باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئىمام شافىئىينىڭ ھېكمەت چۈشەنچىسى
ئاپتورى: پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
كىرىش سۆز
ھېكمەت ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئاتالغۇلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83- ئايىتى بىلەن ئۇنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە نۇھ (ئە.س)تىن ئىيسا (ئە.س)غا قەدەر 18 نەبىينى سانايدۇ[1] ۋە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى، نەسىللىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىمۇ تاللىدۇق، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق».
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەم (ئە.س)، ئوغلى مۇھەممەد (ئە.س)كە قەدەر يېتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىمۇ قوشۇپ پۈتۈن نەبىيلەرگە ئىشارەت قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن:
أُولَئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ
«ئۇلار بىز كىتاب، ھۆكۈم ۋە نەبىيلىك بەرگەن كىشىلەردۇر»- ئەنئام 6/89.
تۆۋەندىكى ئايەتتىن قارىغاندا ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ھېكمەتتۇر:
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئېلىپ، ‹مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر رەسۇل كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى[2] ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ› دېگەن ئىدى. ئۇلار: ‹ئەھدە بەردۇق› دېدى. ئاللاھ: ‹ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىن› دېدى»- ئال ئىمران 3/81.
ھۆكۈم (حكم) ۋە ھېكمەت (حكمة) كەلىمىلىرى مەسدەردۇر[3]، ئىسىم بولۇپمۇ كېلىدۇ. ھۆكۈم مەسدەر بولغاندا توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن ھۆكۈم چىقارماق، ئىسىم بولغاندا چىقىرىلغان ھۆكۈم، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ھېكمەت مەسدەر بولغاندا پەقەتلا توغرا ھۆكۈم چىقارماق، ئىسىم بولغاندا چىقىرىلغان توغرا ھۆكۈم، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. چۈنكى ھۆكۈم ئەسلىي مەسدەردۇر، ھېكمەت نەۋئىي مەسدەردۇر.
نەبىيلەرگە بېرىلگەن ھۆكۈملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»- بەقەرە 2/213.
ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار توغرا يولدىن چىققان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ . وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالأَنفَ بِالأَنفِ وَالأُذُنَ بِالأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَّهُ وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَا أنزَلَ اللّهُ فَأُوْلَـئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ.
«شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى بۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇنداقلار كاپىرلاردۇر. بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىدار قىلىشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇنداقلار پاسىقلاردۇر»- مائىدە 5/44-45.
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُون
«ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇنداقلار پاسىقلاردۇر»- مائىدە 5/47.
پەيغەمبىرىمىزگە مۇنۇ ئەمىر بېرىلگەن:
وَأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَنْ يَفْتِنُوكَ عَنْ بَعْضِ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُصِيبَهُمْ بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ . أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى يۈزىسىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر. ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟[4] چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھدىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟»- مائىدە 5/49-50.
يىغىپ ئېيتقاندا نەبىيلەرنىڭ ئايەتلەرنى ھەم تەبلىغ ھەم تەتبىق قىلىش ۋەزىىپىسى بار. ھېكمەت ئۇلار كىتابتىن (ئايەتلەردىن) چىقارغان ھۆكۈملەردۇر. باشقا ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا ھېكمەت ئۇلارنىڭ سۈننىتىدۇر.
ئېنىقلىشىمىزچە فەقىھلەردىن پەقەت ئىمام شافىئىيلا ھېكمەت مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان ۋە سۈننەت بىلەن ھېكمەت ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقان. تۆۋەندە ئۇنىڭ ھېكمەت چۈشەنچىسىنى كۆرۈشكە تىرىشىمىز:
1- ئىمام شافىئىينىڭچە ھېكمەت-سۈننەت مۇناسىۋىتى
 ئىمام شافىئىينىڭ ھېكمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى مۇنداق:
مەن قۇرئاننى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھېكمەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر». مېنىڭ «سۈننەت ھېكمەتتۇر» دېگەن سۆزۈم ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئوخشاشتۇر (توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). چۈنكى (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە) قۇرئان زىكىر قىلىنىدۇ، ئارقىسىدىن ھېكمەت زىكىر قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز خەلقىگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىش بىلەن ئىنئام قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن (ئاللاھ توغرىسىنى بىلىدۇ) ھېكمەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن باشقا بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ[5].
ئىمام شافىئىي يۇقىرىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن سۈننەتنىڭ كىتاب بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە مۇنۇ ئايەتلەرنى دەلىل قىلىدۇ:
َمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ، وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ، فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا
«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق-ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ»- ئەھزاب 33/36.
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە  ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىر نەرسىدە تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. بۇ ناھايىتى خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.»- نىسا 4/59.
وَمَنْ يُطِعْ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُوْلَئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ وَحَسُنَ أُوْلَئِكَ رَفِيقًا
«ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر[6] ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!»- نىسا 4/69.
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار»- ئەنفال 8/20.
 ئىمام شافىئىينىڭ ھەدىستىن دەلىلى شۇدۇر:
ئەبۇ رافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
لاَ أُلْفِيَنَّ أحَدَكُمْ مُتَّكِئًا عَلَى أرِيكَتِهِ، يَأْتِيهِ الأُمْرُ مِنْ أمْرِي، مِمَّا أَمَرْتُ به أَوْ نَهَيْتُ عنه، فيقولُ لاَ أَدْرِي ماَ وَجَدْنَا فِي كِتَاِب اللهِ اتَّبَعْناَهُ
«مەن سىلەردىن ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇۋاتقان چېغىدا مەن قىلغان ئەمىرلەردىن بىر ئەمىر ياكى مەن چەكلىگەن چەكلىمىلەردىن بىرى كەلسە «بىلمەيمىز، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا تاپقىنىمىزغا ئەگىشىمىز» دەيدىغان بىرىنى ئۇچراتماي[7]».
ئىمام شافىئىي سۈننەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
نەبىينىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق كۆزقارىشى بولغان بىر ئالىمنى بىلمەيمەن. ئالىملار ئۇلاردىن ئىككىسىدە ئىتتىپاقلاشقان. بۇ ئىككىسى بىر غولنىڭ ئىككى شېخىغا ئوخشايدۇ:
1– ئاللاھ قۇرئاندا ئوچۇق زىكىر قىلغان، رەسۇلۇللاھ ئەينەن بايان قىلغان سۈننەت.
2- ئاللاھ قۇرئاندا مۈجمەل قويغان، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئاللاھتىن ئېلىپ ئاللاھ مۇرادىنى بايان قىلغان سۈننەت.
ئالىملار بۇ ئىككى تۈرلۈك سۈننەتتە ئىختىلاپ قىلىشمىغان.
3- قۇرئاندا نەس بولمىغان مەسىلىلەردە رەسۇلۇللاھ قويغان سۈننەت.
(ئىختىلاپ مانا بۇ ئۈچىنچى قىسىمدىدۇر).
بۇ ھەقتە بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا قۇرئاندا نەس بولمىغان مەسىلىلەردە سۈننەت قويۇش ھەققى بەرگەن.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ قويغان ھەر سۈننەتنىڭ قۇرئاندا چوقۇم ئاساسى بولىدۇ. مەسىلەن: نامازنىڭ پەرزلىكى قۇرئاندا بار، رەسۇلۇللاھ نامازنىڭ سان ۋە شەكلىنى بايان قىلىش ئۈچۈن سۈننەت قويغان.
بەزىلەر: بەلكىدە رەسۇلۇللاھقا ئاللاھتىن رىسالەت (ۋەھىي) كېلىپ ئۇنىڭ سۈننىتىنى مۇستەھكەملىگەن، دەيدۇ.
بەزىلەر: رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە سېلىنغان ھېكمەتتۇر، دەيدۇ[8].
يىغىپ ئېيتقاندا ئىمام شافىئىي ھېكمەتنىڭ سۈننەت بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ سۈننەتنىڭ نەبىيىمىزگە قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي قىلىنغانلىقى پىكرىگە كېلىدۇ، شۇنداقلا سۈننەتنى قۇرئان بىلەن تەڭ كۆرىدۇ[9]. ئۇ قۇرئان بىلەن سۈننەتنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەنبە ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننىڭ سۈننەتنى مەنسۇخ قىلالمايدىغانلىقىنى (ئەمەلدىن قالدۇرالمايدىغانلىقىنى)، سۈننەتنىڭ پەقەت باشقا بىر سۈننەت بىلەنلا مەنسۇخ قىلىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ[10].
2- ئىمام شافىئىينىڭ خاتالىقلىرى
 بىزنىڭچە ئىمام شافىئىينىڭ ھېكمەت چۈشەنچىسىدە تۆت ئاساسىي خاتالىق بار. بۇلار: ھېكمەتنى مۇھەممەد (ئە.س)كە خاس دەپ بىلىشى، ئايەتلەر ئارىسىدىكى مىزاننى كۆرمەسلىكى، رەسۇل ۋە نەبىي پەرقىگە دىققەت قىلماسلىقى، سۈننەتنى قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي ھېسابلاپ قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكىنى تونۇماسلىقى.
ئا- ھېكمەت مۇھەممەد (ئە.س)كە خاس دەپ بىلىشى
ئىمام شافىئىي سۈننەتنىڭ ھېكمەت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى ئاللاھ بۇنى مەخلۇقاتى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئەلچىسىدىن باشقا بىرى ئۈچۈن قىلمىغان[11].
ھالبۇكى، يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەر يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 81- ئايىتى بىلەن ئەنئام سۈرىسىنىڭ 89- ئايىتى كىتاب ۋە ھېكمەتنىڭ پۈتۈن نەبىيلەرگە بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەبىيلەرگە خاس بىر نەرسە ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يُؤتِي الْحِكْمَةَ مَن يَشَاء وَمَن يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلاَّ أُوْلُواْ الأَلْبَابِ
«ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېكمەتنى بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە ئۇنىڭ كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇ زىكىر (بىلىم)نى پەقەت سابىت قەدەم تۇرغانلارلا[12] ھاسىل قىلالايدۇ»- بەقەرە 2/269.
وَلَقَدْ آتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
«بىز لۇقمانغا: ‹ئاللاھقا شۈكۈر قىل›، دەپ ھېكمەتنى بەردۇق. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ. كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەنگۈچىدۇر»- لۇقمان 31/12.
قۇرئاندا لۇقمانغا نەبىيلىك بېرىلگەنلىكىگە دائىر بىر ئىشارەت يوق. نەبىي بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا پەقەت ھېكمەتلا ئەمەس، كىتابمۇ بېرىلەتتى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېكمەت توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
لاَ حَسَدَ إِلَّا فِي اثْنَتَيْنِ: رَجُلٌ آتَاهُ اللَّهُ مَالًا فَسُلِّطَ عَلَى هَلَكَتِهِ فِي الحَقِّ، وَرَجُلٌ آتَاهُ اللَّهُ الحِكْمَةَ فَهُوَ يَقْضِي بِهَا وَيُعَلِّمُهَا
«مۇنداق ئىككى ئادەمدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا بولىدۇ: بىرى ئاللاھ پۇل-مال ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، بۇ كىشى پۇل-مېلىنى ئورۇنلۇق سەرپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. يەنە بىرى ئاللاھ ھېكمەتنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ، بۇ كىشى ئۇ ھېكمەت بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ»[13].
ئىبىن ئابباس (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ: نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى باغرىغا باستى ۋە: «ئى ئاللاھ! بۇنىڭغا ھېكمەتنى ئۆگەتكىن» دېدى[14].
ئە- ئايەتلەر ئارىسىدىكى مىزاننى كۆرمەسلىكى
مىزان ۋەزن سۆز تومۇرىدىن تۈرەتىلگەن بولۇپ، مەنىسى تەڭپۇڭلۇق دېمەكتۇر[15]. ئاللاھ تائالا تۆۋەندە مىزاننى ھېكمەت كەلىمىسىنىڭ ئورنىغا قويغان:
اللَّهُ الَّذِي أَنْزَلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَالْمِيزَانَ
«ئاللاھ، كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان ۋە مىزاننى نازىل قىلغان زاتتۇر»- شۇرا 42/17.
تۆۋەندىكى ئايەتتىمۇ ھېكمەت ئورنىغا مىزان قويۇلغان ۋە ئەسلى مەقسەتنىڭ قىست («قسط») بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قىست تەڭپۇلۇقلار ساقلانغان ھالدا تېگىشلىك بولغان ھەسسىدۇر[16]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ
«بىز ئەلچىلىرىمىزنى مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرگە كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق»- ھەدىد 57/25.
مىزان ئاللاھنىڭ ياراتقان كىتابى بولغان تەبىئەتتىمۇ بار. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدىمۇ بىزنى مىزانغا ۋە قىستكە ئەمىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ . أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ. وَأَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا الْمِيزَانَ.
«رەھمان ئاسماننى كۆتۈردى ۋە مىزاننى قويدى. بۇنى مىزاندا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، دەپ قىلدى. ئادالەت بىلەن تارتىڭلار، مىزاننى بۇزماڭلار»- رەھمان 55/7-9.
كۆرۈلگەندەك مىزان ۋە قىست يەنى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە ئىنساب بىلەن ئىش قىلىش ھېكمەتنىڭ يەنە بىر ئىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىگە بولغان گىنە ۋە نەپرىتىمىز بىزگە ھەقسىزلىق قىلىش رۇخسىتى بەرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَى أَلَّا تَعْدِلُوا اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ . وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بىر قەۋمگە ساقلىغان گىنىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا سۆرەپ ئاپارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار. بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ۋەدە قىلدى: ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار»- مائىدە 5/8-9.
پەرقلىق ئېتىقادلاردىكى ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشىغاندىمۇ مىزاننى ۋە قىستنى كۆزىتىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ. إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ.
«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»- مۇمتەھىنە 60/8-9.
مىزاننى قوغداش ئۈچۈن دىنىمىز يۈزىسىدىن بىز بىلەن ئۇرۇشقان، بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە تېگىشلىك جاۋابنى بېرىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە تېگىشلىك بولغىنىدىن ئارتۇق بىر ئىش قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەمىرلەر مۇنداق:
1- سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْ إِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
2- سىلەرنى چىقارغا يەردىن ئۇلارنى چىقىرىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَأَخْرِجُوهُم مِّنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ
«ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار»- بەقەرە 2/191.
3- سالىدىغان زىيىنىڭلار تارتقان زىيىنىڭلاردىن ئارتۇق بولمىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
فَمَنِ اعْتَدَى عَلَيْكُمْ فَاعْتَدُواْ عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا اعْتَدَى عَلَيْكُمْ وَاتَّقُواْ اللّهَ وَاعْلَمُواْ أَنَّ اللّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
«بۇنىڭغا ئاساسەن كىم سىلەرگە تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلىڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»- بەقەرە 2/194.
ھېكمەتكە بويسۇنۇش ئۈچۈن غەيرىيمۇسلىملەر بىلەن قىلىنغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرنىڭ تامامىنى بۇ دائىرىدە تەھلىل قىلىش كېرەك. ھېكمەت چۈشىنىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇسلىم-غەيرىيمۇسلىم مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسەتكەن ئايەتلەر ئايرىم ھالدا تەپسىر قىلىنىپ زور خاتالىقلار ئۆتكۈزۈلگەن ۋە غەيرىيمۇسلىملەرنىڭ ئىسلامنى توغرا چۈشىنىشىنىڭ ئالدىغا توسالغۇ قويۇلغان[17].
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھېكمەتنى مۇنداق تەرىپ قىلىشقا بولىدۇ:
«ھېكمەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىچىدىكى مىزاننى تېپىپ ھەر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بەرمەكتۇر». مىزان ۋە قىست ئاسمان-زېمىندىمۇ بولغانلىقتىن بۇ تەرىپ بىلىم ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر.
ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلىش موھتاجغا سۇ، تۇز، گۆش، پەمىدۇر، مۇچ، ئوت… بەرگەنگە ئوخشاشتۇر. ھېكمەت بولسا ئۇلارنى مۇۋاپىق مىقداردا بىرلەشتۈرۈپ تاماق ئەتكەنگە ئوخشاشتۇر. خام ئەشيالارنىڭ ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ۋە قىستكە دىققەت قىلماستىن ئېتىلگەن تاماقنى يېگىلى بولمايدۇ، يېگەنلەرنى بىئارام قىلىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دىنى مەسىلىلەردىكى خاتالىقلارمۇ پەرق ئېتىلىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ. ۋابىسە ئىبنى مەئبەد مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ: «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىر نەرسە سوراش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟» دېدى، مەن: «شۇنداق» دېدىم.رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇشتۇمىنى تۈگۈپ كۆكسىگە ئۇردى ۋە ئۈچ قېتىم مۇنداق دېدى:
«ئى ۋابىسە! نەپىسىڭگە مەسلىھەت سال، دىلىڭغا مەسلىھەت سال. ياخشىلىق نەپىسىڭگە ۋە دىلغا ھۇزۇر بېغىشلىغان نەرسىدۇر. گۇناھ بولسا دىلدا بىئاراملىق ۋە گۇمان پەيدا قىلغان نەرسىدۇر، ئىنسانلار ساڭا پەتىۋا بېرىپ، قىلمىشىڭغا توغرا باھا بەرگەن تەقدىردىمۇ»[18].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سېنى شۈبھىلەندۈرگەن نەرسىنى قويۇپ شۈبھىلەندۈرمىگەنگە ئۆتكىن. چۈنكى توغرىلىق ھۇزۇر بىرىدۇ، يالغان بولسا شۈبھە ۋە ئىككىلىنىش پەيدا قىلىدۇ»[19].
بەزى نەرسىلەر دورىغا ئوخشاش بولۇپ، كۆڭۈل تارتمايدۇ. لېكىن ئىشەنچلىك كىشىلەر ئۇلارنى «پايدىلىق» دېگەنلىكى ئۈچۈن يېيىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال دىنى مەسىلىلەردىمۇ بار. بەزى دىنى ۋەزىپىلەر پەقەت ئىشەنچلىك مەنبەلەر «ساۋاب» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئادا قىلىنىدۇ.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَّكُمْ وَعَسَى أَن تَكْرَهُواْ شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ وَعَسَى أَن تُحِبُّواْ شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ وَاللّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ
«سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىندى، لېكىن ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر ياقتۇرمىغان بىر نەرسە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ياقتۇرغان بىر نەرسە سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر»- بەقەرە 2/216.
ئىنسانلار ھەر خىل سۇيىئىستېمالنى قىلىشتىن تارتىنمايدۇ. دىن سۇيىئىستېمالى بولسا ئاللاھنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يامان ۋە ئەڭ خەتەرلىك سۇيىئىستېمالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئاننى بايان قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە بايانلارغا ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى قۇرئاننىڭ ئىچىگە قويغان[20]. ئۇ ئۇسۇلنىڭ ئاساسى مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ. أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ .
«ئەلىف، لام، را. بۇ ئايەتلىرى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھكەم قىلىنغان ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇ ئاللاھدىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد 11/1-2.
ئاللاھنىڭ قۇرئاننىڭ قۇرئاندىكى بايانلىرىغا پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ ئۇسۇل بىلەن ئېرىشىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئايەت ئۇنىڭ بۇ ھەقتە خاتالىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە خاتالاشماسلىقىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا 4/176.
فەتۋا مۈجمەل كۆرۈنگەن شەرئىي ھۆكۈملەرنى ئېنىقلاپ ئوتتۇرىغا قويماق دېمەكتۇر[21]. بۇ ئايەتتىكى فەتۋا كەلالە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. نىسا سۈرىسىنىڭ 7 ئايىتىدىن 12- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەر بىلەن 23- ئايتىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغانلار كەلالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلار تەڭپۇڭلۇقنى تولۇق ئورنىتالمىغانلىقى ئۈچۈن نەبىيىمىزدىن فەتۋا سورىغان، ئۇنىڭمۇ خاتالىشىش ئېھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ توغرىدىكى فەتۋانى بىۋاسىتە ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن. ئايەتنىڭ مۇنۇ ئىپادىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ:
يُبَيِّنُ اللّهُ لَكُمْ أَن تَضِلُّواْ
«ئاللاھ سىلەرگە خاتالاشماسلىقىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ».
رەسۇل كىتابنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى بولغان زاتتۇر، نەبىي كىتابنى تەبلىغ قىلىشنىڭ يېنىدا ئۇنى تەتبىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى چىقىرىش ۋەزىپىسىمۇ بولغان زاتتۇر. نەبىي ۋە رەسۇل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ پەرققە دىققەت قىلماسلىق بۇ ئايەتلەرنىڭ تولىسىنى چۈشىنەلمەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئىمام شافىئىيدە بۇ دىققەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ.
ب- نەبى ۋە رەسۇلنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلماسلىقى
ئەسلىدە بۇ دىققەتسىزلىك ئالىملارنىڭ تولىسىدا بار. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدا رەسۇل يېڭى بىر كىتاب ۋە يېڭى بىر شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، نەبىي ئۆزىدىن ئىلگىرىكى رەسۇلنىڭ كىتابىنى ۋە شەرىئىتىنى ئۇممىتىگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. ئۇلارنىڭچە ھەر رەسۇل نەبىيدۇر، لېكىن ھەر نەبىي رەسۇل ئەمەستۇر[22].
ئەمەلىيەتتە پۈتۈن نەبىيلەرگە كىتاب بېرىلگەن. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە ئىسمائىل (ئە.س)غا كىتاب بېرىلمىگەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇ پەقەت نەبىيدۇر. لېكىن ئەنئام سۈرىسىنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئىسمائىل (ئە.س)غا كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىلگەن. تۆۋەندىكى ئايەتمۇ ئىسمائىل (ئە.س)نىڭ ھەم نەبىي ھەم رەسۇل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:    
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا
«بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىرى ئىدى، رەسۇل ئىدى، نەبىي ئىدى»- مەريەم 19/54.
رەسۇل زىممىسىگە باشقىسىنىڭ سۆزىنى ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە قوشماستىن يەنە بىر باشقىسىغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن كىشىدۇر[23]. تۈركچىدە ئۇ كىشى ئەلچى دەپ ئاتىلىدۇ. رەسۇللەر ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى نەبىي بولغان رەسۇل، يەنە بىرى نەبىي بولمىغان رەسۇل. ھەر نەبىي ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلدۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن رەسۇللەرمۇ بار. قۇرئان مىسىر پادىشاھى يۇسۇف (ئە.س)كە ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە رەسۇل، بەلقىس سۇلەيمان (ئە.س)غا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە مۇرسەل دەيدۇ. مىسىر پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:     
فَلَمَّا جَاءهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَى رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللاَّتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ
«پادىشاھنىڭ رەسۇلى (ئەلچىسى) يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، يۇسۇف ئۇنىڭغا: خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن، دېدى»- يۇسۇف 12/50.
ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن ھېچكىم نەبىي دېيىلمەيدۇ، ھەر نەبىي رەسۇلدۇر، لېكىن ھەر رەسۇل نەبىي ئەمەستۇر. نەبىي بولمىغان رەسۇللەر پەقەت تەبلىغلا قىلالايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ۋەھىي ئالمىغان تۇرۇپ كىتابنى تەبلىغ قىلغان رەسۇللەردىن سۆز قىلىدۇ:
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ
«نۇھنىڭ قەۋمى رەسۇللەرنى يالغانچى دېدى»- شۇئەرا 26/105.
كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ
«ئاد قەۋمى رەسۇللەرنى يالغانچى دېدى»- شۇئەرا 26/123.
نۇھنىڭ قەۋمىگە نۇھ (ئە.س)، ئاد قەۋمىگە ھۇد (ئە.س) پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنداقتا ئۇ رەسۇللەر ئۇ ئىككى نەبىيگە نازىل بولغان ئايەتلەرنى تەبلىغ قىلغان مۇئمىنلاردۇر، خالاس.
نەبىيلىك مۇھەممەد (ئە.س) بىلەن ئاخىرلاشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن نەبىي كەلمەيدۇ ۋە ھېچكىمگە كىتاب نازىل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَكِن رَّسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
«مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/40.
مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى دېيىلىپ رەسۇللەرنىڭ ئاخىرقىسى دېيىلمەسلىكى مۇھىمدۇر. چۈنكى نەبىي بولمىغان رەسۇللەر ھەر يەردە ۋە ھەر زاماندا بولىدۇ، قۇرئاننى تەبلىغ قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللّهُ مَن يَشَاء وَيَهْدِي مَن يَشَاء وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ .
«بىز ھەر رەسۇلنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق، بۇنى ئۇ رەسۇلنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ئىبراھىم 14/4.
قۇرئاننىڭ ئەرەبچە بولۇشى، مۇھەممەد (ئە.س) ئىچىدىن چىققان قەۋمنىڭ ئەرەب بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ.
«بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- سەبەئ 34/28.
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ لا إِلَـهَ إِلاَّ هُوَ يُحْيِـي وَيُمِيتُ فَآمِنُواْ بِاللّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئۇممىي پەيغەمبەر بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ھىدايەت تاپالايسىلەر.»- ئەئراف 77/158.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ھەر تەرەپكە ئۆزى بارالمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىزگە (ئۇممەتكە) مۇنۇ ئەمىرنى بەرگەن:
بَلِّغُوا عَنِّي وَلَوْ آيَةً
«مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[24].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇممەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رەسۇلى بولۇپ قۇرئاننى پۈتۈن تىللارغا تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلار دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ. إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ.
«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز ئۇلارنى كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدۇ، ئۇلار لەنەت قىلغۇچىلارمۇ لەنەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىىمەن»- بەقەرە 2/159-160.
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ.  أُولَئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَى وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ.
«ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر بىر ئازاب بار. ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!»- بەقەرە2/174-175.
رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزىگە بېرىلگەن كىتابنى تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
«رەسۇللەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر»- نەھل 16/35.
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ
«ئى رەسۇل! رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنى تەبلىغ قىلغىن (يەتكۈزگىن)، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلمىغان بولىسەن»- مائىدە 5/67.
رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى ئۆز تەرىپىدىن بىر نەرسە قوشماستىن پەقەتلا تەبلىغ (يەتكۈزۈش) بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلغا ئىتائەت، ئۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىگە (ئاللاھقا) ئىتائەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ
«كىم رەسۇلغا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»- نىسا 44/80.
رەسۇل ئۆز تەرىپىدىن بىر نەرسە قوشمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھالال قىلغان نەرسە ئاللاھ قۇرئاندا ھالال دېگەن نەرسىدۇر، ئۇ ھارام قىلغان نەرسە ئاللاھ قۇرئاندا ھارام دېگەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ
«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى رەسۇلگە (ئەلچىگە)، يەنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئەگىشىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ»- ئەئراف 7/157.
نەبىي كىتابنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىنى رەسۇللۇق سۈپىتى بىلەن قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشتا خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن نەبىي تەبلىغدىن باشقا ۋەزىپىلىرىنى نەبىيلىك سۈپىتى بىلەن قىلىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ئىشتا خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن نەبىي نەبىيلىك سۈپىتى بىلەن بىر نەرسىنى ھارام قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ.
«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى دەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- تەھرىم 66/1.
نەبىيلەرمۇ قىلغان خاتالىقىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَغُلَّ وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ .
«ھېچبىر نەبىينىڭ ۋەزىپىسىنى يامانلىققا ئىشلىتىش ھەققى يوق. كىم ۋەزىپىسىنى يامانلىققا ئىشلەتسە، قىيامەت كۈنى قىلغان يامانلىقى بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»- ئال ئىمران 3/161.
نەبيىمىز بەدىردە خاتا بىر قارار بىلەن ئەسىر ئالغاندا ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآخِرَةَ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ . لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەسىر ئېلىش ھەققى يوق. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان پىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»- ئەنفال 8/67-68.
بۇ ئېغىر ئىپادىلەر ئىلگىرى قويۇلغان مۇنۇ قائىدىگە رىئايە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى:
فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا
«جەڭ مەيدانىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»- مۇھەممەد 47/4.
رىملىقلار پەرسلەرگە يېڭىلگەن ئىدى. مەككىدە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتلەر 3 بىلەن 9 يىل ئىچىدە رىملىقلار غالىب كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ كۈنى مۇسۇلمانلارغا زەپەر بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى:
الم . غُلِبَتِ الرُّومُ . فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ . فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ . بِنَصْرِ اللَّهِ يَنْصُرُ مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ . وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
«ئەلىف، لام، مىم. رۇملۇقلار زېمىننىڭ ئەڭ يېقىنىدا مەغلۇپ بولدى، لېكىن ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا، بىرقانچە يىل ئىچىدە غالىب كېلىدۇ. ئىشلار باشتىن-ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن خۇشال بولىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم 30/1-6.
ئەبۇ سۇفيان بىر تىجارەت كارۋىنى بىلەن شامدىن كېلىۋېتىپ رىملىقلار بىلەن پەرسلەرنىڭ ئۇرۇشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كارۋاننىڭ بېرىلىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ، مەككىلىكلەر كارۋاننى قوغداش مەقسىتى بىلەن يولغا چىققان ئىدى. ئەبۇ سۇفيان بولسا كارۋاننى قۇتقۇزۇش غېمىگە چۈشكەن ئىدى. چۈنكى بۇ ئايەتلەرنى ئۇلارمۇ بىلەتتى. مۇسۇلمانلار ھېچ ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا مەككە قوشۇنىنى ئۇچراتتى. بۇنى مۇنۇ ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ (7) لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ (8)
«ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، ‹ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ› دەپ ۋەدە قىلاتتى. سىلەر قورال-ياراغسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى. بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار خالىمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى»- ئەنفال 8/7-8.
  مۇسۇلمانلار كارۋاننى قاچۇرۇپ قويدى ۋە بەدىردە مەككە قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. ئەگەر ئۇلار ئۇرۇش قانۇنىغا بويسۇنسا ئىدى، مەككىگە كىرەتتى. چۈنكى «ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى»- ئەنفال 8/7-8.
ئۇلار بەدىردە جان تىكىپ ئۇرۇشۇپ دۈشمەنگە ئېغىر زەربە بەردى. لېكىن كەينىگە چېكىنگەن دۈشمەننى قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلىشى بولغان يەردە ئەسىرلەر ئېلىپ قايتتى. ئەسىر ئېلىش ئىشى نەبىيىمىزنىڭ ماقۇللىقى بىلەن بولغان ئىدى. ساھابىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەسىر ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى ئەسلىتىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشى لازىم ئىدى، ئەمما ئۇنداق قىلمىدى. بۇ سەۋەبتىن ساھابىلەرمۇ مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەندى:
«سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ»- ئەنفال 8/67.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بەدىر ئەسىرلىرىدىن تۆت مىڭ دىرھەم فىدىيە ئالغان ئىدى[25]. ئىمام شافىئىي بەزى ئەسىرلەرنىڭ ئاز فىدىيە بىلەن بەزىلەرنىڭ پىدىيەسىز قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ[26]. ئەسىرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئايەت نازىل بولغاندا ساھابىلەر ئالغان پىديەلىرىدىن قوللىرىنى تارتقان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مۇنۇ ئايەت نازىل بولغان ئىدى[27]:     
فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلاَلاً طَيِّبًا وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
«ئالغان غەنىمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- ئەنفال 8/69.
ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تۈزىتىپ قىلغان گۇناھىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن نەبىيىمىزگە مەككىنى پەتىھ قىلىش يولى قايتا ئېچىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُبِينًا . لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن بىر فەتىھ ئاتا قىلدۇق. بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈندۇر»- فەتىھ 48/1-2.
مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن نازىل بولغان شۇ سۈرە ئەمدى گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:
ِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ (1) وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا (2) فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا (3)
«ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتىھ كەلگەن چاغدا، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر»- نەسر 110/1-3.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلگە ئىتائەت قىلىش شەرتسىز پەرز قىلىنغان، لېكىن نەبىيگە ئىتائەت قىلىش شەرتكە باغلانغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
يا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَى أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
«ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- مۇمتەھىنە 60/12.
رەسۇل كەلىمىسى بىلەن خىتاب قىلىنغان ھېچبىر ئايەتتە «ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق» دېگەن شەكىلدە بىر شەرت قوشۇلمايدۇ. چۈنكى رەسۇلغا ئاسىيلىق قىلىش بىر بىر شەرتكە باغلىق بولماستىن مەنئى قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّى بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا
«شۇ كۈندە، كاپىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھدىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ»- نىسا 4/42.
بىر رەسۇل ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەبلىغ قىلغاندا ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن بىر نەرسە قوشسا ئۇنىڭ رەسۇللۇقى تۈگەيدۇ. ئەگەر ئۇ نەبىي بولغان رەسۇل بولسا جازاسى ئۆلۈمدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَإِن كَادُواْ لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ لِتفْتَرِيَ عَلَيْنَا غَيْرَهُ وَإِذًا لاَّتَّخَذُوكَ خَلِيلاً. وَلَوْلاَ أَن ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدتَّ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلاً . إِذاً لَّأَذَقْنَاكَ ضِعْفَ الْحَيَاةِ وَضِعْفَ الْمَمَاتِ ثُمَّ لاَ تَجِدُ لَكَ عَلَيْنَا نَصِيرًا .
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى قۇرئاندىن ئايرىۋېتىشقا تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى. ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى قوپقان ئىدىڭ. ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان بولساڭ، بىز سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتمۇقات ئازابلايتتۇق. ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايتتىڭ»- ئىسرا 17/73-75.
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ . لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ. ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ . فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ
«ئەگەر ئۇ بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار»- ھاققە 69/44-47.
نەبىيلەرنىڭ كىتابنى تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋەزىپىسىمۇ بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»- بەقەرە 2/213.
إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللّهُ وَلاَ تَكُن لِّلْخَآئِنِينَ خَصِيمًا
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. خائىنلارغا يان بېسىپ گۇناھسىزلارغا دۈشمەن بولمىغىن!»- نىسا 4/105.
يەنە ئەھۋال ئاشۇنداق بولغانلىقى قۇرئان كەرىمدە ئۆلتۈرۈلگەن نەبىيلەر زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە «ناھەق» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. لېكىن رەسۇللەر توغرىسىدا ئۇنداق بىر ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ. چۈنكى رەسۇللەرنى ئۆلتۈرۈش ھەر زامان ناھەقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئېغىر ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»- ئال ئىمران 3/21.
لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَى أَنْفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُون
«شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا رەسۇللەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار قاچانىكى بىر رەسۇل كۆڭۈللىرىگە ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، رەسۇللەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى»- مائىدە 5/70.
پ- كىتاب-سۈننەت پۈتۈنلۈكىنى كۆرمەسلىكى
 سۈننەت ئەلۋەتتە ھېكمەتتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ كىتاب بىلەن بىرلىكتە ھېكمەتنىمۇ ئۆگىتىش ۋەزىپىسى بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولاً مِّنكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُواْ تَعْلَمُونَ
«بىز سىلەرگە نېمىتىمىزنى تاماملاش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر رەسۇل ئەۋەتتۇق. رەسۇل سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھىكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ»- بەقەرە 2/151.
رەسۇلۇللاھنىڭ كىتابتىن باشقا ئۆگەتكەن بىرلا نەرسىسى سۈننەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىمام شافىئىينىڭ دېگىنى توغرا. ھېكمەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن باشقا بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ[28]. لېكىن ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ مۇرادىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ مەنىنىڭ خۇسۇسىي بولغىنىغا ۋە ئومۇمىي بولغىنىغا دالالەت قىلىدىغانلىقىنى[29]، قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى ۋە قۇرئان بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىكتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ[30] سۈننەتنى ئىككىنچى مەنبە ھېسابلىشى، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدىكى پۈتۈنلۈكنى كۆرۈشىگە توسالغۇ بولغان. ھالبۇكى، سۈننەت قۇرئاندىكى ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى مەھسۇلىدۇر. قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر پۈتۈنلۈك بار. نەبىيىمىز بۇ توغرىدا ئالغان ئەمىر مۇنداق:
وَأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَنْ يَفْتِنُوكَ عَنْ بَعْضِ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُصِيبَهُمْ بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ . أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى يۈزىسىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر. ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟[31] چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھدىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟»- مائىدە 5/49-50.
مىزاننى يەنى ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۇسۇل بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. بۇ پەقەت نەبىيلەرنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، زاھىتلار ۋە ئالىملارنىڭمۇ ۋەزىپىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ
«شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى بۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان»- مائىدە 5/44.
بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ إِنَّ اللَّهَ بِعِبَادِهِ لَخَبِيرٌ بَصِيرٌ . ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ وَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتاب ھەقتۇر. ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇرا ھال يول تۇتقۇچىدۇر، بەزىسى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا پەزلدۇر»- فاتىر 35/31-32.
نەبىيىمىزدىن كېيىن كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلار ئالىملىرىمىزدۇر. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
وَإِنَّ الْعُلَمَاءَ وَرَثَةُ الْأَنْبِيَاءِ، وَإِنَّ الْأَنْبِيَاءَ لَمْ يُوَرِّثُوا دِينَارًا، وَلَا دِرْهَمًا وَرَّثُوا الْعِلْمَ، فَمَنْ أَخَذَهُ أَخَذَ بِحَظٍّ وَافِرٍ
«ئالىملار نەبىيلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. نەبيلەر نە ئالتۇن، نە كۆمۈش مىراس قالدۇرمىدى. ئۇلار ئىلىمنى مىراس قالدۇردى. كىم ئۇنى ئالىدىكەن ئۇ بۈيۈك بىر نېسىۋە ئالغان بولىدۇ[32].
ئەلچىلىك ۋەزىپىسى بىر مالنى مۇشتەرىگە تونۇتۇشقا ئوخشاشتۇر. ئايەتلەرنى توغرا ئۆگىنىپ ئىنسانلارغا يەتكۈزگەنلەر بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىدۇ. ئەمما نەبىيلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشاشتۇر. يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىمى بولمىغان ۋە ھەيئىتىنى قۇرالمىغان كىشى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. ئالىملارنىڭ قۇرئاندىن ھۆكۈم چىقىرىشىمۇ ئۇلارنىڭ ھەيئەتلىرىنى قۇرۇشىغا باغلىقتۇر، بۇنداق بىر ھەيئىتى بولمىغان كىشى ئاللاھنىڭ بايانلىرىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   
كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ.
«بۇ ئايەتلىرى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە بايان قىلىنغان كىتابتۇر»- فۇسسىلەت 41/3.
نەبىيىمىزگە قۇرئاننى جىبرىئىل (ئە.س) ئۆگىتەتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَى . مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَى. وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَى . إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى. عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَى
«سارقىغانيۇلتۇز بىلەن قەسەمكى، قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدىۋە ئازمىدى. ئۇ، نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىگىنىئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك جىبرىئىلئۆگەتتى»- نەجم 53/1-5.
نەبىيىمىزنىڭ ۋارىسلىرى ئۇنى ئۈلگە ئالغان ۋە قۇرئان كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە قۇرئاندىن ھۆكۈم چىقارغان ئالىملاردۇر. ئۇلار قۇرئاندىكى مىزاننى بۇزمايدىغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدىكى پۈتۈنلۈكنى كۆرگەن كىشىلەردۇر. بۇ يولغا كىرمىگەنلەرنىڭ قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى توغرا چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇ بولسا ئۇسۇل بىلەن فۇرۇئ ئارىسىدا تۈگىمەيدىغان زىتلىقلارغا يول ئاچىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا مىسال بىرىمىز:

[1]ئايەتلەردىكى تەرتىپ مۇنداق: ئىبراھىم، ئىسھاق، يەقۇب، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇن، نۇھ، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇت (ئەلەيھىمۇسسالام).

[2]– بۇ يەردە «ئېغىر يۈك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئىسر («إصر»)دۇر. ئىسربىر نەرسىنى باغلىماق ۋە زورلۇق بىلەن توسماق، دېگەن بولىدۇ. بۇ كەلىمە قۇرئاندا ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ كېيىنكى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى دېگەن مەنىدىدۇر. ئاخىرقى نەبىيگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئۈستىدىن بۇ يۈك ئېلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ (مەنىسى) مۇنداق:
«ئۇلار ئەلچىگە، يەنى ئۆزلىرىنىڭ يېنىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئەگىشىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»- ئەئراف 7/157.
بۇنىڭدىن كېيىن نەبىي كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ ئۇممىتىگە ئىسر يۈكى يۈكلەنمىگەن. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە مۇنۇ دۇئانى قىلىشنى ئۆگەتكەن: «رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۈممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمە»- بەقەرە 2/286.

[3]– مەسدەر ھەرىكەتنامى ياكى سۆز يىلتىزى، سۆز تومۇرى.

[4]– بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن باشقا پۈتۈن ھۆكۈملەر جاھىلىيەت ھۆكمىدۇر.

[5]– مۇھەممەد ئىبىن ئىدرىس (150-204 ھ)، ئىمام شافىئىي ئەررىسالە، تەھقىق ۋە شەرھ: ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر، مىسىر، 1385/1940،1/79.

[6]– ئايەتتىكى شۇھەدا («الشُّهَدَاءِ») كەلىمىسى شەھىد («شهيد»)نىڭ كۆپلۈكىدۇر. مەنىسى شېھىتلەر دېگەن بولىدۇ. بىزچە بۇ يەردىكى «شېھىتلەر» نىڭ مەنىسى بىلىمىنى كۆزى بىلەن كۆرگەندەك قەتئىيلەشتۈرگەن ئالىملار، دېگەن بولىدۇ

[7]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/88.

[8]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە، پاراگراف 299-305، 91- ۋە 93- بەت.

[9]– ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/104-105.

[10]– ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/107. لا يَنْسخ كتابَ الله إلا كتابُه …وهكذا سنة رسول الله، لا يَنْسَخُها إلا سنةٌ لرسول الله.
[11]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە، 1/79. وسنة رسول الله مُبَيِّنَة عن الله معنى ما أراد، دليلاً على خاصِّه وعامِّه، ثم قرن الحكمة بها بكتابه، فاتبعها   إياه، ولم يجعل هذا لأحد من خلقه غير رسوله

[12]ألَبَّ بالمكان، أي أقام به ولزِمه. ئىسمائىل ئىبىن ھەمماد ئەلجەۋھەرى، ئەسسىھاھ، تەھقىق ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتار، 3- باسما، بېيرۇت؛ (لب). أصلٌ صحيح يدلُّ على لزومٍ وثبات، وعلى خلوص وجَوْدة، مۇئجەمۇ مەقايىسۇللۇغە. لۇبب كەلىمىسىنىڭ يىلتىز مەنىسى يېپىشىپ قالماق، ساپ ۋە ياخشى بولماق، دېمەكتۇر. بىر يەرگە ئورۇنلاشقان كىشى ئۈچۈن ألَبَّ بالمكان دېيىلىدۇ. بىر ئىشتا سۇبات كۆرسەتكەن كىشى ئۈچۈن رجلٌ لَبٌّ بهذا الأمردېيىلىدۇ

[13]– بۇخارى، ئىلىم 15.

[14]– بۇخارى، فەزائىلۇسساھابە 24.

[15]– خەلىل ئىبىن ئەھمەد (ۋاپاتى: 170 ھ)، ئەلئەين، تەھقىق: م. ئەلمەخزۇمى ۋە ئىبراھىم ئەسسامىرى؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات؛ جەۋھەرى، ئەسسىھاھ؛ مەقايىسۇللۇغە.

[16]– هوالنصيب بالعدل.- راغىب ئەلئىسفھانى، مۇفرەدات.

[17]– ئابدۇلئەزىز بايىندىر، دوغرۇ بىلدىغىمىز يانلىشلار، 288- بەت، ئىستانبۇل 2011.

[18]– سۈنەنى دارىمى، بۇيۇئ 2.

[19]– تىرمىزى، قىيامەت 60.

[20]– بۇ يازما ئۇ ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان. مەزكۇر ئۇسۇلنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن قاراڭ: فاتىھ ئورۇم، قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا قۇرئاننى چۈشىنىش ئۇسۇلى، سۈلەيمانىيە ۋاقفى نەشرىياتى، ئىستانبۇل 2013.

[21]– ئالائىددىن ئەلى ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئىبراھىم (ۋاپاتى: 741 ھ)، ئەلخازىن، تەھقىق ۋە تەسھىھ، مۇھەممەد ئەلى شاھىن، بېيرۇت 1415 ھ، 1/433.

[22]– قاراڭ: ئۆمەر نەسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام فىقھى، ئىستانبۇل، 17- بەت، 34- پاراگراف.

[23]– مەجەللەئى ئەھكامى ئەدلىييە 1450- ماددا.

[24]– بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214.

[25]– ئەبۇ بەكىر ئابدۇرەززاق ئىبىن ھەممام ئىبىن نافىئ ئەلھىميەرى ئەليەمەنىي ئەسسەنئانىي (ۋاپاتى: 211 ھ)، مۇسەننەف، تەھقىق: ھەبىبۇررەھمان ئەلئەئزەمى، بېيرۇت 1403، 5/325، ھەدىس نومۇرى: 9728.

[26]– مۇھەممەد ئىبىن ئىدرىس ئەششافىئىي (ۋاپاتى: 204 ھ)، ئىختىلافۇلھەدىس (ئىمام شافىئىينىڭ ئەلئۇم ناملىق كىتابىنىڭ 8- جىلدىنىڭ چۆرىسىدە)، بېيرۇت 1410 ھ، 1990 م، 8/606.

[27]– ئەبۇ مۇھەممەد ئەلھۇسەين ئىبىن مەسئۇد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئەلفەررا ئەلبەغەۋى ئەششافىئىي (ۋاپاتى: 510 ھ)، تەھقىق: ئابدۇرەززاق ئەلمەھدىي، بېيرۇت 1420، 2/310.

[28]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/79.

[29]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/79.

[30]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/104-105.

[31]– بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن باشقا پۈتۈن ھۆكۈملەر جاھىلىيەت ھۆكمىدۇر.

[32]– ئەبۇ داۋۇد، سۈنەن، ئىلىم 1 (3641).


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ