مۇسۇلمانلار

ھەبەشىستانغا ھىجرەت

پ- ھەبەشىستانغا ھىجرەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلىرىنىڭ مەككىدە مۇشرىكلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان[1]، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى[2].
شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قېتىمدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشچىلىقىدا 12 ئەر ۋە 4 ئايال، ئىككىنچى قېتىمدا 83 ئەر، 18 ياكى 19 ئايال ساھابە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان[3].

[1]– ھەبەشىستان قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان بىر شەرقىي ئافرىقا دۆلىتىدۇر، پايتەختى ئاددىس ئابابادۇر، سۇدان، جەنۇبى سۇدان، ئېرىترىيە، جىبوتى، سومالى، كەنيا ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداشتۇر. كۈنىمىزدە ھەبەشىستان ئېفىئوفىيە دەپ ئاتىلىدۇ. 

[2]– ئۇ چاغلاردا ھەبەشىستانغا خرىستىيان دىنى مۇخلىسلىرىدىن بولغان نەجاشى ئىسىملىك بىر كىشى پادىشاھ ئىدى.

[3]– ئىبنى ھىشام، ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە 1/321، 280؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىلمەغازى ۋەسسىيەر 1/54؛ ئىبنى كەسىر، ئەسسىيرەتۇننەبەۋىييە 2/4؛ سەفىييۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورىي، ئەررەھىقۇلمەختۇم 1/81، 90 ۋە 91- بەتلەر. بۇ ھىجرەتنىڭ تەپسىلاتى يۇقىرىدىكىلەردىن باشقىمۇ پۈتكۈل سىيەر كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر