مۇسۇلمانلار

جان بىلەن جىھاد

3- جان بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
جىھاد قىلىش مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. ھەر مۇسۇلماننىڭ ئىلمى بىلەن ۋە مېلى بىلەن داۋاملىق جىھاد قىلىشى، يەنى ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھىمايە قىلىنىشى، ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشى پەرزدۇر. بەزىدە ئىسلام دىيارىنىڭ قوغدىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ياكى قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن قولغا قورال ئېلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەڭ چوڭ جىھاددۇر ۋە شەرتى توشقاندا قەتئىي پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَلْيُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يَشْرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ وَمَنْ يُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا (74) وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ نَصِيرًا (75)
«دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز. ئى مۇئمىنلار! سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشمايسىلەر؟ نېمىشقا ‹رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم كەنتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر دوست ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇشمايسىلەر؟»- نىسا 4/74-75.
﴿وَقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ﴾
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُمْ مِنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە بىر قوپاللىق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»- تەۋبە 9/123.
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئىسلام دىيارىنى قوغداش، مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ياكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە بۇنىڭ شەرتىنى بەلگىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
1- ﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا اسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍ وَمِن رِّبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدْوَّ اللّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لاَ تَعْلَمُونَهُمُ اللّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لاَ تُظْلَمُونَ﴾
«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»- ئەنفال 8/60.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ «قۇۋۋەت»نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھەدىسى مۇنداق:
ئۇقبەتەبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «بىلىڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى[1].
دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەر خىل قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مەزكۇر دۈشمەنلەرنى ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشتۇر. بۇلارنى ياساش، ئۇلار بىلەن دۈشمەننى ئېتىشنى ئۆگىنىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان پۈتكۈل لازىمەتلەرنى قىلىش «قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق»تۇر، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا دۈشمەنگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئېتىلىدىغان قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە زامانىۋى شەكىلدە ياساش، ئەسكەرلەرنى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارغا ئايرىپ يېتىشتۈرۈش، يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە پۇختا ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق» بولىدۇ.
دۈشمەنگە قارشى «تەييارلانغان قۇۋۋەت» ئەنە شۇ سەۋىيەدە بولۇپ ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە باشقا پۈتۈن دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان، ئۇلارنى مۇسۇلمانغا چېقىلىشتىن، ئىسلام دىيارىغا كۆز تىكىشتىن تەپ تارتقۇزىدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم. مانا بۇ جىھادنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنىڭ بىرىنچى شەرتىنى ھازىرلىغانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ[2].
2- ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ يَغْلِبُواْ أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَفْقَهُونَ. الآنَ خَفَّفَ اللّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُواْ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللّهِ وَاللّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
«ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى ۋە سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇندىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كاپىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىككى مىڭ كاپىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- ئەنفال 8/65-66.
ئاللاھ تائالا 65- ئايەت ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇسۇلمان ئەسكەر سانىنىڭ دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ 10 دا بىرىگە تەڭ كەلگەندە ئۇرۇش قىلىش پەرز» بولۇشتىن ھۆكمىنى 66- ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «مۇسۇلمان ئەسكەر سانى دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا ئۇرۇش قىلىش پەرز» بولىدىغانلىقىنى قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ۋەزىپىنى يىنىكلەتكەن.
بۇ ئايەتلەر ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى: جىھاد ئىبادىتىنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن مەزكۇر قۇۋۋەتنى ھەر جەھەتتىن دۈشمەننىڭكىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە، دۈشمەن قورقىدىغان ئالاھىدىلىكتە تەييارلاش ۋە ئەسكەر سانىنى ئاز دېگەندە دۈشمەن ئەسكەر سانىنىڭ يېرىمىغا يەتكۈزۈش كېرەك. دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ سۇيىقەستىدىن ئەمەس، قورال كۈچىنىڭ ئىلغارلىقىدىن، ئەسكىرىنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن قورقۇشى لازىم. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن دىننى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا سەۋەبچى بولۇشتۇر.
23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ ھەممىسى جىھاد بولغان پەيغەمبىرىمىز مەككىدىكى 13 يىللىق ھاياتىدا ھېچ ئۇرۇش بولمىغان، مەدىنىدىكى 10 يىللىق ھاياتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 60 قېتىم ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 2000 (ئىككى مىڭ) دىن ئاشمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئەمەس، مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشلىرىدۇر.
دېمەككى، پەيغەمبىرىمىز مەجبۇر قالمىغۇچە ئۇرۇش قىلمىغان، تەييارلىق پۈتمىگۈچە ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن. مەككىدىكى چېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان بىلەن جىھاد قىل» دېگەن ئەمرى بويىچە جىھادنىڭ ئىلىم بىلەن بولىدىغان قىسمىنى ئىجرا قىلغان، ھەقكە ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلغان، ئاندىن ھەقنى باشقىلارغا ئۆز پېتى يەتكۈزگەن، بۇ يولدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغان. ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش (تەبلىغ)، غايىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولغانلىقى ئۈچۈن مەككىنىڭ چوڭلىرى تەكلىپ قىلغان پادىشاھلىق، بايلىق ۋە باشقا دۇنياۋى مەنپەئەتلەرنى قولىنىڭ كەينى بىلەن رەت قىلغان[3].

[1]مۇسلىم، ئىمارەت 52- باب، 167 (1917)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 2514؛ تىرمىزى، تەپسىرى سۈرە ئەنفال؛ ئىبنى ماجە، جىھاد 19/2813.

[2]يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئايەتتىكى (ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدىكى) تۇرھىبۇنە (﴿تُرْهِبُونَ) دېگەن پېئىل ھەرگىزمۇ ئىرھابىيلىقا (تېررورلۇققا) دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پېئىل بىھى (﴿بِهِ) دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىدۇر. چۈنكى تۇرھىبۇنە (﴿تُرْهِبُونَ) دېگەن پېئىل بىھى دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە بىر پېئىل جۈملىسى بولۇپ، باشتىكى ئەئىددۇ (﴿أَعِدُّوا) دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى)نىڭ ياكى مەپئۇلى (تولدۇرغۇچىسى)نىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھالەت جۈملىسىدۇر. ھالەت جۈملىسى ئەرەبچىدە ساھىبىھالەت (ھالەت ئوبيېكتى)نىڭ ئىش-ھەرىكەت ئورۇنلانغان چاغدىكى ھالىتىنى ۋە ئىش-ھەرىكەت مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىكى تاشقى مۇھىتنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە پائىل (ئىگە) ئەئىددۇنىڭ مۇخاتەب زەمىرى (ئىككىنچى شەخس ئالمىشى) بولغان ئەنتۇم (سىلەر) دۇر. مەپئۇل (تولدۇرغۇچى) مەستەتەئتۇم (﴿مَا اسْتَطَعْتُمْ)نىڭ بېشىدىكى ما (نەرسە)دۇر. بىھى (﴿بِهِ) دىكى زەمىر (ئالماش) ئەئىددۇ دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ مەپئۇلى بولغان ما (نەرسە)نى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْدېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سىلەر دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن نەرسىنى تەييارلاڭلار. ئۇ نەرسە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرىدىن ئىبارەت. سىلەر ئۇ نەرسىنى تەييارلىغان چېغىڭلاردا ئۇ نەرسە بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە بولۇڭلار ياكى ئۇ نەرسە مەزكۇر دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە تەييارلانسۇن». تۇرھىبۇنە بىھى دېگەن پېئىل جۈملىسى مەيلى پائىلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەيلى مەپئۇلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەنە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەر ئېھتىمالدا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان نەرسە تەييارلانغان قورال-ياراغلاردۇر.

[3]سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم 84- بەت، سىيرەتى ئىبنى ھىشام 1/266- بەت، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سىيەر كىتابلىرىنىڭ ۋە باشقا پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر