تەڭرى بىلەن باراۋەر بولۇش ھەققىگە ئېتىبار بەرمىدى[8]».
پاۋلۇسنىڭ يولىدا ماڭغان خرىستىئانلار، 325-يىلى ئېچىلغان يېغىندا، ئىيسانىڭ يارىتىلمىغانلىقىنى، ئاتىدىن تۇغۇلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتە ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى[9]. 451- يىلدا ئېچىلغان تۆتىنچى قېتىملىق يېغىندا بولسا ئۇنىڭ ھەقىقى تەڭرى ئىكەنلىكىنى مۇنداق ئېلان قىلدى:
«رەببىمىز مەسىھ ئىيسانىڭ مۇكەممەل تەڭرى ئىكەنلىكىگە ۋە مۇكەممەل ئىنسانلىققا ئىگە، ھەقىقى تەڭرى ۋە ھەقىقى ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئەقىللىق بىر روھدىن ۋە بەدەندىن تەركىپ تاپقانلىقىنى، تەڭرىلىك تەرەپتىن «ئاتا» بىلەن، ئىنسانلىق تەرەپتىن بىز بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتە ئىكەنلىكىنى، تەڭرى بولغانلىق تەرەپتىن يۇز يىللار ئىلگىرى «ئاتا»دىن تۇغۇلغانلىقى، ئىنسان بولغانلىقى تەرەپتىن بولسا، بىزنىڭ ئامان-ئىسەنلىكىمىز ئۈچۈن مەريەمدىن تۇغۇلغانلىقىنى ئوي بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىمىزنى رەسمى ئېلان قىلىمىز[10]».
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كاپىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»-مائىدە 5/72.             
       


[1]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 2000-يىل ئىستانبۇل باسمىسى (تۈرۈكچە)، 2112- پاراگراف. بۇ ئەسەر پاپا 14- لىئوننىڭ ئەمرى بىلەن كاردىنال جوزەپ راتزىنگىر باشچىلىقىدا قۇرۇلغان 12كىشىلىك ھەيئەتنىڭ ئالتە يىللىق تېرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. چېركاۋ تەرەپىدىن قۇبۇل قىلىنغان پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كاردىنال جوزەپ راتزىنگىر، كاتولىك چېركاۋىنىڭ ھازىرقى پاپاسىدۇر.

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 465-پاراگراف.

[3]– شىناسى گۈندۈز، پاۋلۇس خرىستىئانلىقنىڭ مىمارى، 2004-يىل ئەنقەرە باسمىسى، 32-بەت.

[4]– ئىنجىل/ ئەلچىلەرنىڭ ئىشلىرى 9/3-6.

[5]– ئىنجىل/ پاۋلۇسنىڭ  كورىنتىلەرگە1- مەكتۇبى 8/5-6.

[6]– ئىنجىل/ پاۋلۇسنىڭ رۇملۇقلارغا يازغان مەكتۇبى 1/1-6.

[7]– ئىنجىل/ پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبى 3: 17.

[8]– ئىنجىل/ پاۋلۇسنىڭ مەكتۇبى، 2/6.

[9]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 465- پاراگراف.

[10] كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 467- پاراگراف.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر