دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى15
باش بەت > تەتقىقاتلار تارىخ: 02.03.2017 يازدۇرغىن
4- مۇلاھىزە
108- تەۋراتتا تېئوكراتىيىنىڭ دەلىلى دەپ كۆرسەتكەن سۆز، ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسالامغا ئائىتتۇر. قولىمىزدىكى تەۋرات  سۇلايمان ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەس، بەلكى، بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ[1]. لېكىن قۇرئان كەرىم سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
تەۋراتتىكى سۇلايمان ئەلەيھىسالامغا مەنسۇپ قىلىنغان ئىپادىلەر مۇنداق: «ئوغلۇم، ئىلاھدىن ۋە پادىشاھتىن قورق، ئېسيانچىلارغا ئارلاشما»[2] بەلكى، پادىشاھتىن قورقۇشتىن مەقسەت، ئۇنىڭ زۇلمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇمۇ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر شەكلى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارغا قارشى قوغدىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەر بار. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»-ئال ئىمران 3/120.
قوغدىنىش، قورقۇشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئايەتتىكى « تتقون» يەنى «قوغدانساڭلار» سۆزىنىڭ ئورنىغا «قورقساڭلار» دەپ مەنە بېرىلگەندۇر.
«ئېسيانچىلارغا ئارلاشما» ئىپادىسىدىن مەقسەت، «بۇزغۇنچىلارغا ئارلاشما» دېگىنى دەپ چۈشەنسەك، تەۋراتتىكى «سۇلايمان ئەلەيھىسالامغا ئائىت» دېيىلگەن بۇ سۆزلەر، تېئوكراتىيىگە دەلىل بولالمايدۇ.
 ھازىرقى ئىنجىلدىكى پاۋلۇس ۋە پېترۇسنىڭ مەكتۇپلىرىنى قۇرئان «ئىنجىل» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. چۈنكى قۇرئان، ئىنجىلنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابى، ئىيسا ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[3]. پېترۇس بىلەن پاۋلۇس پەقەت بىر خرىستىئاندۇر. پېترۇس ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ھاۋارىيلېرىدىن بىرى[4]. قۇرئاننىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس ھاۋارى ئەمەس لېكىن، خرىستىئانلار ئۇنى ھاۋارىلەردىن ھېسابلايدۇ. قۇرئاندا بايان قىلىنغان ھاۋارىلەر ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئوخشاشتۇر.
110- تەۋرات، ئىنجىل، قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلاردۇر. لېكىن، قولىمىزدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىللارغا ئىنسان سۆزلىرى ئارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئۇچۇق دەلىلى پاۋلۇس ۋە پېترۇسنىڭ مەكتۇپلىرىدۇر. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ سۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ سۆزى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى ھەدىس دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قۇرئان ئەمەس. ھاۋارىيلار بولسا، ئەلى ۋە ئەبۇبەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم)لارغا ئوخشاش ئەگەشكۈچىلەردۇر. ئەلى ۋە ئەبۇبەكرىنىڭ سۆزلىرىنى، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى قۇرئان بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولمايدۇ. ساھابىنىڭ سۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، پېترۇس ۋە پاۋلۇسنىڭ مەكتۇپلىرى ئىنجىلنىڭ پارچىسى ھېسابلانمايدۇ. بۇ مەكتۇپلار پەقەت بىر ئىنساننىڭ سۆزىدىن ئىبارەت. ئىنجىل مەتتادا، ئىيسا ئەلەيھىسالام ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قەبرىدىن چىقىپ، ئون بىر ھاۋارىيىنغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېگەنلىكى يېزىلىدۇ:
«ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق ھۆكۈمرانلىق ماڭا بېرىلدى. ھازىر تارقىلىپ، پۈتۈن قەۋملەرنى ئوقۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتام، مەن ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىسمىغا بەيئەت قىلدۇرۇڭلار. مەن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان ھەرقانداق ئىشنى ئۇلارغا ئېيتىڭلار. مەن قىيامەتكىچە سىلەرگە ھەمرا بولىمەن».
بۇ سۆزلەر چېركاۋنىڭ، كۈچلەنگەن ھامان دۆلەتلەر ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول ئىچىپ بەردى.
يەنە شۇ ئىنجىلنىڭ باشقا ئىپادىلىرىدە، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ يولىدا خىزمەت قىلش  ۋە جان پىدالىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە بايانلار بار. بۇ ئىپادىلەر يۇقىرىدىكى ئىپادىلەر بىلەن قارىمۇقارشىدۇر.
قۇرئان، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بولغان ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلكىنى خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دەيدۇ:
  «ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى سۆزلىشىمگە ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى سۆزلىگەن بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: «مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار». مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»-مائىدە 5/116-117.
مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرى قۇرئان ئايىتى بولالمىغاندەك، ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرىمۇ ئىنجىلنىڭ ئايىتى بولالمايدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنغان سۆزلەرنىڭ، ئۇنىڭ سۆزى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تېئوكراتىيىنىڭ، بۇ ئويدۇرما سۆزلەرنىڭ ئۈسىتىگە قۇرۇلغانلىقىغا قارىغاندا، ھەقىقى ئىنجىلنىڭمۇ، قۇرئانغا ئوخشاشلا تېئوكراتىيىنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.
111- خرىستىئانلار پېترۇس ۋە پاۋلۇسنىڭ مەكتۇپلىرىغا تايىنىپ بىر تېئوكراتىك تۈزۈم قۇرغۇنىدەك، شىئەلەرنىڭ «ئىمامىيە» پىرقىسىمۇ پىرلىرىنىڭ سۆزلىرىگە تايىنىپ تېئوكراتىيە تۈزۈمىگە ئوخشاش بىر تۈزۈم قۇردى.
شىئەلەر ئىماملىرىنىڭ ۋە مۇجتەھىدلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ سۆزى دېمەيدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئوخشاش ئەمەل قىلىش ۋاجىپ دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
ئىجتىھاد شەرتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇجتەھىد، ئىمام غائىب (ئىمامنىڭ كۆزلەرگە كۆرۈنمىگەن ۋاقتى) بولغان ۋاقىتلاردا ئىمام (ئەلەيھىسالام) نىڭ ۋەكىلىدۇر. يەنى، ھاكىم ۋە رەئىسدۇر. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چقىرىشتا ئىمامنىڭ سالاھىيىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ ھۆكمىنى قۇبۇل قىلمىغانلىق، ئىمامنىڭ ھۆكمىنى قۇبۇل قىلمىغانلىق بولىدۇ. ئىمامنىڭ ھۆكمىنى قۇبۇل قىلمىغانلىق، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قۇبۇل قىلمىغانلىق بولۇپ، بۇ سادىقى ئەلى مۇھەممەددىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئاساسەن ئاللاھقا شېرىك قۇشۇش بىلەن ئوخشاشدۇر[5].
سادىقى ئەلى مۇھەممەددىن مەقسەت،مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ نەسەبىدىن قىزى فاتىمە تەرەپتىن كەلگەن سالىھ كىشىلەردۇر، يەنى «ئىماملار». شىئەلەرنىڭ قارىشىدا، ئىماملارنىڭ سۆزلىرى خرىستىئانلاردىكى پېترۇس ۋە پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئوخشاش ئۈستۈندۇر. لېكىن بىز ئەھلى سۈننەت بۇنداق كىتاب ۋە سۈننەتكە قارشى قىلىنغان سۆزلەرنى، ھەزرىتى ھەسەن ۋە ھۈسەيىن (ر.ز.ئە)لار قىلغان بولسىمۇ دەلىل دەپ ئېتىبارغا ئالمايمىز.
ئەھلى سۈننەت، مۇجتەھىد ئىماملىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغلىمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى توغرا-خاتاسىنى ئايرىماستىن ئەگىشىشنى ۋاجىب دەپ قارىمايدۇ.
مەئنى ئىبن ئىيسا كاززاز مۇنداق دەيدۇ: ئىمام مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (مەن پەقەت بىر ئىنسان، خاتالىشىمەن، توغرىنىمۇ تاپىمەن، كۆز قاراشلىرىم ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭلار، كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغاننى ئېلىڭلار، ئۇيغۇن بولمىغاننى تاشلاڭلار[6].
ئىمام مالىك دائىم مۇنداق دەيتتى: بىزنىڭ سۆزلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزدۇر، قانائەت قىلىپ قالماڭلار[7].
ئەبۇ يۈسۈڧ ۋە ھەسەن ئىبن زىياد، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مۇنداق دېگەنلكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
بىزنىڭ بۇ ئىلمىمىز بىر كۆز قاراشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ، ئۆزىمىزنىڭ كۈچىمىزگە تايىنىپ چىقارغان ئەڭ گۈزەل كۆز قاراشلاردۇر. كىم بۇنىڭدىن گۈزىلىنى ئېلىپ كەلسە قۇبۇل قىلىمىز[8].
خۇلاسە
112- يۇقىرىدىكى بايانلاردىن قۇرئان كەرىمنىڭ تېئوكراتىيە تۈزۈمىنى قەتئىي قۇبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۇنى شېرىك دەپ ئېتىبارغا ئالىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى. چۈنكى تېئوكراتىيە، باشقۇرۇشتا ئاللاھنىڭ نائىبى بولۇشنى ۋە ھۆكۈمدە ئاللاھقا ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
يەنە تەرەپتىن ئېيتقاندا، تېئوكراتىيە- باشلىق، ھاكىملارغا، ئاللاھقا بويسۇنغاندەك بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىق، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق. ئۇلارغا قارشى چىققانلىق، ئاللاھقا قارشى چىققانلىق ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان بۇنىمۇ شېرىك كەلتۈرگەنلىك دەيدۇ.
113- شۇنىڭدەك، قۇرئاندا دۆلەت ئىشلىرى ۋە تۈزۈمى ھەققىدە ھېچقانداق تەۋسىيە كەلگىنى يوق. ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇل بولۇشى بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك قۇرئان، دۆلەتلەردىن دىن، ئىرق ئايرىماستىن، بارلىق پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىشنى ۋە ئۇلارغا ئەمىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپلەر ۋە قىممەتلەر يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك شۇنداق بىر تەلەپلەركى، ھېچقانداق جەمئىيەت ئۇلاردىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ھەرقانداق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بۇ تەلەپلەرنى بىلمەسلىككە ھەققى يوق. مانا بۇ، ئىسلامنىڭ ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ئۆزىنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن دەۋىر سۈرەلەيدىغانلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
114- ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سىياسى كۈچلەردىن قىلىدىغان تەلەپلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچاملايمىز:
سىياسى كۈچلەر قانۇنلارنى تەتبىقلىشى، جازالارنى ئىجرا قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىشى، ئەسكىرى كۈچ قۇرۇشى، باج ۋە زاكاتلارنى توپلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزىۋاتقان ئوغرى، قاراقچىلارنى تىزگىنلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك يەنە، ئىنسانلارغا ئۆز ئېتىقادى بۇيىچە ياشايدىغان ئەركىنلىك بېرىشى، ئىجتىمائى ئادالەتكە كېپىل بولۇشى ۋە ئىقتىسادى ساھەنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، قوغداشقا ئېھتىياجى بولغان يېتىملار، پېقىر-مىسكىنلەر ۋە يوقسۇللارغا ئىگە چىقىشى كېرەك.
ئاخىرىدا شۇنداق دەيمىزكى، سېكولارىزم، تېئوكراتىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئىسمىدۇر. تېئوكراتىيە بولسا، قۇرئان كەرىم قەتئىي قۇبۇل قىلمايدىغان بىر دۆلەت تۈزۈمىدۇر. ئىنجىلنىڭ تېئوكراتىيە تۈزۈمىنى يولغان قۇيۇشقا بۇيرۇغان ئىپادىلىرىنى قۇرئان كەرىم، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرگەن ھەقىقى ئىنجىلنىڭ ئىپادىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنىڭدىن، ھەقىقى ئىنجىلنىڭمۇ تېئوكراتىيىنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىدەك بىر نەتىجە چىقىدۇ.
 
 
        



[1]– ئەمسالى سۇلايمان، 1-جىلد، 1-كىتاب، مۇقەددەس كىتاب، ئەھدى قەدىم، 751-بەت.

[2]– ئەمسالى سۇلايمان، 14/21، مۇقەددەس كىتاب، ئەھدى قەدىم، 775-بەت.

3«بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق»-مائىدە 5/46.
4– بۈيۈك لاۋرۇس ئانسېكلوپىدىيىسى، پېترۇس ۋە پاۋلۇس ماددىلىرى، 1986-يىل ئىستانبۇل.
 

 

[5]– شىئە ئېتىقادلىرى، 24-بەت.

[6]– ئىبنى قەييۇم جەۋزى، ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبن ئەبۇبەكرى، (ئۆ، 751.ھ)، ئەئلامۇل مۇۋەققىئىين، بىرىنچى جىلد، 76-بەت.

[7]– ئىبنى قەييۇم جەۋزى، يۇقىرىدى ئەسەر، بىرىنچى جىلد، 76-بەت.

[8]– ئىبنى قەييۇم جەۋزى، 1-جىلد، 76-بەت.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
625 قېتىم ئوقۇلدى