مۇسۇلمانلار

مال بىلەن جىھاد

2- مال بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد
مال بىلەن جىھاد قىلىش ئاللاھ بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ھەر كىمگە مەلۇمكى، دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پۇل-مال بەك مۇھىم. ھەقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، قوغدىلىشى ۋە غەلىبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پۇل-مالنىڭ رولى چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، ھەقنىڭ مۇزەپپەر بولۇشى، ھەقىقەتنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ھەر تۈلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللارنى پىدا قىلىش «مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئايىتىدە «مال بىلەن ۋە جان بىلەن جىھاد» زىكىر قىلىنىدۇ[1]. ھەتتا بۇ بەزى ئايەتلەردە «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ[2].
«مال بىلەن جىھاد» قىلىشنىڭ قۇرئان كەرىمدە بۇ قەدەر تەكىتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ساھابىلەر ئۆزلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرۇپ ئىلكىدىكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان[3]. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەردلىكى ۋە سېخىيلىقى تىللارغا داستاندۇر[4].
ساھابىلەردىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە مۇسۇلمان بايلارنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مەكتەپ-مەدرىسە ۋە مەسچىت-جامە سالدۇرۇشى، كىتاب باستۇرۇشى ۋە تارقىتىشى، ئىسلامنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، گۈللىتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ماددىي ياردەمدە بولۇشى… ئۇلارنىڭ «ئاللاھ يولىدا مال بىلەن جىھاد» قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەر زامان، ھەر ماكانغا، شۇنداقلا قىيامەتكىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.

[1]– نىسا 4/95؛ ئەنفال 8/72؛ تەۋبە 9/20، 41، 44، 81، 88؛ ھۇجۇرات 49/15؛ ساف 61/11. 

[2]– بەقەرە 2/245؛ مائىدە 5/12؛ ھەدىد 57/11، 18؛ تەغەبۇن 64/17؛ مۇززەممىل 73/20.

[3]– ھەشر 59/9.

[4]– بۇلار ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر