مۇسۇلمانلار

قادىر بولالمىغانلار

ج- ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار
سۈرە نىسانىڭ 98- ۋە 99- ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 6– يىلى مەككىگە بارغاندا، مەككىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان نۇرغۇن ئەر–ئايال مۇئمىنلارنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
﴿وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا (24) هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفًا أَنْ يَبْلُغَ مَحِلَّهُ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُؤْمِنَاتٌ لَمْ تَعْلَمُوهُمْ أَنْ تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُمْ مِنْهُمْ مَعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا (25)
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.
بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ھىجرەت قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ تۇرۇپ ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلارنىڭ كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر