مۇسۇلمانلار

پارىژدا ھۇجۇم

پارىژ ھۇجۇمى
قالايمىقان جىنايەتلەر/بولمىغۇر پەتىۋالار
خەۋەر
پارىژدا چاقچاق ژۇرنىلىغا ھۇجۇم: 12 ئۆلۈك
       پارىژدا بىر چاقچاق ژۇرنىلىنىڭ بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى، 12 كىشى ئۆلدى، 4 كىشى ئېغىر يارىلاندى.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ھەپتىلىك كارىكاتۇر ژۇرنىلى «چارلى ھېبدو»نىڭ بىناسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى. ھۇجۇمدا تۇنجى دوكلاتلارغا ئاساسەن 2 ساقچى، 10 پۇقرا بولۇپ جەمى 12 كىشى ئۆلدى، 4 كىشى يارىلاندى. تەپتىشلەر 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
دۇنياغا مەشھۇر 2 كارىكاتۇرىست ئۆلتۈرۈلدى
«چارلى ھېبدو»غا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا مەشھۇر ئىككى كارىكاتۇرىستمۇ ئورۇن ئالدى.
قار ماسكىلىق 3 كىشى قاچتى
ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان 3 كلاشىنكوفلۇق كىشى ماشىنا بىلەن قېچىۋاتقاندا بىر كىشى ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئۈچۈن كارىكاتۇر سىزىپ نەشر قىلغان ژۇرنال
چارلى ھېبدو ژۇرنىلى ھەزرىتى مۇھەممەدنى كارىكاتۇرلار (ھەجۋىي رەسىملەر) بىلەن تەسۋىرلەپ تارقاتقان، ئۇنىڭ ھاياتىنى كارتون رومان ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئىدى… ژۇرنال بۇ سەۋەب بىلەن بۈيۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.
      مەنبە: ئاگېنتلىقلار
ئىنكاس
 قالايمىقان جىنايەتلەر/بولمىغۇر پەتىۋالار
پارىژدا ھەپتىلىك كارىكاتۇر ژۇرنىلى چارلى ھېبدونىڭ بىناسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىدە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 4 ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشى زىلزىلە پەيدا قىلدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى بۇ ھۇجۇمنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغانلىقىغا دائىر ھۆكۈمنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىدۇر.
مۇھەممەد (ئە.س)نى ھاقارەتلەيدىغان كارىكاتۇرلارنى بۇ ژۇرنال نەشر قىلغاندىن كېيىن بېرىلگەن پەتىۋالار مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا تەسىر قىلغانلىقى دەۋا قىلىنماقتىدۇر.
ئاللاھنىڭ دىنىنى تونۇلمايدىغان ھالەتكە ئەكەلگەنلەر بولسا، ئۆزلىرى سەۋەبچى بولغان ھەر قايغۇلۇق ۋەقەنىڭ كەينىدىن: «ئىسلام بۇ ئەمەس» دېگەن مەزمۇندىكى تۇيغۇلۇق باياناتلار بىلەن قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتىدۇر.
 «ئىسلام بۇ ئەمەس» بولسا ئۇلار نېمىشقا يەنىلا بۇرۇنقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەرك ئەتمەيدۇ؟
قۇرئاندا مۇسۇلمان بولمىغانلارغا قارشى تۇتۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيە ئېنىق بېكىتىلگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُواْ أَذًى كَثِيرًا وَإِن تَصْبِرُواْ وَتَتَّقُواْ فَإِنَّ ذَلِكَ مِنْ عَزْمِ الأُمُورِ﴾
«سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھدىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر»- ئال ئىمران 3/186.
بۇ ئەھۋالدا قانداق ئىش قىلىشنىڭ لازىملىقىنى مۇنۇ ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
﴿وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ (34) وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ (35) وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (36)
«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. مۇشۇنداق قىلساڭ، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىن. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر»- فۇسسىلەت 41/34-36.
ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق ھۆكمىگە قارىماي پەيغەمبىرىمىزگە قىلىنغان ھاقارەتنى مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك جىنايەت ھېسابلىغان. ئۆلۈم پەتىۋالىرى ئەنە شۇ مەزھەپلەرگە ئاساسەن بېرىلمەكتىدۇر.
مۇسۇلمان-غەيرىيمۇسۇلمان مۇناسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەتلەر مۇنۇلاردۇر:
﴿لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ (8) إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ (9)﴾
«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»- مۇمتەھىنە 60/8-9.
ئايەتلەرگە ئاساسەن غەيرىيمۇسۇلمانلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى بۇزىدىغان ئۈچ قىزىل سىزىق بار:
1- دىنىمىزنىڭ تۈپەيلىدىن بىز بىلەن ئۇرۇشۇشى،
2- بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىشى،
3- يۇرتىمىزدىن چىقارغانلارغا ياردەم بېرىشى.
بۇ ئۈچ قىزىل سىزىققا دەخلى قىلىنمىسىلا غەيرىيمۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە خاتا كەلگەن ھەرىكەتلىرىگە قارشى سەۋرچان بولۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش كېرەك.
مەزكۇر ژۇرنال ۋە ئۇنىڭ ژۇرنالىستلىرى قىزىل سىزىقلاردىن ئۆتمىگەنلىكىدىن قارىغاندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلار بىلەن تىنچ يوللار بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك.
 قىزىل سىىزقلاردىن ئۆتسە دوستلۇق تۈگەيدۇ، لېكىن ئۇرۇشۇش شەرتلىرى تېپىلغان بولمايدۇ. ئۇرۇشۇشقا ئەمىر قىلىدىغان ئايەت مۇنداق:
﴿وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ﴾
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
ئۇرۇشنىڭ بىر تەبلىغقە ئايلىنىشى ئۈچۈن بىزگە ئۇرۇش ئاچقانلار بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىشى كېرەك.
ئۇرۇشتا ئىجرا قىلىنىدىغان قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەت مۇنداق:
﴿فَمَنِ اعْتَدَى عَلَيْكُمْ فَاعْتَدُوا عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا اعْتَدَى عَلَيْكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ﴾
«كىم سىلەرگە تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلىڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»- بەقەرە 2/194.
قۇرئانسىز ۋە ھېكمەتسىز دىن چۈشەنچىسىنىڭ تەرك ئېتىلىشى ۋە ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەنبەسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ادْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ (125) وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ (126) وَاصْبِرْ وَمَا صَبْرُكَ إِلَّا بِاللَّهِ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ (127) إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ (128) ﴾
«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن. زۆرۈر بولۇپ قالسا ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ئەگەر جازالىساڭلار، سىلەرگە بېرىلگەن جازانىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاڭلار. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار بىلىڭلاركى، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىدۇر.
سەۋر قىلغىن، سەۋر قىلىشىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن.
چۈنكى ئاللاھ يامانلىقتىن ساقلانغانلار ۋە ياخشى خۇيلۇق بولغانلار بىلەن بىللىدۇر»- نەھل 16/125-128.
      «بىر مۇسىبەت مىڭ نەسىھەتتىن ياخشى». بىز مۇسىبەتلەردىن ساۋاق ئېلىشنى ئۇنتۇغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبولمىسا بۇ ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىشىنى كۈتمەكتىمىز.
ئابدۇلئەزىز بايىندىر

سۈلەيمانىيە ۋاقفى باشلىقى

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر