مۇسۇلمانلار

ھىجرەت ۋە جىھاد

ھىجرەت ۋە جىھاد
كىرىش سۆز
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىزنى نىجات يولىغا باشلىغان ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەر ئىشقا يېتەكلىگەن، بىزنى ھالاكەت يولىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە زىيانلىق بولغان ھەر ئىشتىن توسقان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان (تەقۋادار) لارغا بولسۇن. ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.
ھىجرەت ۋە جىھاد ئىسلام دىنىدا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن ئىبادەتلەرنىڭ قاتارىدا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرى بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى ئىبادەتكە باشقىلارنى تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكىدە ئۆزىمۇ ھىجرەت قىلغان، جىھاد قىلغان. شۇڭا بۇ ئىككى ئىبادەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ساۋابلىق ئىشلار دەپ بىلىنىدۇ، شۇنداقلا قىلغۇچىلار ھۆرمەتلىنىدۇ.
دەرۋەقە ئىسلام دىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ ئىككى ئىبادەت ئارقىلىق ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ يەر شارىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن جاھىلىيەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ئىمان نۇرى، دىيارلىرىغا ئىسلام ئادالىتى كىرگەن. بۇ ئىككى ئىبادەت قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسەن قىلىنسا مانا مۇشۇنداق نەتىجىلەر چىقىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىككى ئىبادەت قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسەن قىلىنمىسا، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلدۇق دەپ ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ، نۇرغۇنلىرى جىھاد قىلدۇق دەپ جان ۋە ماللىرىدىن ئايرىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزۈپ قويىدۇ، نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئىسلامدىن نەپرەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
دېمەككى، ھىجرەت ۋە جىھاد توغرا شەكىلدە قىلىنسا قىلغانلارغا ساۋابى، قىلمىغانلارغا پايدىسى بولىدۇ، خاتا شەكىلدە قىلىنسا قىلغانلارغا گۇناھى، قىلمىغانلارغا زىيىنى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئىبادەت ھەققىدىكى مەلۇماتى قۇرئان-ھەدىسكە ئاساسلانمىغانلار ياخشى نىيىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئەڭ كۆپ ئالدىنىدۇ، زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بۇ ئىبادەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى قۇرئان-ھەدىسكە توغرىلىشى كېرەك. شۇنى بىلىشى لازىمكى، رەھبىرى قۇرئان بولمىغان كىشىنىڭ ھەمراھى شەيتان بولىدۇ، شەيتان ئۇنى توغرا يولدىن توسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ئىش قىلدىم دەپ خاتا ئىشلارنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ. وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
«كىم رەھماننىڭ قۇرئانىدىن[1] يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36-38.
 نەتىجىدە ئۇ ئۆزىگىمۇ قىلىدۇ، باشقىلارغىمۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىبادەتلەر ناماز-روزىغا ئوخشاش قىلغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىلا قالماستىن، بەلكىدە ئۇلارنىڭ بىر ئۇچى باشقىلارغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ.
مۇقەددىمە
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿هَلْ أَتَى عَلَى الْإِنسَانِ حِينٌ مِّنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْئًا مَّذْكُورًا (1) إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا (2) إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا (3)
«ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىكىر قىلىنغۇچى بىر نەرسە ئەمەس چېغىدا زاماندىن بىر مۇددەت كەلدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ»- ئىنسان 76/1-3.
ئەسلىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، پەقەتلا ئاللاھ تائالا بار ئىدى[2]. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان بىر زاماندا ئۆزى خالىغان شەكىللەردە كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتتى[3]، ئاندىن تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككى ئىنساندىن باشقا ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتتى[4].
ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدى[5]، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشى-يامان يولنى كۆرسەتتى[6]، شۇنداقلا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەردى[7]. ئۇ بۇ ئىختىيارى بىلەن يا ياخشىنى تاللاپ شۈكۈر قىلغۇچى بولىدۇ ياكى ياماننى تاللاپ تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئىنسان ئىمان ئېيتىدۇ، خالىغان ئىنسان كاپىر بولىدۇ. خالىغان ئىنسان نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ، خالىغان ئىنسان ئەقىل بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ[8].
نەتىجىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئىككى تۈرلۈك ئىنسان بولىدۇ: بىرى ئەقلىنى ئىشلەتكەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن شۈكۈر قىلغۇچى ئىنسانلار، يەنە بىرى نەپسىگە بېرىلگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن تۇزكورلۇق قىلغۇچى ئىنسانلار. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق كۈرەش بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ[9]. تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپ يامانلىق قىلىدۇ، يامانلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە يامانلىققا دەۋەت قىلىدۇ[10].
بۇ كۈرەش بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى (قىتال) شەكلىدە بولىدۇ[11]، بەزىدە تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپ ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا بىر يەرگە كۆچۈپ كېتىشى (ھىجرەت) شەكلىدە بولىدۇ[12].
تۇزكورلۇق قىلغۇچى تەرەپنىڭ شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە ئۇرۇش ئېچىشى، ئۇلارنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈنلا بولغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغۇچى تەرەپكە تاجاۋۇزچى كاپىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن[13]، ھەتتا ئەمىر قىلغان[14]، ھىجرەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنى ۋە بۇ ھىجرەتنى ئىبادەت ھېسابلىغان ۋە قىلغۇچىلارغا كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلغان[15].
دېمەككى، جىھاد ۋە ھىجرەت ئەسلىدە ئىبادەتتۇر، شۇنداقلا ئىسلامىي ئاتالغۇلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ بۇ ئىشلارنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدىن ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئۆگىنىشى لازىم، بولمىسا بۇ ھەقتە خاتا چۈشەنچىلەردە بولۇپ قېلىشى، شۇنداقلا يامان ئىشلارنى سادىر قىلىشى تەبىئىيدۇر. شۇڭا بىز بۇ توغرىدا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ ماقالىنى تەييارلاپ چىقتۇق. ماقالىمىز ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىب تاپىدۇ: بىرىنچى بۆلۈم ھىجرەت، ئىككىنچى بۆلۈم جىھاد، ئۈچىنچى بۆلۈم سوئال-جاۋابلار.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[1]– بۇ يەردە قۇرئان دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زىكىر» دېگەن كەلىمىدۇر. بۇ زىكىر قۇرئان، دېمەكتۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ«شۈبھىسىزكى، زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9

[2]– ھەدىد 57/3.

[3]– بەقەرە 2/229؛ ئەنئام 6/1، 101، 102؛ ئەئراف 7/54؛ رەئد 13/16؛ نۇر 24/45؛ ئەنبىيا 21/33؛ زۇمەر 39/62؛ غافىر 40/62.

[4]– نىسا 4/1.

[5]بۇ يەردىكى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھايۋانلارنىڭ ئاڭلىشى ۋە كۆرۈشىدىن پەرقلىقتۇر. ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ، لېكىن ئاڭلىغىنىنى ۋە كۆرگىىنى تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ. ئىنسانغا روھنىڭ پۇۋلىنى بىلەن ھاسىل بولغان بۇ ئالاھىدىلىك ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىش چۈشىنىش ۋە ئۇلار ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئۆگىنىشنىڭ قورالىدۇر. ئىنسانىيەتكە نەھل 16/78؛ ئىسرا 17/36؛ مۇئمىنۇن 23/78؛ سەجدە 32/9؛ مۇلك 67/23 قاتارلىق ئايەتلەردە ئەسلىتىلگەن سەمئ، ئەبسار ۋە ئەفئىدە («السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ») ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

[6]– بەلەد 90/10.

[7]– كەھف 18/29.

[8]– بەقەرە 2/256؛ كەھف 18/29؛ شۇئەرا 26/3، 4.

[9]– بەقەرە 2/177؛ ئال ئىمران 3/104، 110، 114؛ تەۋبە 9/71، 112؛ فۇرقان 25/63- 74؛ ھۇجۇرات 49/15؛

[10]– بەقەرە 2/6-16، 205؛ نىسا 4/18؛ تەۋبە 9/67.

[11]– بەقەرە 2/190؛ نىسا 4/76.

[12]– ئال ئىمران 3/195؛ نىسا 4/75؛ نەھل 16/41، 110؛ ھەشر 59/8؛

[13]– ھەج 22/39؛

[14]– بەقەرە 2/190.

[15]– ئال ئىمران 3/195؛ نىسا 4/100؛ ئىنفال 8/74؛ تەۋبە 9/20؛ نەھل 16/41؛ ھەج 22/58.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر