مۇسۇلمانلار

پىتىر سەدىقىسى

پىتىر سەدىقىسى
ئا- ھۆكمى
پىتىر سەدىقىسى بېرىش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ فَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ»
«روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر»- بەقەرە 2/184.
«روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلارغا» يەنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقانلارغا ۋە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتكەن، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ: «سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغان بولسا باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن» دېگەن مەنىدىكى رۇخسىتىگە ئەمەل قىلىپ روزىسىنى رامىزان ئېيىدا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلماقچى بولغانلارغا بىر مىسكىننىڭ تائامىغا يەتكۈدەك مىقداردا فىدىيە بېرىش كېرەك بولىدۇ.
بۇ ئايەتتە رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار بىر فىدىيە بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىپ يەتمەيدىغانلىقى رامىزان ئاخىرلاشقاندا بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى رامىزان چىقىپ كېتىپ شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كۈندۈزى باشلانغاندىن كېيىن پەرز بولىدۇ. لېكىن تەپسىرلەردە ئاللاھ تائالانىڭ «يُطِيقُونَهُ» دېگەن سۆزى بېشىغا «لا» قوشۇپ «تاقىتى يەتمەيدىغان، روزىنى تۇتالمايدىغان» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ بولۇشلۇق پېئىلنىڭ بۇ تەھرىف قىلىنغان (ئۆزگەرتىلگەن) بولۇشسىز مەنىسى «قېرى، ئاجىز، ھامىلىدار، بالا ئېمىتكۈچى بولغانلىقتىن روزىنى تۇتالمايدىغانلارنىڭ بىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلىكىگە يەتكۈدەك مىقداردا فىدىيە بېرىشى لازىم» دېگەن ئويدۇرما ھۆكۈمگە دەلىل قىلىنىدۇ.
ئۇلار «لاَيُطِيقُونَهُ = تاقىتى يەتمەيدىغانلار» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا «يُطِيقُونَهُ = تاقىتى يېتىدىغانلار» دەيدۇ. ئۇلار «تاقىتى يەتمەيدىغانلارغا دىن نامىدىن ۋەزىپىلەر يۈكلەيدۇ»، ئاللاھ تائالا «ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[1].
ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلماسلىق ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇساپىردىن نامازنىڭ يېرىمىنى، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتكۈچى ئاياللاردىن روزىنى كۆتۈرۈۋەتتى»[2].
ئە- ھېكمىتى
ئىبىن ئابباس (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقۇچىنى بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ناشايان سۆزلەرنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا مىسكىنلەرگە تائام بولسۇن ئۈچۈن پەرز قىلدى»[3].
دېمەككى، پىتىر زاكىتىنىڭ ئىككى ھېكمىتى بار: بىرى روزا تۇتقۇچىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلىرىدىن پاكلاش، يەنە بىرى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش. يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن «فىديەتۇن» ۋە «تائامۇ مىسكىن» فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ») ئىپادىلىرى بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى فىدىيە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كەمچىلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن ماددىي نەرسىدۇر[4].
ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 187- ئايىتىدە روزا تۇتقۇچىلار قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن:
«تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا»
«بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار»- بەقەرە 2/187.
چېگرادىن ئۆتسە روزا بۇزۇلىدۇ، چېگراغا يېقىنلاشسا روزا بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ساۋابى كېمىيىدۇ، بۇ كەمچىلىك فىدىيە بىلەن تولۇقلىنىدۇ.
ب- كىمگە پەرزدۇر؟
ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى (بەقەرە 2/184) قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى: پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقانلارغا پەرز قىلىنىدۇ.
بۇ توغرىدا ئىككى تۈرلۈك رىۋايەت بار. بىرى ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر سۆزىگە ماس كېلىدۇ، يەنە بىرى ماس كەلمەيدۇ. ئۇ رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1- ئايەتكە ماس كېلىدىغان رىۋايەت:
مالىك ئىبىن ئەنەس ۋە ئەييۇب ئەسسەختىيانىي نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى ئازاد، قۇل، ئەر، ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا خورمىدىن بىر سا[5] ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[6].
2- ئايەتكە ماس كەلمەيدىغان رىۋايەت:
ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر[7] ۋە ئۆمەر ئىبىن نافىئ نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر زاكىتىنى قۇل، ئازاد، ئەر، ئايال، كىچىك ۋە چوڭ مۇسۇلمانلارغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[8].
كۆرۈنگىنىدەك، بۇ ئىككى تۈرلۈك رىۋايەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئىبىن ئۆمەر (ر.ز)دىن نافىئ يولى بىلەن كېلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىدە «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ، ئىككىنچىسىدە «كىچىك، چوڭ» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىدۇ.
ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، «سەھىھ مەنبەلەر» دېيىلىدىغان ھەدىس كىتابلىرىدا ھەر ئىككى رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ. ھەتتا مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ «ئەڭ ئىشەنچلىك» ۋە «ئەڭ مۆتىۋەر»لىرى بولغان بۇخارى ۋە مۇسىلىملەردىمۇ بۇ پەرقلىق ئىككى رىۋايەت ئۆتىدۇ.
ئىككىنچى رىۋايەتنىڭ تەنقىدى:
بۇ رىۋايەتنى نافىئدىن ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر بىلەن ئۆمەر ئىبىن نافىئ نەقىل قىلىدۇ. ئۇبەيدۇللاھنىڭ رىۋايىتى بىر يەردە زىيادە، يەنە بىر يەردە كەم زىكىر قىلىنىدۇ. ئۆمەرنىڭ رىۋايىتى بولسا، ئۇ رىۋايەتتىكى «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن زىيادە قىلىنغانلىقى  زىكىر قىلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1- ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەرنىڭ رىۋايىتىدىكى زىيادە ۋە كەملىك:
ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى كىچىك، چوڭ، ئەر، ئايال، ئازاد ۋە قولغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[9].
ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى كىچىك، چوڭ، ئازاد ۋە قۇلغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[10].
دىققەت قىلىنىدىغان بولسا ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئىككىنچى رىۋايىتىدە «ئەر، ئايال» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنمىغان. دېمەككى، بۇ زاتنىڭ رىۋايىتى ئايەتكە ماس كەلمەسلىك بىلەن بىرگە كەم ياكى زىيادىلىكتىن خالىي ئەمەس.
2- نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەرنىڭ رىۋايىتى
ئەبۇ داۋۇدنىڭ سۇنەن ناملىق ھەدىس كىتابىدا رىۋايەتتىكى «كىچىك ۋە چوڭ» ئىپادىسىنىڭ نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر تەرىپىدىن زىيادە قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ:
 مالىك نافىئدىن، نافىئ ئىبىن ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «رامىزاندىكى پىتىر سەدىقىسى خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا بولۇپ، ئۇ ئازاد، قۇل، ئەر، ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر». بۇ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سۇنەن ناملىق ئەسىرىنىڭ كىتابۇززاكات، 19- باب 1611- نومۇرلۇق رىۋايەتتۇر.
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك بۇ رىۋايەتنى نافىئدىن مالىك ئىسىملىك بىر كىشى (مالىك ئىبىن ئەنەس) نەقىل قىلىدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ داۋامىدىكى رىۋايەتنى يەنى 1612- نومۇرلۇق رىۋايەتنى نافىئدىن نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت مۇنداق: نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئىبىن ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى». نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر بىرىنچى رىۋايەتتىكى (1611- رىۋايەتتىكى) مالىكنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسىنى زىكىر قىلدى ۋە «كىچىك، چوڭ» ئىپادىسىنى زىيادە قىلدى. (ئەبۇ داۋۇد، زاكات 19 (1611-1612).
«چوڭ-كىچىك» ئىپادىسىنى نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەرنىڭ قوشۇپ قويغانلىقىغا نافىئنىڭ مۇنۇ رىۋايىتىمۇ دالالەت قىلىدۇ:
ئەييۇب نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى ئەر، ئايال، ئازاد ۋە قۇلغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى». ئىنسانلار بۇنى يېرىم سا بۇغدايغا تەڭلەشتۈردى. ئىبىن ئۆمەر خورما بېرەتتى، كېيىن مەدىنىدە خورما مەھسۇلاتى كەملەپ كېتىپ مەدىنە ئاھالىسى خورمىغا موھتاج بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارپا بەردى. ئىبىن ئۆمەر كىچىك ۋە چوڭ ئۈچۈنمۇ بېرەتتى، ھەتتا ئۇ مېنىڭ بالىلىرىم ئۈچۈنمۇ بېرەتتى[11].
دېمەككى، «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسى ئىبىن ئۆمەرنىڭ سۆزى ئىچىدە يوق، ئۇنى ئىبىن ئۆمەردىن نەقىل قىلغان نافىئمۇ دېمىگەن، نافىئنىڭ دېگىنى: «ئىبىن ئۆمەر كىچىك ۋە چوڭ ئۈچۈنمۇ بېرەتتى، ھەتتا ئۇ مېنىڭ بالىلىرىم ئۈچۈنمۇ بېرەتتى» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. بۇ سۆز نافىئنىڭ ئىبىن ئۆمەرنىڭ قىلمىشىنى نەقىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، خالاس. لېكىن نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر بۇ سۆزنى دادىسىدىن ئاڭلاپ، ئۇنى ئىبىن ئۆمەرنىڭ سۆزىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن ۋە باشقىلارغا مۇشۇ بويىچە نەقىل قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۇ رىۋايەت بۇ قوشۇلغان شەكلى بىلەن نەقىل قىلىنىپ دەلىل قىلىنغان. شۇڭا جۇمھۇر ئالىملار (كۆپچىلىك ئىسلام فەقىھلىرى) «نارەسىدە بالىلار ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك!» دەپ قارايدۇ[12].
ھېچكىم ئۇ رىۋايەتنى قۇرئان كەرىمگە تەڭلەپ باقمىغان، ھەتتا ھېچكىم ئۇ رىۋايەتنى «چوڭ-كىچىك» دېگەن ئىپادە قوشۇلمىغان رىۋايەت بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىشكىمۇ ئىنتىلمىگەن. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئەمرى پەرز بولمايدىغان نارەسىدە بالىلارغا، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا پىتىر سەدىقىسى بېرىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئىككى رىۋايەت
پىتىر سەدىقىسىنىڭ «كىچىك، چوڭ» لارغىمۇ پەرز بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يەنە ئىككى رىۋايەت بار. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- مۇھەممەد ئىبىن مۇسەننا، سەھل ئىبىن يۈسۈفنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھۇمەيد بىزگە ھەسەننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ئىبىن ئابباس (ر.ز) رامىزاننىڭ ئاخىرىدا بەسرەنىڭ مۇنبىرىدە خۇتبە ئوقۇپ: «روزاڭلارنىڭ سەدىقىسىنى چىقىرىپ بېرىڭلار» دېدى. ئىنسانلار چۈشەنمىگەندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىبىن ئابباس مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەدىنە ئەھلىدىن كىم بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بۇ سەدىقىنى ئازاد، قۇل، ئەر، ئايال، كىچىك، چوڭ ھەممەيلەنگە خورمىدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ۋە بۇغدايدىن يېرىم سا پەرز قىلغان». كېيىن ئەلى (ر.ز) بەسرىگە كەلگەندە، باھانىڭ ئەرزانلاشقانلىقىنى كۆردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرگە مەمۇرچىلىق ئاتا قىلىپتۇ، شۇڭا پىتىر سەدىقىسىنى ھەر نەرسىدىن بىر سا قىلغان بولساڭلار!»[13]. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ ئىپادىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ: ھۇمەيد ئېيتىدۇ: ھەسەن «پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقانلارغا پەرز» دەپ قارايتتى.
بۇ رىۋايەتنى ئىبىن ئابباسنىڭ: «رەسۇلۇللاھ (ئە.س) پىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقۇچىنى بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ناشايان سۆزلەرنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا مىسكىنلەرگە تائام بولسۇن ئۈچۈن پەرز قىلدى[14]» دېگەن باشقا بىر رىۋايىتى زەئىپلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ رىۋايىتىدىكى «روزا تۇتقۇچىنى پاكلاش ئۈچۈن» دېگەن ئىپادىسى، پىتىر سەدىقىسىنىڭ روزا تۇتالمايدىغانلارغا پەرز بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىبىن ئابباسنىڭ بۇنداق بىر-بىرىگە زىت ئىككى سۆزنى قىلىشى ئېھتىمالدىن بەكمۇ يىراقتۇر، ئىبىن ئابباسنىڭ بۇ خۇتبىسىنى نەقىل قىلغان ھەسەننىڭ «پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقانلارغا پەرز» دەپ قارىشى[15] بۇ يىراقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ سۆزى بىلەن قىلمىشىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
دېمەككى، «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسى ئىبىن ئۆمەر (ر.ز)نىڭ سۆزىگە كىرگۈزۈلگەندەك ئىبىن ئابباس (ر.ز)نىڭ سۆزىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
2- نەسەئى ئۆزىنىڭ سۇنەن ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ كىتابۇززەكات بۆلۈمىدە 2502- نومۇرلۇق رىۋايەتنى مالىكتىن «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئارتۇق ئىپادە بىلەن نەقىل قىلىدۇ، ئاندىن 2503- نومۇرلۇق رىۋايەتنى يەنە مالىكتىن «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئارتۇق ئىپادىسىز زىكىر قىلىدۇ.
 باشقا ھەدىس مەنبەلەردىمۇ، ئىمام مالىكتىن «چوڭ، كېچىك» ئىپادىسى قوشۇلماي قىلىنغان رىۋايەتلەر بار، ھەتتا نەسەئىنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئىككى پەرقلىق رىۋايەتنى ئارقا-ئارقىدىن زىكىر قىلىدۇ. دېمەككى، بۇ ئارتۇق ئىپادە مالىكنىڭ رىۋايىتىگە، پەقەت نەسەئىنىڭ سۇنەن ناملىق كىتابىدىن كىرگەن.   
خۇلاسە
1- پىتىر سەدىقىسى رامىزان روزىسىنى تۇتقۇچىلارغا يەنى بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 184- ئايىتى ۋە ئۇ ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى رىۋايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. پەرقلىق رىۋايەت ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆز ئىچىدە زىتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.
 2- بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ياكى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ياكى مۇھىتىنىڭ تەسىرى بىلەن رامىزاندا روزا تۇتقان نارەسىدە بالىلار ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىش پەرز ئەمەس، لېكىن بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇلار ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى بەرسە بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 184- ئايىتىنىڭ ﴿فَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر)دېگەن قىسمى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
دېمەككى، پىتىر سەدىقىسى بېرىش چوڭلار ئۈچۈن پەرز، نارەسىدىلەر ئۈچۈن نەپلىدۇر.
پ-پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى
فىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك تائامىدۇر ياكى ئۇنىڭ بەدىلىدۇر. بۇنى يۇقىرىدا بۇ سەدىقىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ئايەت (بەقەرە 2/187) ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىس ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ج- ئادا قىلىش ۋاقتى
روزا ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدىن باشلاپ، ھېيت نامىزىغا چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدۇ. ھېيت كۈنىدىن بىر–ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر زاكىتىنى ئىنسانلار ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرۇغان[16].
چ- كىمگە بېرىلىدۇ؟
پىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى پىتىر سەدىقىسىمۇ بىر بىر تۈرلۈك زاكاتتۇر. زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋە قەيەرلەرگە بېرىلىدىغانلىقى تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە بايان قىلىنغان. لېكىن مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «تائامۇ مىسكىن (مىسكىن تائامى)»[17]، مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە «تۇئمەتەن لىلمەساكىن (مىسكىنلەرگە تائام بولۇشى ئۈچۈن)[18]» دېيىلىدۇ.

[1]بەقەرە 2/286. ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر: بەقەرە 2/233؛ ئەنئام 6/152؛ ئەئراف 7/42؛ مۇئمىنۇن 23/62.
[2]نەسەئى، جەنائىز 2275؛ شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار 1/422، 11/33؛ بەغەۋى، شەرھۇسسۇننە 5/315، 1769.
[3]– ئەبۇ داۋۇد، زاكات 17/ 1609؛ ئىبىن ماجە، زاكات 218/ 1827.
[4]– بەقەرە 2/184، 196؛ نىسا 4/92.
[5]– پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ زامانىدىكى بىر سا نورمال ئىككى ئالىقاندىن ھاسىل ئوچۇم بىلەن تۆت ئوچۇم بولۇپ، ئۇ كۈنىمىزدىكى ئۆلچەمدە ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن بىر مىقداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى سەدىقە فىتىرنى بىر كىشى ئۈچۈن ئۈچ كىلوگىرام بۇغداي ياكى ئۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئادا قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ.
[6]– بۇخارى، زاكات 1504، 1511؛ مۇسلىم، زاكات 4، 12 – (984)؛ ئەبۇ داۋۇد، زاكات 1611؛ تىرمىزى، ئەبۋابۇززاكات 675، 676؛ نەسەئى، زاكات 2503؛ ئىبىن ماجە، زاكات 21/ 1826.
[7]– بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى مۇنداق: ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر ئىبىن ھەفس ئىبىن ئاسىم ئىبىن ئۆمەر ئىبىن خەتتاب. دېمەك بۇ ئۇبەيدۇللاھ ئۆمەر ئىبىن خەتتاب (ر.ز)نىڭ نەۋرىسىنىڭ نەۋرىسىدۇر.
[8]– بۇخارى، زاكات 1503، 1512؛ مۇسلىم، زاكات 13 – (984)نەسەئى، زاكات 2502، 2504.
[9]– نەسەئى، زاكات 2505.
[10]بۇخارى، زاكات 1512؛ مۇسلىم، زاكات 4، 13 – (984).
[11]بۇخارى، زاكات 1511.  
[12]– ۋەھبە ئەززۇھەيلى، ئەلفىقھۇلئىسلامىي ۋە ئەدىلەتۇھۇ 2/904، 3- باسما، 1409/1989، دارۇلفىكر، دەمەشق.
[13]– ئەبۇ داۋۇد، زاكات 1622. نەسەئى، زاكات 2515، سالاتۇلئېيدەين 1580.
[14]– ئەبۇ داۋۇد، زاكات 17/ 1609؛ ئىبىن ماجە، زاكات 218/ 1827.
[15]ئەبۇ داۋۇد، زاكات 1622.
[16]بۇخارى، زاكات 1509، مۇسلىم، زاكات 5، 22 – (986)؛ ئەبۇ داۋۇد، زاكات 1610؛ نەسەئى، زاكات 2521.
[17]– بەقەرە 2/184.
[18]– ئەبۇ داۋۇد، زاكات 17/ 1609؛ ئىبىن ماجە، زاكات 218/ 1827. ھەدىس «سەدىقە فىتىرنىڭ ھېكمىتى» دە زىكىر قىلىندى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر