مۇسۇلمانلار

قوشنىغا ياخشىلىق قىلىش

قوشنا ھەققى
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا»
ْ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، ئىبنى سەبىللەرگە ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- نىسا 44/36.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:
1- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، قوشنىلارنى بىر-بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ زەر! ئەگەر سەن شورپا قىلساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇنغىن».
يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: «ئەگەر شورپا قىلساڭ، سۈيىنى كۆپرەك قىل، قوشنلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قاراپ بېقىپ، ئۇلارغىمۇ شورپىدىن سۇنغىن»، دېگەن، دېيىلگەن.— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
3- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ»، دېگەن. «ئى رەسۇلۇللاھ! كىم كامىل مۇئمىن بولمايدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ: «قوشنىلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم»، دېگەن.— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
4- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! ھەقەمسايىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
5- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ قويۇۋېلىشىنى توسمىسۇن». ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنى بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەن ھالدا كۆرۈۋاتىمەنغۇ؟ ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممەڭلارغا يۈكلەيمەن (يەنى بۇ ئامانەت ئىلىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۆزۈمنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتقۇزىمەن)»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
6- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قولۇم-قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرسۇن»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
7- ئەبۇ شۇرەيھى خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
8- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەقىقەتەن مېنىڭ ئىككى ھەقەمسايەم بار. ئالدى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا سوۋغا بەرسەم بولار؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئىشىكى ساڭا يېقىنراق بولسا شۇنىڭغا بەرگىن»، دېدى.— بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
9- ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەمراھىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قوشنىسىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشى ھېسابلىنىدۇ»— تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر