ئىسلامدا ئىبادەت1
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 02/02/2017
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئىسلامدا ئىبادەت
1- ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى
ھەر بىر ئىنسان مەن نىمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ۋەزىپەم نىمە؟ نىمە مەسئۇلىيىتىم بار؟ دېگەن سۇئاللارنى ئۆزىدىن ھەر دائىم سوراپ تۇرۇشى ۋە بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.
نادانلىق قانچىلىق چوڭ بولسىمۇ كەچۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يارىتىلىش سىرى، غاي-نىشانلىرى، ۋەزىپىسى ۋە تەبىئىتىنى بىلمەسلىكىنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ. ئەقىل-ئىدراك بېرىلگەن بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يارىتىلىشتىكى مەقسەت، مەجبۇرىيەت ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق پىكىر يۈرگۈزمەستىن يەپ- ئىچىپ ھايۋاندەك ياشاپ ئۆتۈپ كېتىشى ئىنتايىن نۇمۇس ئىشتۇر. دۇنيادا بۇنداق تەييارلىقسىز، غەپلەتتە ياشىغان ئىنساننى كۈتمىگەن قاراڭغۇ بىر قىسمەت كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ، بۇ نادانلىق ۋە غەپلەت-زالالەتتە ياشىغاننىڭ پاجىئەلىك نەتىجىسىنى كۆرگەندە، قىلمىشلىرىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇنىڭ پۇشايمىنى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. قۇتۇلۇشنى قانچىلىك ئۈمۈد قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا چىقىش يولى قالمايدۇ.
 يەنە تەكرارلايمىزكى، بۇ ئاقىۋەتكە قالماسلىق ئۈچۈن ھەربىر  ئىنسان دائىم « مەن نىمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ مىنىڭ يارىتىلىشىمدىكى مەقسەت نىمە؟ » دېگەن سۇئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
2- مەڭگۈلۈك سۇئاللار
ھەربىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ ۋە يارىتىلىشتىكى سىرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى سۇئاللارنى سوراشتىن ئاۋۋال ئۆزىگە مۇنداق ئىككى سۇئالنى قۇيۇشى كېرەك:
1- مەن كىم؟ نەدىن كەلدىم؟ مىنى كىم ياراتتى؟.
2- مىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىم قەيەر؟ ئۆلگەندىن كېيىنچۇ؟.
بۇ سۇئاللارنى ئىخچاملاپ مۇنداق ئىپادىلىسەكمۇ بولىدۇ: نەدىن؟ قەيەرگە؟ نىمە ئۈچۈن؟.
مەزكۇر سۇئاللار ئىنسان ئەقىلگە كېلىپ، تەپەككۇر قىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپلا ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلدى ۋە ئۆلگۈچە داۋام قىلىدۇ. بۇ سۇئاللار ئىنساندىن چاڭقىغان قەلبلەرنى ھۇزۇرلاندۇرغۇدەك كەسكىن جاۋابلارنى كۈتمەكتە. چۈنكى، مەزكۇر سۇئاللارغا جاۋاب تېپىلماي تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى مۇئەييەنلەشمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ۋە ۋەزىپىسى بەلگىلەنمەيدۇ. مۇبادا ئىنسان ئۆزىنىڭ قانداق مەخلۇقلىقىنى، نىمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمىسە، زېمىندىكى خەلىپىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقسۇن؟!.
شەرق ۋە غەربتە مەزكۇر سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىغان پەلسەپە ئالىملىرى يوق بولمىسا كېرەك. ھەتتا، بۇ سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدىمىگەن پەيلاسوپلارنى، پەيلاسوپ ئەمەس دېيىشكىمۇ بولاتتى.
نەدىن؟ قەيەرگە؟ نىمە ئۈچۈن؟.
مەن قەيەردىن كەلدىم؟ مىنى بۇ دۇنياغا كىم ياراتتى؟ ئەتراپىمدىكى بۇ ئالەملەر قەيەردىن پەيدا بولدى؟ مەن بۇ ئالەمدىن كېيىنكى مەنزىلىم قەيەر؟ ئۆمۈر سەھىپىسى يېپىلغاندىن كېيىن، قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ مەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ مىنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپەم نىمە؟.
3- مەن قەيەردىن كەلدىم؟
بۇ، كۆرگەن نەرسىگىلا ئىشىنىدىغان ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان مۇرەككەپ سۇئاللارنىڭ بىرى. ئۇلار ئەقلى لوگىكىلارنىڭ يەكۈنىنى تەڭداشسىز توغرا دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالەم ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلارنى، ئالەمنىڭ گۈزەللىكى ۋە مۇنتىزىملىقىنى ئۆزلىكىدىنلا تاساددىپى پەيدا بولغان دېگەن سەپسەتىدە چىڭ تۇرىدۇ.
ئىنسان فىترىتىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالىدىغانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى بۇ ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچىسى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۇ زاتنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىش، ئۇنىڭدىن قورقۇش ۋە ياردەم تىلەش ئارزۇسى بىلەن ئۇ زاتقا يۈزلىنىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ھېس-تۇيغۇلارنى قەلبلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ خىل ھېس-تۇيغۇلارنى قۇرئاندا «دىن» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«سەن بۇ توغرا دىنغا- ئاللاھنىڭ فىترىتىگە- يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ، توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»– رۇم30/30.
بەزىدە ئىنسان راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كېتىپ، روھىدىكى ساپ تەبىئەتنىڭ چاقىرىقىغا قەستەن قۇلۇقىنى يۇپۇرۋالىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانغا قايغۇ يەتكەندە، مۇسىبەتلەر ئالدىدا ئىرادىسى سۇنغاندا، كىشىلەردىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەندە مەزكۇر نىدا ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا تەبىئىيلا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۇ ئىلاھقا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ شەپقىتىنى تىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىدۇ.
-بىر ئادەم ئىمام جەئفەر سادىقتىن ئاللاھ توغرىسىدا سورىدى، جەئفەر مۇنداق ئۇ كىشىگە:
-سەن دېڭىزدا سەپەرگە چىقىپ باققانمۇ؟-دېدى. ئۇ كىشى: -ھەئە.
-شۇ جەرياندا بىرەر قېتىم بوراننىڭ خەۋپىگە دۇچار بولغانمۇ؟
-ھەئە.
-شۇ چاغدا سەن ۋە كېمىدىكى باشقا ھەممىڭلار قۇتۇلۇشتىن ئۈمۈد ئۈزدۇڭلار شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
-شۇ ۋاقىتتا سېنىڭ قەلبىڭگە سېنى مۇشۇ بالادىن قۇتقۇزالايدىغان بىرەر نىجاتكار كەلدىمۇ؟
-ھەئە.
– مانا شۇ ئاللاھتۇر.
ئاللاھ قۇرئاندا بۇنداق ھەقىقەتلەرنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ: مەسىلەن:
( ئىنسانغا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ)-زۇمەر39/8. (دېڭىزدا ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار پۈتۈن ئىخلاس بىلەن ئاللاغا ئىلتىجا قىلىدۇ)- 31/32. ( سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يۇلۇققان چېغىڭلاردا، ئىسىڭلارغا سىلەر چۇقۇنىۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ)- ئىسرا 17/67.
دېكارت: "مەن ۋۇجۇدۇمدىكى بىر كەمچىلىكنى ھېس قىلغاندا، بىر مۇكەممەل زاتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمەن. مىنىڭ ۋۇجۇدۇمغا ئاشۇنداق ھېس-تۇيغۇنى سالغان زاتنىڭ جىمى مۇكەممەللىك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئۇ زات ئاللاھتۇر" دەيدۇ.
بۇ ھېس-تۇيغۇ ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى ساپ تەبىئىتىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. لېكىن ئىمان بولسا، بۇ ساپ تەبىئەت ۋە باشقا ھەر قانداق سەۋەبلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ھادىسىدۇر. چۈنكى، ئۇ تارىختىن بۇيان مىللەت، ئىرق ئايرىماستىن يەر شارىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ، داۋاملىشىپ كەلدى.
فرانسىيىلىك پەيلاسوپ براگسون مۇنداق دەيدۇ:« تارىختا ئىلىم-پەنسىز، سەنئەتسىز، پەلسەپىسىز قەۋم مەۋجۇت بولغان، ھەم بولىدۇ. لېكىن، دىنسىز بىر قەۋم مەۋجۇت بولۇپ باقمىدى، ھەم بولمايدۇ».
ئارنىست رېنان دىنلار تارىخى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« بىز ياخشى كۆرىدىغان ھەممە نەرسە يوقىلىپ كېتىشى، يەنى ئىلىم-پەن، سانائەتتىن پايدىلىنىش ئەمەلدىن قىلىشى مۇمكىن. لېكىن دىن يوقالمايدۇ. ئەكسىچە دىن، ئىنسان تەپەككۇرىنى ھاياتى دۇنيانىڭ تار ۋادىلىرىغا بېكىندۈرۈپ قويىدىغان ماتېرىيالىزمچى مەزھەبنىڭ باتىللىقىنى نامايەن قىلغان ھالدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىۋىرىدۇ».
ئىنساننىڭ ساپ تەبىئىتى(فىترەت) ئۇنى ھىدايەتكە باشلايدۇ. ئىنساندىكى ساپ تەبىئەت(فىترەت) پەقەت ساپ ئاڭ ياكى ھېس-تۇيغۇلا بولماستىن. بەلكى، ئۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت. ئىنساندىكى ساپ ئاڭ، ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشنىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق ئالەمنىڭ، ھاياتلىقنىڭ ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئىنساندىكى ساپ ئاڭ، «سەۋەب-نەتىجە» قانۇنىيىتىگە مۇتلەق بويسۇنىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىشنىڭ سەۋەبسىز پەيدا بولغانلقىنى، بىر سەنئەتنىڭ ھۈنەرۋەنسىز مەيدانغا كەلگەنلىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.
«سەۋەب-نەتىجە» توغرىسىدا بەزىلەر سەھرالىق بىر ئەرەبتىن «ياراتقۇچى» ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ ئىنتايىن ئاددى ئىپادە بىلەن مۇنداق دېگەن: « تۆگىنىڭ ئىزى كارۋاننىڭ ماڭغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، يۇلتۇزلۇق ئاسمان، بىپايان زېمىن، دولقۇنلۇق دېڭىز….قاتارلىق مەخلۇقلار بۇلاردىنمۇ بۈيۈك بىر زاتنىڭ بارلىقىنى دەلىللەپ بەرمەمدۇ؟».
ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان تەبىئىي پەن ئالىمى نيۇتون مۇنداق دېگەن:« سىلەر ياراتقۇچىغا شەك كەلتۈرمەڭلار، بىلىش كېرەككى، پەقەت تاساددىپىلىقلا، بۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى بولۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئىنسان ئالەمنىڭ ئاجايىباتلىرىنى، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك، بەدئىيلىكنى تونۇپ يەتكەنسىرى ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، ئۇنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا، ئۇلۇغلۇقىغا ۋە سۈپەتلىرىنىڭ كامالەتلىكىگە بولغان ئېتىقاد-ئىمانى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
بۇ ھەقتە سىپېنسىر ھېرشىل مۇنداق دەيدۇ:« ئىلىم ئۇپۇقى كېڭەيگەنسىرى چەكسىز قۇدرەتلىك، باقى ۋە ئەزەلى بولغان بىر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەيدىغان كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئىشىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا، گېئولوگلار، ماتېماتىكلار، ئاسترونوملار ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك بىر ئىلىم ئابىدىسى تىكلەشكە ھەمكارلاشماقتا. ئۇ ئابىدە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە يەككە-يېگانە زات ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن ئىبارەت».
سىپىنسىر مۇنداق دەيدۇ:« بىر تامچە سۇنى كۆزەتكەن ئالىم، ئۇنىڭ بەلگىلىك مىقداردا ئوكسىگېن ۋە ھىدروگېنلاردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى، مۇبادا شۇ ئۆلچەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ئۇنىڭ باشقا بىر ماددىغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىم، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، قۇدرىتىنىڭ چوڭلىقىنى، ھېكمىتىنىڭ ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى تۇنۇپ يېتىدۇ. لېكىن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىدىن باشقىلار ئۇنىڭ پەقەت بىر تامچە سۇ ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. شۇنداقلا، تەبىئىي پەن ئالىمى بىر پارچە مۆلدۈردە گېئومېتىرىيىلىك نەپىسلىكنى ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كۆرەلەيدۇ. بۇمۇ، ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك چەكسىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۆلدۈرنىڭ جۇت سوغۇقى ۋە توڭلىتىشىدىن باشقىنى ھېس قىلمايدىغان قانچىلىغان ئىنسان بار-ھە؟!».
فرانسىس بىكون مۇنداق دەيدۇ:« پەلسەپىنى چالا ئۆگىنىش ئىنسان ئەقلىنى دىنسىزلىققا سۆرەيدۇ. لېكىن، ئۇنى چوڭقۇر بىلىش ئىنسان ئەقلىنى ئېتىقادقا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئەقلى بەزىدە تاساددىپى يولۇقۇپ قالغان ئىككىلەمچى سەۋەبلەر ئالدىدا توختاپ قالىدۇ. لېكىن، ئىنسان چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، سەۋەب ھالقىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە قانداق باغلانغانلىقىنى كۆرسە، ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتىن باشقا يول تاپالمايدۇ».
مانا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىمىز تەبىئى پەن ۋە پەلسەپەدە يېتىشكەن، تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ ئېتىقاد ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىدۇر. لېكىن، شەكلىنىش ۋە دىنسىزلىقنى پەقەت ئىلىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكمىگەن ۋە بىكون دېگەندەك، پەلسەپىنى چۈشەنمەي ئاز-تۇلا ئوقۇپ قويغان كىشىلەرلا تەرغىب قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىستەك بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇ ئەقلى جەھەتتىنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بىر ئىش. ئېتىقاد مۇشۇنداق بولمىغاندا،«قۇرئان كەرىمدە» ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنۇ سۇئاللار جاۋابسىز قالىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«– ياكى ئۇلار ھېچ ياراتقۇچىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟. ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار ياراتتىمۇ؟ ياق، ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنمەيدۇ»-تۇر 52/35-36.
دەرۋەقە، ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىمۇ، ئۆزلىرى ياراتقان ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھېچكىم ئاسمان-زېمىننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى داۋا قىلىپ باقمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىم ئۇنداق داۋا قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۇنداقتا ياراتقۇچى كىم؟
بۇ سۇئالنىڭ پەقەت بىرلا جاۋابى بار. ئەقىللىق بىر ئادەم خىلۋەتتە تۇرۇپ بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدىگەندە، خۇددى مەككە مۇشرىكلىرى ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر سۇئالغا بەرگەن جاۋابتىن باشقىسىنى تاپالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ:
« ئەگەر سەن ئۇلاردىن:«ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار:«ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى«ئاللاھ» ياراتتى دەيدۇ»-زۇخرۇف 43/9.
   
           
  
 
 
     

مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ