مۇسۇلمانلار
ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى2 1

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى2

ئەسىرلەرنىڭ ئاقىۋىتى2 2كۆرگىنىمىزدەك سۈننىيلەر ۋە شىئەلەر ئايەتتە بولمىغان قۇل قىلىشنى  ئايەتنىڭ ھۈكمىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.
ب-ئايال ئەسىرلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش
سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئەسىرلەرنى قۇل قىلىشنى قۇرئاننىڭ ھۆكمى دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن نىسا سۈرىسىنىڭ 24-، مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 5- ۋە 60، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايەتلىرىنىڭ كەلىمىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلماستىن ئايال ئەسىرلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشنىمۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئايەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى:
1-نىسا سۈرىسىنىڭ 3-ئايەت:
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ تُقْسِطُواْ فِي الْيَتَامَى فَانكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاء مَثْنَى وَثُلاَثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ تَعْدِلُواْ فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلاَّ تَعُولُوا
«ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىدىن، ئۈچتىن ۋە تۆتتىن ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر» نىسا 4/3.
ئايەتنىڭ دەلىل ئالغان قىسمى مۇنداقتۇر:
فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ تَعْدِلُواْ فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلاَّ تَعُولُواْ.
ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر.» نىسا 4/3.
بۇ ئايەتنى سۈننىيلەر مۇنداق چۈشەندۇرىدۇ:
{فإن خفتم أن لا تعدلوا … فواحدة انكحوهاأواقتصروا على ما ملكت أيمانكم
«بىردىن كۆپ خوتۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىشتىن قورقساڭلار بىرلا خوتۇننى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار ياكى قول ئاستىڭلاردىكى بىلەن كۇپايىلىنىڭلار».
ئايەتكە جەئفەرىلەرنىڭ قىلغان تەپسىرى مۇنداق:
فأن خفتم أن لا تعدلوا فواحدة أي فانكحوا واحدة … أو ما ملكت أيمانكم وهى الاماء …كان المراد بذكر ملك اليمين الاكتفاء باتخاذهن وإتيانهن بملك اليمين دون نكاحهن بما يبلغ العدد
(بىردىن كۆپ خوتۇن ئالغىنىڭلاردا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورقساڭلار بىرلا خوتۇننى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر… ئايەتتە چۆرىلەرنىڭ زىكىر قىلىنىشى سانى قانچىگە چىقسا چىقسۇن پەقەت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بىر يەردە بولۇش بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ[8].
بۇ ئايەتتىن بۇنداق مەنا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ما مەلەكەت ئەيمانۇكۇم < ما ملكت أيمانكم> يەنى <قول ئاستىڭلاردىكى> دېگەن سۆز< واحدة><بىردىن> دېگەن سۆزگە باغلىنىدۇ. باغلانغۇچى بىلەن باغلىغۇچى سۆزنىڭ ئامىللىرى ھەرگىزمۇ پەرقلىق بولمايدۇ، بىر نەرسە بولىدۇ . ۋاھىدەتەن «واحدة» <بىردىن> دېگەن سۆزنىڭ ئامىلى ئىنكىھۇ «انكحوا» <نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار> دېگەن بۇيرۇق پېئىلى بولسا مامەلەكەت ئەيمانۇكۇم <قول ئاستىڭلاردىكىنى> دېگەن سۆزنىڭ ئامىلىمۇ <نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار> دېگەن بۇيرۇق پېئىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت بىردىن كۆپ خوتۇن ئالغان تەقدىردە ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورققانلارغا بىر ئازاد بىر ئايالنى ياكى بىر چۆرىنى نىكاھىغا ئېلىشنى بۇيرۇماقتا.
ئەرەبچە بىلمىگەنلەرگە بۇنى مۇنداق ئۇسۇلدا چۇشەندۈرىمىز: «بىر ئايال ياكى قول ئاستىڭلاردىكى بىرنى» دېگەن ئايەتنىڭ يوشۇرۇن ئامىلى ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىن بىلىنىپ تۇرغان «نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق پېئىلىدۇر. «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسى بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان ئىككى سۆزنىڭ ئامىللىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ ئالىملار جۈملىنىڭ شەكلىنى بۇزۇپ ئىككىنچى سۆزنىڭ ئالدىغا «كۇپايىلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى قويغان. بۇ، ئايەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا بىر ئىش ئەمەس.
بىز ئېرىشەلىگەن تەپسىر كىتابلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ خاتالىق بار. تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «قۇرئان يولى » ناملىق تۈركچە تەپسىردە بۇ تېما مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى.
ئەگەر ئۇ ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن ئېلىڭلار ياكى ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇۋاتقان دېدەكلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار.
تەپسىر: «ئىگىدارچىلىقىڭلاردا بولغان دېدەكلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار» دېگەن تەۋسىيە يېتىملەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش شەرتىگە باغلانغان. بۇنىڭدا پەقەت دېدەكلەرنىڭ مەنپەئەتى بار. … يېتىملەرنىڭ ۋە ئازاد ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىشتىن قورققانلىقىمدىن، ئىلكىدىكى دېدەكلەر بىلەن نىكاھلانغاندەك ياشايدىغان مۇئمىننىڭ مەنپەئەتى، دېدەكلەرنىڭ ھەقلىرى ھۈر ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە تۆۋەن بولۇشىدۇر.[9].
ھازىرقى زامان «قۇرئان يولى» تەپسىرىنىڭ خاتالىققا قانداق ئىگە چىققانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈنمەكتە.
داۋامى بار…

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر