قۇرئانچى ۋە قۇرئانسىز
باش بەت > پەتىۋالار > قۇرئان تارىخ: 26.10.2016 يازدۇرغىن
سوئال:
سىزنى باشقىلاردىن قۇرئانچى دەپ ئاڭلىدىم، لېكىن پەتىۋالىرىڭىزدىن قۇرئانچىلىق ئىدىيەسىنى بايقىيالمىدىم. سىز راست قۇرئانچىمۇ؟
جاۋاب:
ھەئە، مەن قۇرئانچى، ئەلھەمدۇ لىللاھ!
يەھۇدىيلار تەۋراتچى، خىرىستىيانلار ئىنجىلچى، بۇددىستلار نومچى، نۇرچىلار رىسالەئى نۇرچى، مۇسۇلمانلار قۇرئانچىدۇر. مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىم ئۈچۈن قۇرئانچىدۇرمەن. قۇرئانچىلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.
مېنى تىللاش مەقسىتى بىلەن قۇرئانچى دېگەنلەر، ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانچى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولىدۇ. بۇ ئېلان ئاللاھقا تەسلىم بولمىغانلىقنىڭ يەنى مۇسۇلمان بولمىغانلىقنىڭ ئېلانىدۇر، خالاس.
سىز مېنى «قۇرئانچى» دەپ ئۆزىچە ماڭا ھاقارەت قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋاتقان «مەخلۇقاتلار» دىن سوراپ بېقىڭ: ئۇلار «نېمىچى» ئىكەن؟
 
 
قۇرئانچىلار قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشنى مۇسۇلمانلىق دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىش بىلەن بىرگە قۇرئانغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قۇرئاننى ئۆزلىرىگە ھىدايەت رەھبىرى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى توغرا، ئىبادىتى ياخشى، مۇئاملىسى دۇرۇس، ئەخلاقى گۈزەل، تەسەۋۋۇرى ھەقىقەت بولىدۇ.
قۇرئانسىزلار قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشنى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، لېكىن قۇرئانغا ئىشەنچ قىلمايدۇ. ئۇلار قۇرئاننى ئەمەس، «ئۇلۇغ زات»لىرىنىڭ «كىتاب»لىرىنى «بىر پۈتۈن ھالدا چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك دەستۇر» قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە شېرىك، ئىبادىتىگە بىدئەت، مۇئاملىسىگە ھارام، ئەخلاقىغا ناچارلىق، تەسەۋۋۇرىغا خۇراپات ئارىلىشىپ كەتكەن.
  قۇرئانچىلار پىترىتىنى بۇزمىغانلىقى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن يورۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبى ئاق، كۆڭلى پاك، ۋىجدانى ساق، ئېتىقادى تۈزۈك، چۈشەنچىسى سۈزۈك بولىدۇ.
قۇرئانسىزلار پىترىتىنى بۇلغىغانلىقى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى قۇرئاننىڭ نۇرىغا ئېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئادەتنى ئىبادەت، خۇراپاتنى دىيانەت، شېرىكنى ئىمان، بىدئەتنى ئىسلام دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.  
Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
1.155 قېتىم ئوقۇلدى