مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا ئىبادەت بەشىنچى قىسىم

بارلىق ئىنسانلار ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى مۇنۇ ئايەت بىلەن ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى:
«سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن»-ھىجىر،15/99.
يەنە ئاللاھ بىر قەۋم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق، تاكى بىز ئۆلگۈچە شۇنداق قىلدۇق»-مۇدەسسىر74/46-47.
دېمەك، مۇھەممەد (ئە.س) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان روھى رىشتىسى كۈچلۈك بولسىمۇ، يەنىلا ئىبادەت ئۇنىڭدىن ساقىت بولۇپ كەتمىگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسالاممۇ تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە ئاللاھقا ئىبادەتنى شۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان.
ئاللاھ تائالا، ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئىلاھلىق مەرتىبىسىگە كۆتۈرۈۋېتىلگەن مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا ئارتۇق بېرىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ»- نىسا، 4/172-173.
ئاللاھ قۇرئاندا قىيامەت كۈنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىنى يەنى (ئىسا ئەلەيھىسالام) ھەققىدە بايانلار بېرىدۇ. ئۇنىڭدا، ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسالامدىن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئويدۇرغان تۆھمەتلىرى ۋە ئويدۇرمىلىرى ھەققىدە سورايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: «مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار». مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»- مائىدە 5/117/118.
ئىنجىل مەتتادا مۇنداق رىۋايەت بايان قىلىنىدۇ: «لەنىتى ئىبلىس ئىيسا ئەلەيھىسالامنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى ئىنتايىن ئىگىز بىر تاغنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەممە پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرسەتتى. ئاندىن ئىبلىس، ئىيسا ئەلەيھىسالامغا:  (سەن ماڭا سەجدە قىلساڭ مەن ساڭا مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن) دېدى. ئىيسا ئەلەيھىسالام: (يۇقال، پەرۋەردىگارىڭغىلا سەجدە قىلىشىڭ، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىڭ ئەلمىساقتا پۈتۈۋىتىلگەن) دېدى».
دېمەك، ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەممە ساماۋى رىسالىلەردە بايان قىلىنغاندەك، پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىنساننىڭ مەۋجۇدىيەتتىكى باش ۋەزىپىسىدۇر.
 
  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر