مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى10

ج-  چېركاۋ ۋە تېئوكراتىيە
74- چېركاۋ، تېئوكراتىيە سېستىمىنى قۇرغۇچى ئاساسىي ئورگاندۇر. چۈنكى بۇ سېستىمىدا پادىشاھنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ھاكىملارنى بېكىتكۈچى ۋە ۋەزىپىگە قويغۇچىنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. خرىستىئانلارنىڭ ئېتىقادىدا، ئىلاھ- ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھ قاتارلىق ئۈچ نەرسىدىن ئىبارەت. ئوغۇل ئىسا (ئە.س) بولۇپ، (ئاسمان ۋە زىمىندىكى پۈتۈن ھۆكۈمرانلىق ئۇنىڭغا بېرىلگەندۇر[1]). ئىسانىڭ ئورنىدا باشقۇرۇش ۋە قارار چىقىرىش ھوقۇقى پەقەت چېركاۋغا ئائىتتۇر. ئىسا چېركاۋدا ھەر دائىم مەۋجۇتتۇر. چۈنكى چېركاۋ ئۇنىڭ مەنىۋى مەۋجۇتلىقى بىلەن پۈتۈنلىشىدۇ.[2] مۇقەددەس روھ، چېركاۋنى خاتالىقلاردىن قوغدايدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ (ئاتا)ىنىڭ نىمەتى ۋە سوۋغاتلىرى بىلەن تولدۇرىدۇ[3].
75- ئىنجىل مەتتادا مۇنداق دەيدۇ: (ئىسا (ئە.س) كېرىستقا مىخلىنىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن قەبرىدىن چىقىپ، ئون بىر ھاۋارىيىنىغا مۇنداق خىتاب قىلدى: (ئاسمان ۋە زىمىندىكى بارلىق ھۆكۈمرانلىق ماڭا بېرىلدى. ھازىر تارقىلىڭلار، پۈتۈن قەۋملەرنى ئوقۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتام، مەن ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا بەيئەت قىلدۇرۇڭلار. مەن سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار. مەن قىيامەتكىچە سىلەرگە ھەمرا بولىمەن)[4]. خرىستىئانلار، بۇ تېكىستلەردىن پايدىلىنىپ چېركاۋنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى. ھەتتا، چېركاۋنىڭ قۇشۇلغانلىق قارارى بولمىسا ھېچكىم خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. بىر كىشى خرىستىئان دىنىغا كىرمەكچى بولسا چۇقۇم چېركاۋنىڭ قۇبۇل قىلغانلىق قارارى بولۇشى كېرەك. ئاندىن بۇ كىشىگە چۇقۇندۇرۇش مۇراسىمى (خرىستىئانلاردا گۇناھ يۇيۇش ياكى بىراۋنى يۇيۇندۇرۇپ بەيئەت قىلدۇرۇش مۇراسىمى) ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ ئىسانىڭ روھى بىلەن بىرلىشىشنى ۋە مۇقەددەس روھ بىلەن يىڭىدىن تۇغۇلۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان، خرىستىئانلارغا خاس مۇراسىمدۇر. بۇ مۇراسىم خرىستىئان بولۇشنىڭ بىرىنچى شەرتىدۇر. بىر چېركاۋدىن باشقا بىر چېركاۋغا يۆتكىلىش ئۈچۈنمۇ بۇ مۇراسىمنى قىلىش شەرت[5].
76- خرىستىئان دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ نۇپۇزغا ئىگە مەزھەب كاتولىك مەزھىبى بولۇپ، بۇ مەزھەب ئۆزىنى پىترۇسقا باغلايدۇ. بۇ مەزھەبنىڭ روھانى داھىسى پاپادۇر. پاپا ئىسانىڭ ۋەكىلى ۋە پىترۇسنىڭ خەلىپىسىدۇر. پاپا خاتالاشمايدىغان بىر سالاھىيەتكە ئىگە. چېركاۋنىڭ ئىدارىسى ئالەمشۇمۇلدۇر. چېركاۋ بولمىسا قۇتۇلۇش بولمايدۇ. رۇمىنيە چېركاۋى، باشقا چېركاۋلارنىڭ روھانى مەركىزىدۇر ۋە ھەممىسىدىن ئۈستۈندۇر. چېركاۋ، مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. مۇقەددەس روھ ئاتا ۋە ئوغۇلدىن بارلىققا كېلىدۇ. ئىنجىل چېركاۋنىڭ قولى بىلەنلا چۈشەندۈرۈلىدۇ[6].
77- تېئوكراتىيىلىك تۈزۈمدە پادىشاھنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ھاكىملارنى بېكىتىش ۋە ۋەزىپىگە قويۇش ھوقۇقى چېركاۋغا ئائىتتۇر. چۈنكى چېركاۋ ئىلاھنىڭ نامىدا باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بولغان نۇپۇزنى قوللىنىدۇ. لېكىن، چېركاۋ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مۇقەددەس روھ چېركاۋنى قوغدايدۇ دېگەن ئەقىدە چېركاۋنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى چەكلەيدۇ[7].
78- بۇنىڭغا ئاساسەن، تېئوكراتىيىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك: تېئوكراتىيە، ھاكىمىيەتنى چېركاۋنىڭ ئىرادىسىغا تاشلاپ قويغان باشقۇرۇش سېستىمىدۇر. بۇ سېستىمىدا پادىشاھنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ھاكىملارنى بېكىتكۈچى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىگۈچى چېركاۋدۇر.

 


[1]– ئىسا ھاۋارىيىنلەرنىڭ يىنىغا كىلىپ مۇنداق خىتاب قىلدى، ئاسمان ۋە زىمىندىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر ماڭا بېرىلدى. (مەتتا 18، مۇقەددەس كىتاب، ئەھدى جەدىد، 43-بەت).

 

[2]– تۈمەر، كۈچۈك، مەزكۇر كىتاب، 263-بەت.

 

[3]تۈمەر، كۈچۈك، مەزكۇر كىتاب، 256-بەت.

 

[4]– مەتتا 16-20، مۇقەددەس كىتاب، ئەھدى جەدىد، 43-بەت.

 

[5]تۈمەر، كۈچۈك، مەزكۇر كىتاب، 268- بەت.

 

[6]تۈمەر، كۈچۈك، مەزكۇر كىتاب، 270-بەت.

 

[7]تۈمەر، كۈچۈك، مەزكۇر كىتاب،256.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر