مۇسۇلمانلار

شاپائەت بارمۇ؟

سوئال:
«شافائەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ قۇرئان كەرىم ئىنكار قىلغان شافائەت قايسى؟ ئېتىراپ قىلغىنىچۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
شافائەت جۈپ نەرسە ۋە جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك دېگەن مەنىدىكى شەفئى كەلىمىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ مەنىسى، باشقىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گەپ قىلىش، ۋاسىتە بولۇش، ياخشى تىلەكتە بولۇش، يېنىغا بېرىپ يار-يۆلەك بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 84- ئايىتىدىكى شاپائەت مانا بۇ مەنىلەردە كەلگەن. مۇشرىكلار شافائەتنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇش دېگەن مەنىدە چۈشىنەتتى ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدىكى شافائەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق شافائەتكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىرقانچە ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ (بەقەرە 2/48، 123، 254، ئەنئام 6/51، 70، سەجدە 32/4، غافىر 40/18، زۇمەر 39/44). لېكىن بىرقانچە ئايەتتە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن شافائەت قىلالايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ (بەقەرە 2/255، تاھا 20/109، ئەنبىيا 21/28، سەبەئ 34/423).
بۇ شافائەتنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشكە بولىدۇ:
1- ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئازابىدىن ۋە جازاسىدىن قۇتقۇزۇش مەنىسىدە شافائەت يوق.
2- ئاللاھ رازى بولغا كىشىلەر ئاللاھ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ئۆزئارا شافائەت قىلىشالايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشكە بولىدۇ:
ئا- ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن  (ھەشر 59/10)، پەرىشتىلەرنىڭمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن (غافىر 40/7؛ شۇرا 42/5؛ نەجم 53/26). ئاللاھ تائالا ئەگەر مەغپىرەت قىلىنىشى تىلەنگەن تەرەپتىن رازى بولغان بولسا بۇ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدۇ.
ئە- ئاللاھ تائالا جەننەتكە ئۆز ئىمان ۋە ئەمىلى بىلەن كىرىپ بولغان، لېكىن تۆۋەن مەرتىۋىلەردە قالغانلارنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ تىلىكى بىلەن بۇلارنىڭ يېنىغا يۆتكەپ قويىدۇ (رەئد 13/23؛ تۇر 52/21).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر