مۇسۇلمانلار

رەسۇلۇللاھنىڭ بايانى

قۇرئاندا رەسۇلۇللاھنىڭ بايان قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ مەنىسى
 
تەبيىن بايان قىلماق دېگەن بولىدۇ(1).
نۇرغۇنلىغان ئايەتتە كىتاب(قۇرئان)نىڭ ئوپئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتىدۇر (2). مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:
الۤر تِلْكَ اٰيَاتُ الْكِتَابِ الْمُب۪ينِ
«ئەلىف، لام، را. بۇلار ئوپئوچۇق كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر»- يۇسۇف 12/1.
ئايەتلەرنى بايان قىلىش ئىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆز ئۈستىگە ئالغان (3). ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
لَا تُحَرِّكْ بِه۪ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِه۪  اِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْاٰنَهُ  فَاِذَا قَرَاْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْاٰنَهُ  ثُمَّ اِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ
«ئۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن تىلىڭنى ھەرىكەت قىلدۇرما. ئۇنى جەملىمەك ۋە قۇرئان (يىغىندىلانغان) ھالىتىگە كەلتۈرمەك بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. ئۇنى جەملىگەن چېغىمىزدا دەرھال قۇرئانىغا (يىغىندىسىغا) ئەگەش. ئەمەلىيەتتە ئۇنى بايان قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر»- قىيامەت 75/16-19.
ئاللاھ تائالا قۇرئاننى بايان قىلىش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
«ئەلىف، لام، را. بۇ ئايەتلىرى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھكەم قىلىنغان ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇ ئاللاھدىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد 11/1-2.
كىتابنىڭ ئايەتلىرى ئاللاھتىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن بىۋاسىتە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھكەم قىلىپ بايان قىلىنغانلىقىغا قارىغاندا كىتابنىڭ باشقا بىرى تەرىپىدىن بايان قىلىنىشقا ئېھتىياجى يوق. بىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئاللاھ قىلغان بايانلارغا بىر ئۇسۇل دائىرىسى ئىچىدە ئېرىشىشكە غەيرەت قىلماقتۇر. بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئەمەس، كىتابنىڭ ھۆكۈملىرىگە بوسۇنىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
الۤمۤصۤ  كِتَابٌ أُنزِلَ إِلَيْكَ فَلاَ يَكُن فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِّنْهُ لِتُنذِرَ بِهِ وَذِكْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ  اِتَّبِعُوا مَاۤ اُنْزِلَ اِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِه۪ۤ اَوْلِيَاۤءَ قَل۪يلًا مَا تَذَكَّرُونَ
«ئەلىف، لام، مىم، ساد. بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. بۇنىڭ تۈپەيلىدىن يۈرىكىڭدە بىر سىقىلىش بولمىسۇن. بۇ سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا بىر ئەسلىتىش بولۇشى ئۈچۈندۇر. رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ ئەۋلىيالارغا ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز چۈشىنىسىلەر»- ئەئراف 7/1-3.
ئۇنداقتا نەبى ۋە رەسۇللەرنىڭ كىتابلارنى بايان قىلىشى دېمەك، ئۇلارنىڭ كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇشى دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلاَّ رِجَالاً نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُواْ أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
«ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئى مەككىلىكلەر! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار. بىز ئۇ پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزىلەر ۋە كىتابلار بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق»- نەھل 16/43-44.
يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى ئايەتتە «زىكىر» كەلىمىسى ئۆتىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا نازىل قىلىنغان زىكىر (قۇرئان كەرىم) ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدۇ(4). يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە بۇنىڭغا دىققەت جەلپ قىلىنماقتىدۇر. نەتىجىدە ئەھلى كىتاب قوللىرىدىكى كىتاب بىلەن قۇرئان كەرىمنى سېلىشتۇرغاندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇلاردىن قۇرئانغا ئىشىنىپ بويسۇنغانلارنىڭ ۋە ئىنكار قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ(5). بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ قۇرئان بىلەن بايان قىلىشىنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنى قۇرئاندا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى دېگەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بايان قىلىشى زىكىر (قۇرئان) بىلەن بولىدىغانلىقى ئايەتتە بىلدۈرۈلمەكتە. تۆۋەندىكى ئايەتلەر مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:    
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلاَّ رِجَالاً نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُواْ أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لاَ تَعْلَمُون  وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَّا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ  ثُمَّ صَدَقْنَاهُمُ الْوَعْدَ فَأَنجَيْنَاهُمْ وَمَن نَّشَاء وَأَهْلَكْنَا الْمُسْرِفِينَ لَقَدْ أَنزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
«بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەر كىشىلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار. ئۇ پەيغەمبەرلەرنى يېمەك-ئىچمەككە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان بەدەن قىلغىنىمىز يوق. ئۇلار ئۆلمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئەمەس ئىدى. بىز ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇردۇق: ئۇلارنى ۋە خالىغىنىمىزنى قۇتقۇزۇپ، ھەددىدىن ئاشقانلارنى ھالاك قىلدۇق. بىز سىلەرگە بىر كىتاب نازىل قىلدۇق. ئۇ كىتابتا سىلەرنىڭ زىكرىڭلار بار[1]. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»- ئەنبىيا 21/7-10.
بۇ ئايەتلەرنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە ئەھلى كىتابنىڭ، قوللىرىدىكى كىتاب بىلەن قۇرئاننى سېلىشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:
أَمِ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ هَذَا ذِكْرُ مَن مَّعِيَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِي بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ فَهُم مُّعْرِضُونَ  وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ
«ياكى ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر›. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر. بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر پەيغەمبەرگە: ‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، شۇڭا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار›، دەپ ۋەھىي قىلدۇق»- ئەنبىيا 21/24-25.
سېلىشتۇرۇش رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غىمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
فَاِنْ كُنْتَ ف۪ي شَكٍّ مِمَّاۤ اَنْزَلْنَاۤ اِلَيْكَ فَسْـَٔلِ الَّذ۪ينَ يَقْرَؤُۧنَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ لَقَدْ جَاۤءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَر۪ينَ
«ئەگەر سەن، بىز ساڭا نازىل قىلغان نەرسىدىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باق. شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولما»- يۇنۇس 10/94.
قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ئەرەبچە قىلىپ نازىل قىلىنغان شەكلىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَمِنْ قَبْلِه۪ كِتَابُ مُوسٰىۤ اِمَامًا وَرَحْمَةً وَهٰذَا كِتَابٌ مُصَدِّقٌ لِسَانًا عَرَبِيًّا لِيُنْذِرَ الَّذ۪ينَ ظَلَمُوا وَبُشْرٰى لِلْمُحْسِن۪ينَ
«بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى رەھبەر ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئۇنى تەستىقلىغۇچى ئەرەبچە كىتابتۇر، زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغۇچىدۇر»- ئەھقاف 46/12.
ئەرەبچە قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاندىكى ھەقىقەتلەر ئىلگىرىكى كىتابلاردىمۇ بار. ئەھلى كىتاب بۇنى بىلەتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
وَلَقَدْ وَصَّلْنَا لَهُمُ الْقَوْلَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ  اَلَّذ۪ينَ اٰتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِه۪ هُمْ بِه۪ يُؤْمِنُونَ  وَاِذَا يُتْلٰى عَلَيْهِمْ قَالُوۤا اٰمَنَّا بِه۪ۤ اِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّنَاۤ اِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلِه۪ مُسْلِم۪ينَ
«بىز ئۇلارغا سۆزىمىزنى ئارقا-ئارقىدىن نازىل قىلدۇق. بىز ئۇلارنى چۈشەنسۇن، دەپ شۇنداق قىلدۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب بەرگەنلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇرئان ئوقۇلغاندا مۇنداق دەيدۇ: بىز بۇنىڭغا ئىشەندۇق. بۇ چوقۇم رەببىمىزدىن كەلگەن ھەقتۇر. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىدۇق.»- قەسەس 28/51- 53.
وَإِنَّهُ لَتَنزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ  نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ  عَلَى قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنذِرِينَ  بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُّبِينٍ  وَإِنَّهُ لَفِي زُبُرِ الْأَوَّلِينَ  أَوَلَمْ يَكُن لَّهُمْ آيَةً أَن يَعْلَمَهُ عُلَمَاء بَنِي إِسْرَائِيلَ  وَلَوْ نَزَّلْنَاهُ عَلَى بَعْضِ الْأَعْجَمِينَ  فَقَرَأَهُ عَلَيْهِم مَّا كَانُوا بِهِ مُؤْمِنِينَ
«شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. ئۇنى ئىشەنچلىك رۇھ سېنىڭ قەلبىڭگە ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوچۇق ئەرەبچە تىلدا نازىل قىلدى. ئۇ چوقۇم بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدىدۇر. بەنى ئىسرائىل ئالىملىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟ ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەجەملەرنىڭ بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، قۇرئاننى ئۇلارغا ئۇ ئوقۇغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى»- شۇئەرا 26/192-199.
وَيَقُولُ الَّذ۪ينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا قُلْ كَفٰى بِاللّٰهِ شَه۪يدًا بَيْن۪ي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِنْدَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
«كاپىرلار: ‹سەن پەيغەمبەر ئەمەس› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ ۋە يېنىدا كىتابنىڭ ئىلمى بولغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر.»- رەئد 13/43.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئەھلى كىتاب كىتابتىن يوشۇرغان ھەقىقەتلەرنى ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى قۇرئان بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ باشقا پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگىدۇر (6). مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
يَاۤ اَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاۤءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَث۪يرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُوا عَنْ كَث۪يرٍ قَدْ جَاۤءَكُمْ مِنَ اللّٰهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُب۪ينٌ
«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھدىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى»- مائىدە 5/15.
تَاللّهِ لَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَى أُمَمٍ مِّن قَبْلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ الْيَوْمَ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ  وَمَا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ إِلاَّ لِتُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي اخْتَلَفُواْ فِيهِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۈممەتلەر شەيتاننىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ ئۆز قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇ شەيتان ماۋۇلارنىڭ[2] دوستىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاب بار. بىزنىڭ ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلىشىمىز، ئۇلارغا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈندۇر ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئىمان ئېيتىدىغان بىر قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈندۇر، خالاس»- نەھل 16/63-64.
بۇ ئايەتتە ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)قا كىتاب نازىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. يەنى رەسۇلۇللاھ |(ئە.س) باياننى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتاب بىلەن قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بايان قىلىش بىر نەرسىنى بىلدۈرۈش، ئوتتۇرىغا قويۇش دېگەن مەنىدىدۇر. مەسىلەن: ئىختىلاپ قىلىشقانلارغا ئاخىرەتتە قىلىنىدىغان بايان ئۈچۈن قۇرئاندا تەبىيىن (7)، ھۆكۈم چىقىرىش (8)، خەۋەر بېرىش (9)، قەدا (10)، تەفسىل (11) قاتارلىق سۆزلەر بىر-بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ بايان قىلىنىشىنىڭ كىتاب بىلەن بولغانلىقىغا دائىر مۇنۇ ئايەتلەر دىققەت جەلپ قىلغۇچىدۇر:
إِنَّ هَذَا الْقُرْآنَ يَقُصُّ عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ أَكْثَرَ الَّذِي هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
«بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا، ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ تولىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ»- نەمل 27/76.
ئىسرائىل ئەۋلادى ئىختىلاپ قىلىشقان نۇرغۇن نەرسىنى كىتاب (قۇرئان)نىڭ بايان قىلغانلىقىغا قارىغاندا رەسۇلۇللاھ (ئە.س) باياننى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان بۇ كىتاب ئارقىلىق قىلغان.
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُواْ فِيهِ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلاَّ الَّذِينَ أُوتُوهُ مِن بَعْدِ مَا جَاءتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ فَهَدَى اللّهُ الَّذِينَ آمَنُواْ لِمَا اخْتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ وَاللّهُ يَهْدِي مَن يَشَاء إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
«ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى. لېكىن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئوچۇق دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن بۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»- بەقەرە 2/213.
بۇ ئايەت ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ كىتاب نازىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنداقتا بايان قىلىش كىتاب بىلەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇ كىتاب ئارقىلىق بولىدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇنى تەكىتلەيدۇ:  
وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِن شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبِّي عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
«ئۇلارغا: ‹سىلەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، بىلىڭلاركى ئۇ نەرسە توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن ئۇنىڭغىلا تاياندىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن› دېگىن»-شۇرا 42/10.
ئەسلىدە ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر كىتابتكى ھەقىقەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ذَلِكَ بِأَنَّ اللّهَ نَزَّلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُواْ فِي الْكِتَابِ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
«شۇنداق، چۈنكى ئاللاھ كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان. ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ»- بەقەرە 2/176.
وَلاَ تَكُونُواْ كَالَّذِينَ تَفَرَّقُواْ وَاخْتَلَفُواْ مِن بَعْدِ مَا جَاءهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَأُوْلَـئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
«سىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنگەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلارغا چوڭ بىر ئازاب بار»- ئال ئىمران 3/105.
ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە توغرۇلۇق ئاخىرەتتە ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ نەرسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش مەسىلىسىگە ئوخشاش بۇ دۇنيادا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. بۇ كىتاب بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىش ھەقىقىتى كىتابتا ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ بەزىلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقىقەتنى ئاخىرەتتە تونۇپ يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَأَقْسَمُواْ بِاللّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لاَ يَبْعَثُ اللّهُ مَن يَمُوتُ بَلَى وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا وَلـكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لاَ يَعْلَمُونَ لِيُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي يَخْتَلِفُونَ فِيهِ وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ كَفَرُواْ أَنَّهُمْ كَانُواْ كَاذِبِينَ
«ئۇلار ئاللاھ بىلەن ئەڭ كۈچلۈك قەسىمىنى قىلىپ تۇرۇپ: ‹ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ› دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بولۇپ، چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بايان قىلىشى ۋە كاپىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر»- نەھل 16/38-39.
تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئۆتكەن تەبيىن (بايان قىلىش) لەر يوشۇرۇنغانلارنى ئاشكارىلىماق دېگەن مەنىدىدۇر:
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَى مِن بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ أُولَـئِكَ يَلعَنُهُمُ اللّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ إِلاَّ الَّذِينَ تَابُواْ وَأَصْلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَـئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ.  إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللّهِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ  خَالِدِينَ فِيهَا لاَ يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلاَ هُمْ يُنظَرُونَ  وَإِلَـهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الرَّحْمَنُ الرَّحِيمُ
«بىز نازىل قىلغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى، بىز ئۇلارنى كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، ئۇلارغا لەنەت قىلغۇچىلارمۇ لەنەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن. كاپىر بولغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.»- بەقەرە 2/159-163.
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِّمَّا كُنتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ قَدْ جَاءكُم مِّنَ اللّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُّبِينٌ
«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھدىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى»- مائىدە 5/15.
بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان شەكىلدە تەبيىن (بايان قىلىش) يەنى كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئەينەن تەبلىغ قىلىش ھەر كىشىنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشتۇر. مۇنۇ ئايەت بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر:
وَإِذَ أَخَذَ اللّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلاَ تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاء ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْاْ بِهِ ثَمَناً قَلِيلاً فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
«ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: ‹كىتابنى ئىنسانلارغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار›، دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئۇ كىتابنى ئاز بىر پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم-سېتىمى نېمىدېگەن يامان!»- ئال ئىمران 3/187.
 كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەر ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان (يوشۇرۇلغان) تەقدىردە، ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتى ياغىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ (12). بۇ يوشۇرۇش ئىشىنى بەزى ئايەتلەرنى كىتابلاردىن ئۆچۈرۈش شەكلىدە ئەمەس، ئايەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ كىتابلارنىڭ مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىش دەپ چۈشىنىش كېرەك (13).
ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىنىشى ئۈچۈن رەسۇللەرنىڭ ئۆز قەۋملىرىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللّهُ مَن يَشَاء وَيَهْدِي مَن يَشَاء وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
«بىز ھەر رەسۇلنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق، بۇنى ئۇ رەسۇلنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ. خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ئىبراھىم 14/4.
تەبلىغنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز قەۋملىرىنىڭ تىلى بىلەن تەبلىغ قىلىدىغان قىلىپ ئەۋەتىلىشى تەبىئىي بىر ئىشتۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِ قَوْمًا لُّدًّا
«ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. بۇ ئۇنىڭ بىلەن تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر»- مەريەم 19/97.
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
«بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. ئەقىللىرىنى ئىشلەتكەيلەر!»- دۇخان 44/58.
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَى فَتْرَةٍ مِّنَ الرُّسُلِ أَن تَقُولُواْ مَا جَاءنَا مِن بَشِيرٍ وَلاَ نَذِيرٍ فَقَدْ جَاءكُم بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: ‹بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى› دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- مائىدە 5/19.
بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولغان رەسۇللەرنىڭ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. رەسۇللەر خۇش خەۋەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى كىتابتىن قىلغانلىقىغا قارىغاندا ئايەتتە زىكىر قىلىنغان بايانلارنىڭ ۋەھىينىڭ تەبلىغىدىن باشقا بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇنۇ ئايەت بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىنسا رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن ۋە بايان قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلگەن بولىدۇ.
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِّمَّا كُنتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ قَدْ جَاءكُم مِّنَ اللّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُّبِينٌ
«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھدىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى»- مائىدە 5/15.
قۇرئاندا تەفسىل كەلىمىسى بىلەنمۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بايان قىلىنغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن قۇرئاننىڭ مۇفەسسەل (تەپسىلىي بايان قىلىنغان) بىر كىتاب ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتىدۇر (14).
نۇرغۇنلىغان ئايەتتە قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بايان قىلىنغان بىر كىتاب ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسا، ھېچكىمنىڭ ئۇنى بايان قىلىش ۋەزىپىسى ۋە ھوقۇقى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئاللاھ قىلغان بايانلارنى تېپىشقا تىرىشماقتۇر. بۇ ھەم ئاللاھ كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە ئىش قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.
دوكتور فاتىھ ئورۇم
ئىزاھ ۋە مەنبەلەر:
1- ب-ي-ن ئوچۇق بولماق، ئېنىق بولماق، ئايان بولماق، چۈشىنىشلىك بولماق، روشەنلەشتۈرمەك ۋە ئېنىق قىلماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. مەسدىرى «بايان» ۋە «تىبيان»دۇر. ئاشكارىلىماق دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان تەفئىل بابىنىڭ مەسدىرى «تەبيىن»دۇر. ئەلمۇئجەمۇل ئەرەبىييۇل ئەساسىي، ھەيئەت، ب-ي-ن ماددىسى. ئەلمالىلى ھەمدى يازىر تەپسىر ۋە بايان ئارىسىدىكى پەرقنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇسۇلى فىقىھ ئىلمىدە تەپسىر مەخپىينى ئاشكارىلىماق دەپ ئىزاھلىنىدۇ ۋە باياننىڭ تۈرلىرىدىن بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇنداق: مەقسەتنى ئىزاھلىماق دەپ چۈشەندۈرۈلىدىغان بايان دەسلەپتە ئىككى قىسىمدۇر؛ بىرى ئىبتىدائەن بايان، يەنە بىرى بىنائەن باياندۇر. بىر مەنە تۇنجى قېتىم ئېيتىلغاندا ئىبتىدائەن بايان بولىدۇ، بىر تۈرلۈك ئىپادە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن قىلىنغان بايان بولسا بىنائەن بايان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بولسا باياننى تەقرىر، بايانى تەپسىر، بايانى تەغيىر، بايانى تەبدىل، بايانى زۆرۈرەت دەپ بەش قىسىمدۇر. تەپسىر بۇ بەش قىسىمنىڭ ئىككىنچىسىدۇركى، «ئىزاھۇ ما فىيھى خەفائۇن» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. نەزىمدە خەفانىڭ قىسىملىرى تۆتتۇر: خەفىي، مۇشكىل، مۈجمەل، مۇتەشابىھ. بۇ تۆتتىن خەفىي، مۇشكىل ۋە مۈجمەل قىسىملىرى تەپسىر قىلىنىدۇ. مەقسەت قىلىنغان مەنە تەفىسىر قىلىنمىغان مۈجمەل مۇتەشابىھ ھالىتىدە قالىدۇ. خەفىي ۋە مۇشكىل بولغانلار تەلەپ، مۇلاھىزە ۋە ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق تەپسىر قىلىنسىمۇ مۇجمەلنىڭ تەفسىرى پەقەت ئىگىسىنىڭ بايانىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندا خەفىي ۋە مۇشكىل قاتارىدىن بولغانلارنى ئەھلى دىرايەت ۋە ئەھلى ئىجتىھات بولغان ئۆلىمالار تەلەپ، مۇلاھىزە ۋە ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق بايان ۋە ئىزاھ قىلالايدۇ، بۇ خىل ئايەتلەر مۇتلەق تەپسىر قىلىنسىمۇ مۇجمەلنىڭ تەفسىرى مۇجمەلنىڭ بايانىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بايانى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئەسلىدە تەپسىر مانا بۇدۇر يەنى تەۋقىفىيدۇر (رىۋايەتكە باغلىقتۇر)… ئەلمالىلى ھەمدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان تىلى يېڭى تەرجىمىلىك تۈركچە تەپسىر ، مەتبەئەئىي ئەبۇززىيا، ئىستانبۇل، 1935، 1، 26-27.
2- ھىجر 15/؛ شۇئەرا 26/2؛ قەسەس 28/2؛ ياسىن 36/69؛ زۇخرۇف 43/2؛ دۇخان 44/2.
3- بەقەرە 2/118؛ ئال ئىمران 3/118؛ ھەدىد 57/17.
4- بەقەرە 2/41، 89، 91، 97، 101؛ ئال ئىمران 3/3، 81؛ ئەنئام 6/92؛ يۇنۇس 10/37؛ يۇسۇف 12/111؛ ئەھقاف 46/12.
5- بەقەرە 2/89؛ مائىدە 5/82؛ قەسەس 28/51.
6- زۇخرۇف 43/63.
7- نەھل 16/92.
8- بەقەرە 2/ 113؛ ئال ئىمران 3/55؛ نەھل 16/124؛ ھەج 22/69؛ زۇمەر 39/46.
9- مائىدە 5/48؛ ئەنئام 6/164.
10- يۇنۇس 10/93؛ جاسىيە 45/17.
11- سەجدە 32/25.
12- ئال ئىمران 3/187.
13- بەقەرە 2/75؛ ئال ئىمران 3/7؛ نىسا 4/46؛ مائىدە 5/13، 14.
14- ئەنئام 6/55، 97، 98، 114، 126؛ ئەئراف 7/32، 52، 174؛ تەۋبە 9/11؛ يۇنۇس 10/5، 24، 37؛ ھۇد 11/1؛ يۇسۇف 12/111؛ رەئد 13/2؛ رۇم 30/28؛ فۇسسىلەت 41/3.

[1]– 7- ئايەت بىلەن بۇ ئايەتتە «زىكىر» دېگەن سۆز ئۆتىدۇ. «زىكىر» دېگەن سۆزنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مەنىسى ئىلاھى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىملەر، بۇ ئىلىملەرنى ئېسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ساقلاش، ۋاقتى كەلگەندە شۇ ئىلىملەرنى ئىشلىتىش، ھەر سۆز ۋە ھەر ھەرىكىتىنى شۇ ئىلىملەرگە قارىتا سادىر قىلىش، دېگەنلەردىن ئىبارەت.

[2]– مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر