مۇسۇلمانلار

ئىككى ھېيت نامىزى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُهُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَالْفُرْقَانِ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْأَيَّامٍأُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌأُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِإِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ»
«ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[1]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىسا باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[2]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ» بەقەرە 2/185-186.
«وَالْبُدْنَ جَعَلْنَاهَا لَكُمْ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ فَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا صَوَافَّ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذَلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ. لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مھِنْكُمْ كَذَلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَبَشِّرِ الْمُحْسِنِينَ»
«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھاياۋنلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا ھازىر ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ، دەپ بۇغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈكۈر ئېيتقايسىلەر.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ يەتمەيدۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. ئاللاھغا سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- ھەج 22/37.
بىرىنچى ئايەتتىكى يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185-ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىپادە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا، ئىككىنچى ئايەتتىكى يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 186- ئايىتىدىكى «ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن» دېگەن ئىپادىلەر روزا ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتىكى يەنى ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىپادە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دېگەن ئىپادە بولسا قۇربان ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەتلەردىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىش» ۋەزىپىسى كۆپچىلىككە، «كۆپچىلىككە ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشلىرىنىڭ ۋە ئاللاھقا ئىشىنىشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش» بىر كىشىگە يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تاپشۇرۇلغان.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185- ئايىتى روزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتى قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھەر بىرىدە نامازغا كېتىۋېتىپ، نامازنىڭ ئىچىدە ۋە نامازدىن قايتىشتا تەكبىر ئوقۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنى تەكبىر ئوقۇشقا بۇيرۇشى، ھەر ئىككى ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇشى، ئۇنىڭ مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھەتتا ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنىمۇ بۇ ناماز ئوقۇلغان يەرگە ھازىر بولۇپ نامازنى ئوقۇماي تەكبىرگە قېتىلىشىنى بۇيرۇشى بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىمدۇر[3]. چۈنكى ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇ تەكبىرلەرگە قېتىلىشى ۋە خۇتبىنى ئاڭلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر.
تۆۋەندە ھېيت نامىزى ۋە ھېيت نامىزىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز:
روزا ھېيت كۈنى ئەتە شەۋۋال ئېيىغا بىر دېگەن كۈنىنىڭ ئاخشىمى يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنىنىڭ ئاخشىمى يېڭى ئاينىكۆرۈش بىلەن، ئەگەر ئاي كۆرۈنمىسە رامىزان ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ تاماملاشبىلەن بەلگىلىنىدۇ.
بۇنىڭغائاساسەن رامىزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينى كۆرسەك، ئەتىسى روزاتۇتۇشىمىز توغرا ئەمەس. ئەگەر رامىزاننىڭ 29 – كۈنى كەچتە يېڭى ئاينىكۆرمىسەك، ئەتىسى بىر كۈن روزا تۇتۇپ رامىزاننى 30 كۈن قىلىپ تاماملايمىز ۋەبۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندە روزا تۇتمايمىز. چۈنكى ئۇ كۈن روزا ھېيت كۈنىدۇر. ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ. بۇئىش، بىرەر سەۋەب بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇش كېچىككەن بولسىمۇ مۇشۇنداقبولىدۇ. يەنى بىز رامىزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى ئاخشامدا ئاي كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسى ياكى رامىزاننى 30 كۈن قىلىپتاماملىغان كۈننىڭ ئەتىسى ھېيت نامىزى ئوقۇلمىسىمۇ روزا تۇتمايمىز. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ رامىزان ھەققىدە سۆز قىلىۋېتىپ مۇنداق دېگەن: «ھىلالنى كۆرمىگىچە روزا تۇتماڭلار، ھىلالنى كۆرمىگىچە ئېغىز ئاچماڭلار (ھېيت قىلماڭلار)»[4].
 ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئائىلىمىزنىڭ ھەر ئەزاسى ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بېرىشىمىز كېرەك. مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىرمىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يېمەك -ئىچمىكىگە يەتكۈدەك بىر نەرسىدۇر.
سەدىقەفىتىرنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىۋېتىش كېرەك. ھېيتتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسەكمۇبولىدۇ. بۇنى بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر نىسابقا يېتىششەرت ئەمەس، ھەتتا بۇنى بىر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرمۇ بېرىشىكېرەك. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ فىتىر زاكىتىنى روزا تۇتقۇچىنى ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بىھۇدە سۆز ۋە ناشايان گەپلەردىن پاكلىسۇن، مىسكىنلەرگە تاماق بولسۇن دەپ پەرز قىلدى. كىم ئۇنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئادا قىلسا ئۇ مەقبۇل بىر زاكات بولىدۇ. كىم ئۇنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئادا قىلسا سەدىقىلەردىن بىر سەدىقە بولىدۇ[5].
بۇ ھەدىس سەدىقە فىتىرنىڭ ھېكمىتىنى ۋە ئادا قىلىش ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ فىتىر زاكىتىنى قۇل-ئازاد، ئەر-ئايال ھەر مۇسۇلمانغا خورمىدىن بىر سا[6] ياكى ئارپىدىن بىر سا پەرز قىلدى[7].
باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق بىر ئىپادە بار: «خەلق بىر سا خورمىغا يېرىم سا بۇغداينى تەڭ قىلدى. ئىبنى ئۆمەر سەدىقە فىترىسىنى خورما بېرىپ ئادا قىلاتتى. مەدىنە خەلقى خورمىغا موھتاج بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىلى ئىبنى ئۆمەر سەدىقە فىتىرىسىنى ئارپىدىن بەردى»[8].
بۇ ھەدىسلەر سەدىقە فىتىرنىڭ كىملەرگە پەرز قىلىنغانلىقىنى ۋە مىقدارىنى بايان قىلىدۇ.
روزا ھېيت نامىزىغا بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ چىقىش، مۇمكىن بولسا خورما يەپ چىقىش ياخشىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى نامازغا بىرقانچە خورما يېمەستىن چىقمايتتى. رەسۇلۇللاھ خورمىلارنى تاق يەيتتى»[9].
قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك ياخشىدۇر. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا بىر نەرسە يېمەستىن چىقمايتتى. قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇماستىن بىر نەرسە يېمەيتتى»[10].
ھېيت نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ يەنى بوي تاھارەت ئېلىپ، تازىلىق قىلىپ بېرىش ياخشىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت كۈنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنى غۇسۇل قىلاتتى»[11].
ھېيت نامىزىغا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە بېرىش ۋە يولدا كېتىۋېتىپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر،ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد» دېگەن تەكبىر ئوقۇش ياخشىدۇر.
زۇھرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت نامىزىغا چىقسا نامازگاھقا كېلىپ نامازنى ئادا قىلغانغا قەدەر تەكبىر ئېيتاتتى، نامازنى ئادا قىلغان چېغىدا تەكبىر ئېيتىشنى توختىتاتتى»[12].
نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئىككى ھېيتتا فەزل ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا، ئابباس، ئەلى، جەئفەر ھەسەن، ھۇسەين ئۇسامە ئىبنى زەيد، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەيمەن (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) لار بىلەن بىرلىكتە چىقاتتى ۋە نامازگاھقا كەلگەنگە قەدەر يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتاتتى[13].
ئىككى ھېيتنامىزى ئوقۇش پەرزدۇر، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185- ئايىتىدىكى ۋە ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتىدىكى «ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئەمرىنىڭ بىرىنى رامىزان روزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى، يەنە بىرىنى قۇربانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ چۈشۈرىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى رامىزان روزىسى تۇتۇشقا ۋە قۇربانلىق قىلىشقا ئەمىر قىلىش بىلەن بىرگە تەكبىر ئېيتىشقىمۇ بۇيرۇغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھەر ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇشقا چاقىرغانلىقى، ھەتتا ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنىمۇ بۇ ناماز ئوقۇلغان يەرگە ھازىر بولۇپ نامازنى ئوقۇماي تەكبىرگە قېتىلىشىنى بۇيرۇشى، شۇنداقلا ھېيت نامازلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشى ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بولماي پەيغەمبىرىمىز ئۆزى ئىجتىھات قىلىپ ئوقۇغان ناماز بولسا ئىدى، بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلمىگەن ۋە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ھەر بىرىدە نامازغا كېتىۋېتىپ يولدا بىرقانچە يەردە تەكبىر ئېيتىشى ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا بۇيرۇشى، ھەر ھېيت نامىزىنى باشقا نامازدىن پەرقلىق ھالدا، نامازنىڭ ئىچىدە بىرقانچە قېتىم تەكبىر كەلتۈرۈپ ئوقۇشى، نامازدىن قايتىشتا يەنە يولدا بىر قانچە يەردە تەكبىر ئوقۇشى ۋە باشقىلارنى بۇنىڭغا بۇيرۇشى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تەكبىر ئېيتقايسىلەر!» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ ھېيت نامازلىرى جۈمە نامىزىغا ئوخشاش جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا زۆرۈرەتتىن ھېيت نامىزىئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ھېيت نامىزى ئوقۇمايدۇ ۋەقازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇشياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانيەرگە ھازىر بولالماسلىقىنى چاغلىغانلارنىڭ ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋەخىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقاشەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر.
1- ھېيت نامىزى ئىككى رەكەتتۇر ۋە ئالدى- كەينىدە سۈننەت (نەپلە) ناماز ئوقۇلمايدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ھېيت كۈنى چىقىپ ئىككى رەكەت ھېيت نامىزى ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكەت نامازدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى»[14].
2- ھېيت نامازلىرىنىڭ ئىچىدە تەكبىرلەر ئوقۇلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىدا بىرىنچى رەكەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكەتتە بەش تەكبىر ئېيتاتتى. بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدە رۇكۇنىڭ ئىككى تەكبىرى يوق ئىدى»[15].
كەسىر ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى[16]، «رەسۇلۇللاھ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە قىرائەتتىن ئىلگىرى يەتتە تەكبىر، ئىككى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى بەش تەكبىر ئېيتاتتى»[17].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت نامىزى تەكبىرلىرى توغرىسىدا سوئال سورىغان بىر كىشىگە: «ئالدى بىلەن تۆت تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن قىرائەت قىلىدۇ، ئاندىن تەكبىر كەلتۈرۈپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇپ قىرائەت قىلىدۇ، ئاندىن قىرائەتتىن كېيىن تۆت تەكبىر ئېيتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن[18].
ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى يۇقىرىدىكى ھەدىسىلەرنىڭ بىرىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئېيتىشقا بولىدۇ[19].
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۆۋەندە ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى، ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن كېيىن دەپ زىكىر قىلىمىز. چۈنكى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنىدەك، ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنى بۇ شەكىلدە ئوقۇشنىڭمۇ ھەدىستىن دەلىلى بار. دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا ۋە بىزنىڭ دىيارىمىزدا ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرى بۇ شەكىلدە ئېيتىلىدۇ. پەرقلىق رىۋايەتلەردىكى تەكبىر شەكىللىرىنى «تەبلىغ» قىلىپ «كونا مەھەللىگە يېڭى ئادەت» كەلتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.
3- ھېيت نامازلىرىغا ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئىككى ھېيت نامىزىنى بىر قېتىمدىن كۆپ ئەزانسىز ۋە تەكبىرسىز ئوقۇدۇم»[20].
4- ھېيت نامازلىرى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىككى ھېيت نامىزىنى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇيتتى»[21].
ھېيت نامىزىنىڭ قالغان يەرلىرى ئادەتتىكى نامازدىكىگە ئوخشاشتۇر. مەسىلەن:
ئا- ئىمام ۋە جامائەت ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە ھېيت نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.
ئە- ئالدى بىلەن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغاباشلايدۇ)، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغاشۇرۇ قىلىدۇ.
ب- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋە تەئالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكە) نى ئوقۇيدۇ.
پ- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىرئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە«ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
ت- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرسۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر[22]) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ج- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە«ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە«ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ.ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر-تەسبىھلەرباشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.
چ- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە«ئاللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.
خ- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ…» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھەۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ،جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
د- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىنكېيىن ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ،جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
ر- ئاندىن ئىمام قايتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ،جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.
ز- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنىئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ… دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداقئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
ژ- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
يىغىپئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغائوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگەدىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە دىققەت بىلەن ئوقۇشىمىز كېرەك.
ئا- ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ياخشىدۇر. مەسىلەن: جامەدىن چىقىپ ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلغان نامازگاھدىن ئايرىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىشىمىز ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھېيت كۈنى بىرى-بىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا ئۆزئارا «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن» دېيىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[23].
ئە- ھېيت نامىزىدىن قايتىشتا، مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا بارغان يولىمىزدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشىمىز ياخشىدۇر ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن باراتتى، قايتىشتا باشقا يولدىن قايتاتتى»[24].
 

[1] – يەنى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا،

[2] – يەنى، كېسەل ياكى سەپەر سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىغايسلەر.

[3] – ئەممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىزنى ھېيت نامىزىغا ياش قىزلارنى، چېدىرلىرىدىن چىقمايدىغان مەستۇرە قىزلارنى ۋە ئادەت كۆرۈۋاتقان خانىم/قىزلارنى ئېلىپ چىقىشقا ئەمىر قىلدى. ئادەت كۆرۈۋاتقان قىز/خانىملار مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قېتىلاتتى، ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ تېشىدا بىر چەتتە تۇراتتى.- بۇخارى، ئىيدەين 15، 20، ھەيز 23، سالات 2، ھەج 81؛ مۇسلىم، ئىيدەين 10 (890)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 247 (1136-1139)؛ تىرمىزى، سالات 388 (539، 540؛ نەسەئى، ئىيدەين 3، 4، (3/180-181). مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزلىرىنىڭ ئىچىدە: «ھەيزدار ئاياللار ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ تەكبىر ئېيتاتتى» دېگەن ئىپادىمۇ بار.- مۇسلىم، ئىيدەين 11 (890).

[4]بۇخارى، سەۋم 11، 5، 13، تالاق 25؛ مۇسلىم، سىيام 9 (1080)؛ مۇۋەتتا، سىيام 1 (1/286)؛ ئەبۇ داۋۇد، سەۋم 4 (2320)؛ نەسەئى، سەۋم 10، 11، (4/134). بۇخارىنىڭ بىر رىۋايىتىدە «بۇلۇت كۆرۈشۈڭلارغا توسالغۇ بولسا ساننى ئوتتۇز قىلىپ تاماملاڭلار» دېيىلىدۇ، مۇسلىم ۋە نەسەئىنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان رىۋايىتىدە «ھاۋا بۇلۇتلۇق بولسا ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇڭلار» دېيىلىدۇ. بۇ ھەقتە بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻱ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﮬﺎﯞﺍ ﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﺎﻟﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻛﯜﻥ ﻗﯩﻠﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﯕﻼﺭ»، «ﺭﺍﻣﺰﺍﻥ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺭﻭﺯﺍﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻱﺑﯘﻟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ھىلالنى ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﻰ 30 ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر».

[5]ئەبۇ داۋۇد، زاكات 18.

[6] – پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىكى بىر سا كۈنىمىزدىكى ئۆلچەم بىلەن ئېيتقاندا ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن بىر مىقداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى سەدىقە فىتىرنى بىر كىشى ئۈچۈن ئۈچ كىلوگىرام بۇغداي ياكى ئۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئادا قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ.

[7] – بۇخارى، زاكات 77.

[8] – بۇخارى، زاكات 77.

[9] – بۇخارى، ئىيدەين 4؛ تىرمىزى، سالات 390 (543).

[10] – تىرمىزى، سالات 390 (542).

[11] – ئىبنى ماجە، ئىقامەتۇسسالات 169 (1315).

[12]ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبى شەيبە، مۇسەننەف، سالاتۇل ئىيدەين 5 ()5621 .

[13]بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا سالاتۇل ئىيدەين 2 (6130)؛ بۇ ھەدىس بەيھەقىنىڭ ئەسسۇنەنۇلسسۇغرا، شۇئەبۇلئىمان ۋە فەزائىلۇل ئەۋقات ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۆتىدۇ.

[14] – بۇخارى، ئىيدەين 8، 16، 18، 26، 32، ئەزان 161، زاكات 21، 33، تەپسىر مۇمتەھىنە 1، نىكاھ 124، لىباس 56، 57، 59، ئىئتىسام 16؛ مۇسلىم، ئىيدەين 13 (884)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 256 (1159)؛ تىرمىزى، سالات 387 (537)؛ نەسەئى، ئىيدەين 29، (3/193).

[15] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 252 (1149، 1150). بۇ تەكبىرلەرنىڭ سانى توغرىسىدا فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا بەزى چۈشەنچە پەرقى بار. ئىمامى نەۋەۋىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ پەرق مۇنداق:
1- ئىمام شافىئىينىڭ كۆزقارىشىچە بىرىنچى رەكەتتە ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن باشقا يەتتە تەكبىر بار. ئىككىنچى رەكەتتە قىيام تەكبىرىدىن باشقا بەش تەكبىر بار.
2- ئىمامى مالىك، ئەھمەد ۋە ئەبۇ سەۋرلەرنىڭ كۆزقارىشىچە سان ئوخشاشتۇر، لېكىن بىرىنچى رەكەتتىكى يەتتە تەكبىرنىڭ بىرى ئىفىتىتاھ تەكبىرىدۇرر.
3- ئەبۇ ھەنىفە ۋە سەۋرىنىڭ كۆزقارىشىچە بىرىنچى رەكەتتە بەش، ئىككىنچى رەكەتتە تۆت تەكبىر بار. ئىفىتىتاھ ۋە قىيام تەكبىرلىرى بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئىچىدىدۇر. مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى پەرقلىق چۈشەنچىلىرى كېيىنكى ئىزاھلاردا زىكىر قىلىنىدۇ.

[16]كەسىرنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ، ئابدۇللانىڭ دادىسى ئەمر ئىبنى ئەۋفتۇر. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسى ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلمۇزەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

[17]تىرمىزى، سالات 386 (536). تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: بۇ بابتا ئائىشە، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرلەردىنمۇ ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ھەدىسى ھەسەن ھەدىس بولۇپ بۇ بابتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەڭ ياخشى ھەدىستۇر. كەسىرنىڭ چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلمۇزەنىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بولغان ۋە ئۇلاردىن بولمىغان ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۆزقارىشىدا ھېيت نامازلىرىنىڭ تەكبىرلىرىنى مۇشۇ ھەدىستىكى بويىچە ئېيتىش كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ مەدىنىدە ئىماملىق قىلغان زامانلاردا ھېيت نامازلىرىنى مۇشۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا مەدىنە ئەھلىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. مالىك، شافىئىي، ئەھمەد ۋە ئىسھاقلار مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلغان. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بىرىنچى رەكەتتە توققۇز تەكبىر بار. بۇلارنىڭ بەشى قىرائەتتىن ئىلگىرىدۇر. ئىككىنچى رەكەتتە ئالدى بىلەن قىرائەت قىلىنىدۇ. ئاندىن رۇكۇنىڭ تەكبىرى بىلەن قوشۇپ تۆت تەكبىر ئېيتىلىدۇ». بۇنىڭ ئوخشاش رىۋايەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرقانچە ساھابىسىدىنمۇ نەقىل قىلىنىدۇ. بۇ كۇفە ئەھلىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. سۇفيان سەۋرى مۇشۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

[18]ئابدۇرراززاق ئەسسەنئانى، مۇسەننەف سالاتۇلئىيدەين 5687.

[19]فىقىھ ئالىملىرىنىڭ ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ئىچىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك كۆزقارىشى بار:
1- بىرىنچى رەكەتتە تەكبىر تەھرىمىدىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن كېيىن رۇكۇدىن ئىلگىرى ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ ھەنەفىيىلەرنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتتۇر. قاراڭ: ئىبنى ئابىدىننىڭ ھاشىيىسى 2- جىلد، 172.
2- بىرىنچى رەكەتتە تەكبىر تەھرىمە بىلەن قوشۇپ يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى قىيام تەكبىرى بىلەن قوشۇپ ئالتە تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ مالىكىي ۋە ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىلەرنىڭمۇ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى ئائىشە ۋە ئەمر ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردۇر. قاراڭ: ئەلمۇدەۋۋەنە 1/169؛ ئەلكافى 1/264؛ ئەلمۇغنى 3/271؛ مەجمۇئۇلفەتاۋا 20/365؛ زادۇلمەئاد 1/444.
3- بىرىنچى رەكەتتە ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن كېيىن يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىككىنچى رەكەتتە قىيام تەكبىرىدىن كېيىن بەش تەكبىر ئېيتىدۇ. بۇ شافئىيلارنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى شۇدۇر: ئىبنى ئۆمەر ئەبۇ ھۇرەيرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) گە ئىقتىدا قىلىپ ھېيت نامىزى ئوقۇدى. ئەبۇ ھۇرەيرە بۇ ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى يەتتە تەكبىر، ئاخىرقى رەكەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى ئالتە تەكبىر ئېيتتى. قاراڭ: ئەلئۇم 1/395. بۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسى توغرىدۇر. قايسىنى قىلسا جايىزدۇر، يەنى ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى قايسى مەزھەپتىكى بويىچە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ھەدىستىن دەلىلى بار.

[20] – مۇسلىم، ئىيدەين 7 (887)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 250 (1148)؛ تىرمىزى، سالات 384 (532). ھېيت نامىزىغا جامائەت نامازگاھقا ئۆزلۈكىدىن يىغىلىدۇ. ئاندىن ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ ۋە ياكى بىر مەسئۇد كىشىنىڭ: «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ دېگەندەك» ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ، شۇنداقلا ناماز ئوقۇلىدۇ.

[21] – بۇخارى، ئىيدەين 7، 8؛ مۇسلىم، ئىيدەين 8 (888)؛ تىرمىزى، سالات 383 (531)؛ نەسەئى، ئىيدەين 9 (3/183).

[22] – چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېيت نامازلىرىدا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇغانلىقى ۋە سۈرە قاف بىلەن سۈرە قەمەرنىمۇ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى ھېيت نامازلىرىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇش ئەۋزەل، باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇش جايىز. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: مۇسلىم، ئىيدەين 14(891)، جۇمۇئە 62 (878)؛ مۇۋەتتا، ئىيدەين 8/ (1/180)، جۇمۇئە 19 (1/111)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات، 242 (1122، 1123)، 252 (1154)؛ تىرمىزى، سالات 385 (533، 534)؛ نەسەئى ، ئىدەين 12 (3/183-184)، 13 (3/184).

[23] – ئىبنى ھەجەر، فەتھۇلبارى 2/446؛ ئىبنى قۇدامە، ئەلمۇغنى 2/256؛ ئىبنى تەيمىييە، فەتاۋا 24/253.

[24] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 254 (1156).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر