مۇسۇلمانلار

گۇۋاھلىققا ھەق ئېلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز:
سىلىدىن مەنپەئەتلىك بىلىم ئېلىۋاتقانلىقىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن، سىلىگە كۆپ تەشەككۈر بولسۇن. ئاللاھ سىلىگە كۆپ ئەجىر، تىنچ – ئامانلىق، سالامەتلىك، قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن!
يەنە بىر سوئالىم:
سودا – سېتىق گۇۋاھچىلىق ھەققى بېرىش ، ئېلىش توغرا ئىشمۇ؟
(سورىشىمدىكى سەۋەب ـ يۇرتىمىزدا، ئۆي، يەر، ماشىنا… ئېلىم – سېتىم قىلىشقاندا، ئېلىم – سېتىم قىلىشقۇچىدىن باشقا بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ، مەلۇم سوممىدا ھەق بېرىپ ، سودا توختامنامىسىغا گۇۋاھچىلىق ئۈچۈن قول قويدۇردىغان ئىشلار بار. شۇڭا…….؟)
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
گۇۋاھچىلىق «خۇدالىق ئۈچۈن» بولۇش كېرەك. سىز دېگەندەك بولسا «پۇل ئۈچۈن» بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەقدىردە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھچىلىقى ئېتىبارسىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى «پۇل ئۈچۈن» گۇۋاھچىلىق قىلغان كىشى يەنە «پۇل ئۈچۈن» قارشى تەرەپ گۇۋاھچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھ رىزاسى دېگەن مەقسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەمىمىي بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَنْ تَعْدِلُوا ۚ وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا}.
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بېرىدىغان گۇۋاھلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ۋە ياكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى كىشى باي ياكى پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر. ئۇنداقتا نەپسىڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئادالەتتىن ئايرىلماڭلار. ئەگەر ئەگرى-بۈگرى قىلساڭلار ياكى يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»- نىسا 4/135.
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُونُواْ قَوَّامِينَ لِلّهِ شُهَدَاء بِالْقِسْطِ وَلاَ يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلاَّ تَعْدِلُواْ اعْدِلُواْ هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ}
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بىر قەۋمگە ساقلىغان گىنىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا سۆرەپ ئاپارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»- مائىدە 5/8.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر