مۇسۇلمانلار

سەپەر دۇئاسى

سەپەرگە چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
«ئاللاھۇ ئەكبەر،  ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. ‹بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات ئۇلۇغدۇر. ئۇ بويسۇندۇرۇپ بەرمىسە ئىدى، بىزنىڭ بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى. شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز.ئى ئاللاھ! بىز بۇ سەپىرىمىزدە سەندىن ياخشىلىق، تەقۋالىق ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەل تىلەيمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپىرىمدە ھەمراھىمسەن، ئائىلەمدە ئورۇن باسارىمسەن. ئى ئاللاھ! مەن سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققىتىدىن، بارىدىغان جايىمنىڭ خاپىلىقىدىن، ئائىلەم ۋە مال- مۈلكۈمدە يامان ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساڭا پاناھلىنىمەن!»[1].
سەپەردىن قايتقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
«ئاللاھۇ ئەكبەر،  ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، سەجدە قىلغۇچىلارمىز. رەببىمىزگە ھەمد ئېيتىمىز. ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم قىلدى، خەندەك ئۇرۇشىدا بىرلەشكەن قوشۇنلارنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى[2].

[1]مۇسلىم، ھەج 75، 425 – (1342)؛ ئەبۇ داۋۇد جىھاد 2599، 2602؛ تىرمىزى، دەئەاۋت 3446، 3447؛ مۇسنەد ئەھمەد 2/150؛ مۇۋاتتا، ئىستىئزان 34 )2/977).

[2]– بۇخارى، دەئەۋات 52، جىھاد 133، 197، مەغازى 229؛ مۇسلىم، ھەج 428 (1344)؛ مۇۋاتتا، ھەج 243 (1/421)؛ تىرمىزى، ھەج 104 (950)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 170 (2770).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر