مۇسۇلمانلار

ئارتۇق دەرىجە قايسى؟

ئەرلەر بىر دەرىجىسى
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 221- ئايىتىدە ئەر-ئايال مۇشرىكلارنىڭ دوزاخقا چاقىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەت نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن چاقىرىلغان تەرەپ ئائىلە بولىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئەر-ئايال مۇئمىنلارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى جەننەتكە چارقىرىشى لازىم. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدە بالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوخشاشلا تەربىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
دېمەك، ئائىلىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە ئەر-خوتۇن ئوخشاشلا مەسئۇل. لېكىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئائىلىنى بېقىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئىشى، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، ئېمىتىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ئىشى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى (بەقەرە 2/233)، تەلىم-تەربىيەگە شارائىت تەييارلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئىشلارنى بېجىرىش ئەرلەرگە، تەلىم-تەربىيەنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ئاياللارغا يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
نىسا سۈرىسىنىڭ 19 ئايىتىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئەمر قىلىنىشى ئاياللارنىڭ ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى سىرتتا يوقنى تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولغان ئېرىنىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىغان، ئۇنىڭ ئامانىتى بولغان ئۆزىنىڭ، بالىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى رەتكە سالمىغان، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ياخشى ساقلىمىغان خوتۇنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى مەئرۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ئىش ياكى شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ-ئادەت دېگەن بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا ئەرلەرگە ئائىلىسىنى بېقىش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىنىدۇ، باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. ئاياللارغا ئائىلىسىنىڭ ئىچ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەلىم-تەربىيەسىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولغان بىر دەرىجىسى (بەقەرە 2/228) مانا بۇ باشقۇرۇش ھوقۇقىدۇر. ئۇلار بۇ دەرىجىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بەزى جەھەتتىن ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ مال چىقىم قىلىشى بىلەن لايىق بولغان. نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتى ئەنە شۇ ھەقىقەتكە دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر