مەۋلۇت ھەققىدە
باش بەت > ئەقىدە تارىخ: 16.01.2017 يازدۇرغىن
مەۋلۇت ئوقۇش
 ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «مەۋلۇت ئوقۇش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يىغىلىش مۇراسىمى پەيدا بولدى.  بۇ مۇراسىم رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3- ئېيى)دە كۆپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشنى پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغانلىقى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ ۋاپاتىمۇ رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا بولغان[1]. ئەسلىدە بۇ ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن كىرگەن بولۇپ، بىز تۆۋەندە مەۋلۇتنىڭ مەنىسى، مەۋلۇت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، تارىخى ۋە ھۆكمى قاتارلىقلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز. 
1- «مەۋلۇت» نىڭ لۇغەت مەنىسى
تۇغماق، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت، تۇغقان ۋە تۇغۇلغان ئورۇندېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان مەۋلۇت (مەۋلىد) كەلمىسى دەسلەپتەپەيغەمبەر (ئەس)نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. كېيىنچە ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى، سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىتوغرىسىدا يېزىلغان نەزمىلەرگە «مەۋلۇت» دېيىلگەن. – (شامىل ئىسلامئېنسىكلوپېدىيىسى ۋە ئىقرائ ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى).
2- مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى
پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىئۆتكۈزۈش ئادىتى ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە فاتمىيىلاردا باشلانغان. فاتىمىيلار پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بىلەنبىرلىكتە ئەلى، فاتىمە، ھەسەن، ھۈسەيىن ۋە خەلىپىلەر (رە.ئە) لارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىئۆتكۈزەتتى.
فاتىمىيىلار مىلادىيىنىڭ 909 – 1171 يىللىرى (ھىجرىيىنىڭ 297 ـ567) ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئەرەب خەلىپىلىرى بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىپەيغەمبەر (ئەس)نىڭ قىزى فاتىمە (رە.ئە)نىڭ ئەۋلادى دەپھېسابلايدۇ. بۇلار دەسلەپتە شىمالىي ئافرىقىدا، كېيىن مىسىردا ھۆكۈمرانلىققىلغان. مەۋلۇت ئوقۇش ئادىتى فاتىمىيىلاردىن مەغرىبرايونلىرىغا، ئەرەبىستانغا ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە كىرگەن. ئاندىن كېيىنپۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا تارقالدى. ـ (تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى).
3- مەۋلۇت ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇشنىڭ شەرئىي ھۆكمى
مەۋلۇت ئوقۇش بىدئەتتۇر. ئوقۇغۇچى بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى بىدئەتكە ياردەملەشكەن بولىدۇ. دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:
1- مەۋلۇت ئوقۇش ۋە مەۋلۇت ئوقۇتۇش قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردەئاساسى يوق ئىش بولۇپ، بىدئەت ھېسابلىنىدۇ.  پەيغەمبەر (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى، كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشتۇر»[2].
«كېيىن پەيدا قىلىنغان ھەر ئىش بىدئەتتۇر»[3].
«ھەر بىدئەت زالالەتتۇر، ھەر زالالەت دوزاختىدۇر»[4].
2- مەۋلۇتنىڭ ئىچىدە شېرىك ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇسۆزلەرنى ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلاپ تەستىقلىغۇچى مۇشرىك بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان مەۋلۇتلاردا تۆۋەندىكىسۆزلەر بار:
«ئى خۇدانىڭ ئەلچىسى! پەيغەمبەرلەر ياخشىسى!
تارتقىن بىزنى دوزاختىن، ئى خۇدانىڭ ھەبىبى!».
بىزنى دوزاختىن پەيغەمبەر ئەمەس، ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇقۇتقۇزۇشى، بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنبولۇشىمىزغا باغلىقتۇر (مەريەم 1972؛ ئەنبىيا 21/101-102).
شۇنىڭدەك، مەۋلۇت ئوقۇش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا «مەھەللى قىيام» دەپبىر يەر بار. مەۋلۇت بۇ يەرگە كەلگەندە شۇ سورۇندا بولغانلارنىڭ ھەممىسىئورنىدىن تۇرىدۇ. چۈنكى مەۋلۇت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇ چاغداپەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ شۇ سورۇنغا، شۇ چاغدا كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا «مەرھابا يا مەرھەبا، مەرھەبا جەددەلھۈسەينىمەرھەبا» دېگەن نەزملەر ئوقۇلىدۇ. مانا بۇمۇ ئاللاھقا شېرىككەلتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى قىيام (ئورنىدىن تۇرۇپ تەزىم قىلىش) پەقەتئاللاھقىلا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر (بەقەرە 2/238).
 
 
 


[1] پەيغەمبەر (ئە.س) پىل ۋەقەسى بولغان يىلى، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 9- كۈنى، دۈشەنبە ئەتىگەن (بۇ مىلادىيە 571- يىلى، 4- ئاينىڭ 22- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 11- يىلى، رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە چاشگاھ ۋاقتىدا (بۇ مىلادىيە 632- يىلى، 6- ئاينىڭ 8- كۈنىگە توغرا كېلىدۇ) ۋاپات بولغان. بۇ ھەقتە سىيەر ۋە تارىخ كىتابلىرىدا ئىختىلاپ يوق.
 

[2]مۇسلىم، جۈمە 43.

[3]نەسەئى، ئەلئىيدەين 22؛ ئىبنى ماجە، مۇقەددىمە 7.

[4]مۇسلىم، جۈمە 43؛ ئەبۇ داۋۇد، سۈننەت 6.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
1.020 قېتىم ئوقۇلدى