سېكولارىزم
باش بەت > تەتقىقاتلار تارىخ: 24.02.2017 يازدۇرغىن
 
3- سېكولارىزم
104- سېكولارىزم- دۆلەتنىڭ بىر دىنى ئورگاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولماسلىقى دېمەكتۇر. بۇ سەۋەبتىن سېكولارىزم بىلەن تېئوكراتىيە بىر-بىرىگە زىتتۇر.
چېركاۋ، ئاللاھنىڭ نامىغا ئىش قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ پادىشاھنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ۋالىلارنى بەلگىلەشتە ۋە ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزىنى تامامەن ھوقۇقلۇق دەپ قارايدۇ[1]. ئۇلار ھازىرمۇ، ئۆزى تاللىغان ئىنسانلارغا قەسەم قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ نوپۇزىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. فرانسىيەە تارىخى، چېركاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. فرانسىيىدە چېركاۋنىڭ دۆلەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يىقىتىش ھەرىكەتلىرىXIVئەسىردە باشلانغان[2]. سېكولارىزم بولسا، مانا بۇ تېرىشچانلىق ھەرىكەتلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن نەتىجىدۇر.
فرانسۇز تىلىدا دىنى ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىل بولغان دىنى قۇرۇلمىغا ((laicياكى (laique) سېكولارىزم دېيىلىدۇ[3]. فرانسىيىدە دىنى ئورگان دېيىلسە، كاتولىك چېركاۋى ئەقىلگە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ دۆلەتتە چېركاۋنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولمىغان ھەر قانداق ئورگان سېكولارىزمدۇر.
105- سېكولارىزم كۈرىشى دىنغا ئەمەس، چېركاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ھەقىقەتەن، فرانسىيەدىكى ئاساسى قانۇن تۈزۈش مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1789-يىل ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ۋە پۇقرالار ھوقۇقى باياننامىسىنىڭ 10-ماددىسى پىكىر ئەركىنلىكىنى، 11- ماددىسى پىكىر بېرىش ئەركىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ باياننامە 1791- يىلى فرانسىيەە ئاساسى قانۇنىنىڭ باشلانما قىسمى بولغان[4]. بۇ ئاساسى قانۇن، كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى، پروتىستانتلار، يەھۇدىيلار ۋە دىنسىزلارنىڭ ھەقلىرىنى، بولۇپمۇ دىن ۋە پىكىر ئەركىنلىكى شۇئارى بىلەنپۈتۈن دىنلارنى ئوخشاش كۆرۈشنى نىشان قىلغان[5]. چۈنكى تېئوكراتىيە تۈزۈمى باشقا دىن مەنسۇبىغا ياشاش ھەققى بەرمەيدۇ. بۇ ھەرىكەت دىنغا قارشى بولغان بولسا، غەلبە قىلغاندىن كېيىن دىنى ئەركىنلىك بېرىلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بۇ ئەركىنلىك پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى.
1948- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسىدە پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى قارارلاشتۇردى. شۇنداقلا، بۇ ماددا دىننى ئىجتىمائىي، ھوقۇقى ياكى باشقا ساھالەردىن يىراقلاشتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇنداق ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. دىندار كىشى دىننىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا بىرىنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئەگەر ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلانسا، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا قارشى چىقىدۇ. بۇ، ئىنسان ۋە پۇقرا ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بەلگىلەنگەندەك «خەلقنىڭ بەختسىزلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشىگە…» سەۋەبچى بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسىنىڭ 18- ماددىسى مۇنداق:
«ھەر ئادەم پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكىگە ئىگە. بۇ، يالغۇز ياكى جامائەت، ئاممىۋى ياكى خۇسۇسىي ھالدا ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ۋە تەتبىقلاش ئەركىنلىكىنى، ئىبادەت ۋە دىنى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداش بىلەن دىنى ئېتىقادىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[6]».
107- سېكولارىزم، دۆلەتنىڭ دىنى ئورگانلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە باغلانماسلىقى دېمەكتۇر. يەنى، سېكولارىزم دۆلەتنىڭ بىر سۈپىتىدۇر. ھەقىقەتەن، 1982-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇننىڭ 2-ماددىسىدا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، خەلقنىڭ خۇشاللىقى، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى ئىچىدە، ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاتاتۈرك مىللەت پارتىيىسىگە باغلىق، بىرىنچى قەدەمدە بەلگىلەنگەن ئاساسى پرىنسىپلارغا تايانغان، سېكولار ۋە ئىجتىمائى ھوقۇق دۆلىتىدۇر».
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاساسى قانۇننىڭ 24- ماددىسى ھەر بىر پۇقراغا دىنى ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بەردى. 26-ماددىسى بولسا پىكىر بېرىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكى بەردى.
بۇ مەسىلىگە قۇرئان تەرەپتىن قارالغاندا، قۇرئاندا دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئۆزگەرمەس، مۇستەھكەم مەنبەلەرگە باغلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
دىننىڭ جەۋھىرى ئىمان، ئىماننىڭ ئاساسى دىل بىلەن تەستىقلاش. دىل ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان بۇ يەر (ئىچكى دۇنيا)دا چەكسىز ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغىنىنى ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھېچقانداق ئېتىقادنى ئىنسانغا مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئاساسى قۇرئاندۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟»-يۇنۇس 10/99.
 
 
  
 
 


[1]– تۈمەر كۈچۈك، بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، 256-بەت.

[2]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، سېكولارىزم ماددىسى.

[3]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، سېكولارىزم ماددىسى.

[4]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىنسان ماددىسى.

[5]– م. سەئىد خەتىب ئوغلۇ، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، 3- جىلد، ئەنقەرە 1989، 3- سان، 102- بەت.

[6]– بۈيۈك لارۇس، ئىنسان ماددىسى، ئىستانبۇل، 1986.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
628 قېتىم ئوقۇلدى