بەش ۋاخ ناماز رىسالىسى2
باش بەت > ئىبادەت > ئىبادەتلەر > ئەھكام تارىخ: 18.08.2014 يازدۇرغىن

5- جامائەتنىڭ ئەھمىيىتى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۇقەددىمە

جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئاللاھنىڭ ئەمرى، رەسۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئىسلامنىڭ شۇئارىدۇر. بىر كىشىنىڭ نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ئۇنىڭ تەقۋادارلىقىنىڭ ئالامىتى، نەپسىنىڭ خاھىشىغا بويۇن ئەگمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

شۇنىڭدەك، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بەدەننىڭ راھىتىنى روھنىڭ غىزالىنىشىغا قۇربان قىلغانلىقنىڭ نامايەندىسى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىققا ۋەدە قىلىنغان ساۋابقا ئىشەنگەنلىكنىڭ ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.  

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ جامائەتكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، جامائەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇھىم، نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى كېرەك. تۆۋەندە جامائەتنىڭ ھۆكمى، ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى ھەققىدە توختىلىمىز.

1- جامائەتنىڭ ھۆكمى

ناماز مەنىسىدە كەلگەن ئەسسالات قۇرئان كەرىمدە كۆپىنچە «ئىقامە» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بىلەن بىرلىكتە «أَقِيمُوا الصَّلاةَ، يُقِيمُونَ الصَّلاةَ، الْمُقِيمِينَ الصَّلاةَ» دېگەندەك شەكىللەردە كېلىدۇ.

ئىقامە ئۆرە تۇرماق مەنىسىدىكى ئۆتۈمسىز مەسدەر بولغان «قىيام» دىن تۈرەتىلگەن ئۆتۈملۈك مەسدەر بولۇپ مەنىسى ئۆرە تۇرغۇزماق دېگەن بولىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزماق، نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا، شەرتلىرىگە ۋە شەكىللىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا، تەلەپكە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئەلەمگە ئاشىدۇ. بۇ نامازنى كامىل ۋە ئۈزلۈكسىز قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىكى ئەقىمىسسالاتە، ئەقىيمۇسسالاتە… دېگەن ئىپادىلەر «نامازنى كامىل ئۆتىگىن، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنىدۇ.

تۆۋەندە بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىككى ئايەت ئۈستىدە توختىلىمىز، ئاندىن مەزكۇر ئىككى ئايەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ھۆكمىنى ئۆگىنىشكە تىرىشىمىز:   

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

1- ﴿وَأَقِمِ الصَّلاَةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا كامىل ئۆتىگىن»- ھۇد 11/114.

بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» دۇر. تەرەفەيىنناھار «طَرَفَيِ النَّهَارِ» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىدە مۇزافۇن ئىلەيھ تەرەفەي «طَرَفَي» دۇر. تەرەفەي، تەرەف «طَرَف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلىدۇر.

تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[1]. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇزافۇن ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى) نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ[2]. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتتە ئۆتكەن «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» كۈندۈزگە تەۋە بولغان ۋاقىتلاردىن ئىككى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دۇر. زۇلەف «زُلَف»، زۇلفە «زُلْفَة» نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ.

ئايەتتىكى «نامازنى كامىل ئۆتىگىن» دېگەن بۇيرۇق، كۈندۈزگە تەۋە ئىككى ۋاقىتتا ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ بۆلۈمىدە يەنى بەش ۋاقىتتا نامازنى ئۈزلۈكسىز ئادا قىلىش بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تەئالانىڭ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238– ئايىتىدىكى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىمۇ پەقەت بۇ شەكىلدىلا ئورۇندىلىدۇ. چۈنكى ئۈزلۈكسىز ئۆرە تۇرغۇزۇلمىغان نەرسە مۇھاپىزەت قىلىنغان بولمايدۇ.

دېمەك، بۇ ئايەتتىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات بىلەن نامازشام ئەمەس، پېشىن بىلەن نامازدىگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ. «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر، ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر.

2- ﴿أَقِمِ الصَّلاَةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ﴾

«نامازنى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر كامىل ئۆتىگىن. بامدات نامىزىنىمۇ كامىل ئۆتىگىن…»- ئىسرا 17/78.

«كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ» دېگەن ئىپادە، ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپى» نىڭ باشلىنىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر» دېگەن ئىپادە بولسا، يەنە ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» نىڭ بىرىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى» دىن بىرى «بامدات» دەپ ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتتە ھەر مۇسۇلماننى بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ئىچىدە بەش ۋاقىتتا بەش قېتىم «نامازنى ئىقامە قىلىش»قا يەنى بەش ۋاقىتنىڭ ھەر بىرىدە بىر نامازنى پۈتۈن شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ۋە بارلىق ئەركانلىرىنى ئادا قىلغان ھالدا ئوقۇشقا ئەمر قىلغان.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 110- ئايىتى، نىسا سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 72- ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى، نۇر سۈرىسىنىڭ 56- ئايىتى، رۇم سۈرىسىنىڭ 31- ئايىتى، مۇجادەلە سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتى ۋە مۇززەممىل سۈرىسىنىڭ 20- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «نامازنى ئىقامە قىلىش»قا ئەمىر قىلغان.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ تەقۋادارلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكىنى، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ «ئاللاھ» دېيىلسە قەلبلىرى تىترەپ كېتىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان ۋە رەببى بولغان ئاللاھقىلا تايىنىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 71- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى، نەمل سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ قۇرئان ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى، لۇقمان سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدە «نامازنى ئىقامە قىلىش»نىڭ قۇرئان ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان مۇھسىنلارنىڭ بىر سۈپىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دېمەككى، ھەر كۈن بەش ۋاخ «نامازنى ئىقامە قىلىش»، يەنى بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل ئادا قىلىش ئاللاھ تەئالانىڭ ھەر مۇئمىنغا ئالاھىدە ۋە پۈتۈن مۇئمىنلارغا ئومۇمىي بىر شەكىلدە قىلغان ئەمرىدۇر. شۇنداقلا مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتى، مۇھسىنلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:

ئەنەس ئبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: «سەپلىرىڭلارنى تۈز قىلىڭلار. چۈنكى سەپلەرنى تۈز قىلىش «نامازنى ئىقامە قىلىش»تىن ھېسابلىنىدۇ»[3].

 جامائەتنىڭ نامازدا قاتار، رەتلىك ۋە تۈز تۇرۇشىنىڭ «نامازنى ئىقامە قىلىش»تىن ھېسابلىنىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى سەپنى تۈز قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ. دېمەككى، بەش ۋاخ نامىزىنى جامائەتكە قېتىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەپلەرنى تۈز قىلىشقا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرگەن ھالەتتە ئوقۇغان كىشى ئاللاھنىڭ «نامازنى ئىقامە قىل» دېگەن ئەمرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمىرلەردىن بىرىنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ.

2- جامائەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى

جامائەتنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بىرقانچىسىنى زىكىر قىلىش كۇپايە قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بىرقانچىنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابى يالغۇز ئوقۇلغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ»[4].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ياكى بازاردىكى ئوقۇغان نامىزىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق تۇرىدۇ. سەۋەبى، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئاندىن مەسچىتكە پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈنلا كەلسە، ئۇ ئادەم مەسچىتكە كەلگۈچە ئۇنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ۋە باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. ناماز ئوقۇپ بولۇپ تاھارىتى سۇنماستىن مەسچىتتە ئولتۇرسىلا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ: ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمىتىڭنى نازىل قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن›، دەيدۇ. ئۇ ئادەم مادامىكى، نامازنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن، ناماز ئىچىدە بولغاندەك بولىدۇ»[5].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر ئەما كىشى كېلىپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئادەم يوق»، دەپ رەسۇلۇللاھتىن نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، رەسۇلۇللاھ چاقىرىپ ئۇنىڭغا: «ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلامسەن؟»، دېدى. ئۇ كىشى: «ھەئە»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق بولسا نامازغا كەلگىن»، دېدى[6].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، مەدىنە دېگەن ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلار ۋە يىرتقۇچلار كۆپ جاي»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «نامازغا ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار، دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىساڭلا نامازغا كەلگىن»، دېدى[7].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئوتۇنغا بۇيرۇسام، ئوتۇن ئېلىپ كېلىنسە، ئاندىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇسام، ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى بۇيرۇسام ئىمام بولسا، ئاندىن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنى قالدۇرۇپ، نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭكىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىسام، دەيمەن»[8].

 

ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مەيلى ئاۋات جاي بولسۇن ياكى ئاھالىسى شالاڭ جاي بولسۇن، ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇلار جامائەت بولماي ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت بولۇشنى لازىم تۇتۇڭلار، چۈنكى پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەپ كېتىدۇ»[9].

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىنىڭ يېرىمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەندەك بولىدۇ. كىمكى بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا، گويا كېچىچە ناماز ئوقۇغاندەك بولىدۇ»[10].

تىرمىزىينىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: «كىمكى خۇپتەننى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا يېرىم كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. كىمكى خۇپتەن بىلەن بامداتنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىكەن ئۇنىڭغا پۈتۈن كېچە ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەر خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ ئۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا كەلگەن بولاتتى»[11].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناماز ئىچىدە بامدات ۋە خۇپتەن نامىزى مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، بۇ نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى»[12].

خۇلاسە

يۇقىرىدا بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ھۆكمى، ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتى مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ھالدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېنىق بىلىنىدۇكى، جامائەتنى تەرك ئېتىشكە ھېچقانداق سەۋەب باھانە بولالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇسۇلماننىڭ جامائەتنى چىڭ تۇتۇشى، يەنى نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا غەيرەت قىلىشى، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغانلىققا ۋەدە قىلىنغان ساۋابنى كۆزلىشى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشى لازىم ۋە شۇنى بىلىشى لازىمكى:

ئىمامنىڭ تەرىتىدە بىر نۇقسانلىق ياكى ئەقىدىسىدە بىر بۇزۇقلۇق ۋە ياكى نىيىتىدە بىر ئەگرىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن نامىزىنىڭ قوبۇل بولماسلىقى ئارقىسىدا ئىقتىدا قىلىپ (ئەگىشىپ) ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامىزىغا ھېچقانداق دەخلى يەتكۈزمەيدۇ ۋە ئەسلا زىيىنى بولمايدۇ. چۈنكى ئىماممۇ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، جامائەتمۇ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ. جامائەتنىڭ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشى دېمەك، نامازنى ئىمامغا يۈكلىۋېتىپ ئارقىسىدا بىكار تۇرۇش ئەمەس، بەلكىدە نامازنى ئوقۇشتا ئىمامغا ئەگىشىش دېمەكتۇر. ئىمامنىڭ جامائەتكە ئىمام بولۇشى دېمەك، جامائەتنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بېرىش ئەمەس، بەلكىدە جامائەتكە باشچىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوقۇش دېمەكتۇر.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ھەققىدىكى سەلبىي گۇمانلىرى، ھەتتا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىمامنىڭ ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەن سەلبىي مەلۇماتلىرى جامائەتنى تەرك ئېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ.

شۇنىڭدەك، ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ (مەسچىت-جامەنىڭ) ھەققىدىكى ياكى جامائەتنىڭ بىرەر مەنسۇبىنىڭ ھەققىدىكى گۇمان ۋە سەلبىي كۆزقاراشلارمۇ تەركىجامائەت بولۇشقا باھانە بولالمايدۇ.

چۈنكى قۇرئان-ھەدىسنىڭ، جۈملىدىن يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى ئالەمشۇمۇل بولۇپ، قىيامەتكە قەدەر ھەر ماكاندا، ھەر زاماندا ۋە ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ بەزى زامان بىلەن ياكى بەزى ماكان بىلەن ۋە ياكى بەزى كىشىلەر بىلەن چەكلىك دەپ ئەسكەتىلمەسلىكى ئۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ خىلاپىنى دەۋا قىلغۇچىلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشى چىققان بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز ھالدا، بىلىپ ياكى بىلمەي: «ھازىرقى ئىماملار ئۇنداق، مەزىنلەر مانداق، مەسچىت-جامەدە ئۇنداق پۇلغا سېلىنغان، مەسچىت-جامەلەر گۇمانلىق، جامائەتنىڭ ئىچىدە ئۇنداق يامان ئادەم بار، مۇنداق ئەسكى كىشى بار…» دېگەندەك گەپ-سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقى لازىم.

6- رەۋاتىب سۈننەتلەر

بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوقۇلۇشى تەرغىب قىلىنغان نەپلە نامازلار رەۋاتىب سۈننەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. رەۋاتىب راتىبنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ مەنىسى دائىم دېگەن بولىدۇ. رەۋاتىب سۈننەتلەر بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە داۋاملىق ئوقۇلۇشى پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان نەپلە نامازلار، دېگەن بولىدۇ. بۇ نامازلارغا ئەمىر قىلىنماستىن، بەلكىدە تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوقۇغانلار ساۋاب قازىنىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نەجدىلىك چاچلىرى چۇۋۇق بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى. بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق يۇ، لېكىن نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن كېلىپ، بىردىنلا ئىسلام توغرۇلۇق سوراپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئېيتتىكى: «ئۇ نامازلاردىن باشقا يەنە ناماز ئوقۇمدىمەن؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئوقۇيمەن دېسەڭ نەفلى ناماز ئوقۇغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «رامزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتۇش»، دېدى. ئۇ: «ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا روزىمۇ بارمۇ؟»، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، تۇتماقچى بولساڭ نەفلى روزا تۇتقىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا زاكاتنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ كىشى: «مەن بېرىشكە تېگىشلىك ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يوق، بەرمەكچى بولساڭ سەدىقە بەرگىن»، دېدى. ئاندىن ئۇ كىشى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەيمەن، كېمەيتىپمۇ قويمايمەن»، دېگەن پېتى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ راستلا دېگىنىدەك قىلسا نىجات تاپىدۇ»، دېدى[13].

مەزكۇر سۈننەتلەر بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى، پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى ياكى تۆت، پېشىندىن كېيىن ئىككى ياكى تۆت، نامازدىگەردىن ئىلگىرى ئىككى ياكى تۆت، نامازدىگەردىن كېيىن ئىككى، نامازشامدىن كېيىن ئىككى ۋە خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكەتتۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ نامازلارغا ئىشارەت قىلىدۇ:

﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاء اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىل. كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشىدىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيت. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيت. شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولالايسەن»- تاھا 20/130.

بۇ ئايەتتە يىگىرمە تۆت سائەتلىك بىر زامان پارچىسىنىڭ مۇئەييەن بۆلۈملىرىدە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ئەمىر قىلىنىدۇ. بۇ تەسبىھ ۋاقىتلارغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئايەتنىڭ «لَعَلَّكَ تَرْضَى (شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولالايسەن)» دېگەن شەكىلدە ئاخىرلىشىشى بۇ ئەمرىنىڭ پەرز (قەتئىي بۇيرۇق) ماھىيىتىدە ئەمەس، بەلكىدە تەشۋىق ماھىيىتىدە بىر ئەمىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازلار توغرىسىدىكى، «كىم كۈندە ئون ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ نامازلارنىڭ سەۋەبىدىن جەننەتتە بىر ئۆي سېلىنىدۇ»[14] دېگەن ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئەمدى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان ۋاقىتلارنى كۆرۈپ چىقىمىز:

ئا- كۈننىڭ چىقىشىدىن ئىلگىرى:

بۇ بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ ۋاقتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق ئۇ سۈننەتنى ئوقۇماقتۇر. ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا نامازنى كامىل ئادا قىل» دېگەن بۇيرۇقنىڭ ئەقىم «أَقِم (ئۆرە تۇرغۇزغىن)» شەكلىدە كېلىشى بۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ پەرز نامازلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن بىرى بولغان سۈبھى ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنىڭ ئۇ ۋاقىتنىڭ كېچىنىڭ «كۈندۈزگە يېقىن» بۆلۈمىدە ئوقۇلۇشىنىڭ، سۈننەتنىڭ بولسا پەرزدىن ئىلگىرى ئوقۇلۇشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ سۈننەت ئەگەر پەرزدىن ئىلگىرى ئوقۇلسا «كۈندۈزگە يېقىن» ۋاقىتتا پەرز ئەمەس، سۈننەت ناماز ئوقۇلغان بولىدۇ. بۇ مەزكۇر ئايەتنىڭ (ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىنىڭ) مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بامداتنىڭ سۈننىتى دائىما پەرزىدىن ئىلگىرى ئوقۇشى بۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئە- كۈننىڭ پېتىشىدىن ئىلگىرى

بۇ نامازدىگەردىن كېيىن ئوقۇلۇشى تەرغىب قىلىنغان نەپلە نامازنىڭ ۋاقتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق ئۇ نەپلە نامازنى ئوقۇماقتۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن داۋاملىق ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقىمۇ بۇنى مەنىنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدىگەردىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇمىغان كۈن يوق»[15].

ب- كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى

بۇ يەردە ۋاقىتلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئانائ «آنَاء» دۇر. ئانائ ئان «آن» نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئان ۋاقىت، سائەت، مەزگىل دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبچىدىن مەلۇم بولغىنىدەك ئەرەبچىدە جەمئىي (بىر كەلىمىنىڭ كۆپلۈك شەكلى) نىڭ مەنىسى ئاز بولغاندا ئۈچتۇر. بۇ يەردىكى ئانائ «آنَاء» دېگەن كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈچ ۋاقىت» نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازشام ۋە خۇپتەننىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق ئۇ نامازلارنى ئوقۇماقتۇر.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ سۈننەتلىرى پەرزلەردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. چۈنكى ھۇد سۈرىسىنىڭ 114- ئايىتىدە بۇ ئىككى ناماز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت كۈن پاتقاندىن كېيىن كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئىككى ۋاقتىدۇر. ئەگەر بۇ نامازلاردىن ئىلگىرى سۈننەت ئوقۇلسا بۇ نامازلار «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى»دا ئوقۇلمىغان بولىدۇ.

دېمەككى، بىر كېچىدە تۆت ۋاقىت نەپلە (سۈننەت) ناماز بار. ئۇلار نامازشامنىڭ سۈننىتى، خۇپتەننىڭ سۈننىتى، تەھەججۇد ۋە بامداتنىڭ سۈننىتى قاتارلىق نامازلاردۇر. بۇ نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى يۇقىرىدىكى ئايەت (تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى) «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى»، «كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى» دەپ بايان قىلماقتىدۇر.

پ- كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى

بۇ يەردە تەرەپلەر دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەتراف «أَطْرَاف» دۇر. بۇ كەلىمىمۇ جەمئىي بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈز ۋاقىتلىرىدىن ئاز دېگەندە ئۈچ ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەتراف «أَطْرَاف» دېگەن كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈچ ۋاقىت» نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىت چاشگاھ ۋاقتى، پېشىن ۋاقتى ۋە نامازدىگەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق چاشگاھ نامىزى، پېشىننىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈننەتلىرى، نامازدىگەرنىڭ سۈننىتى قاتارلىق نەپلە نامازلارنى ئوقۇماقتۇر.

دېمەككى، بىر كۈندۈزنىڭ ئىچىدە تۆت ۋاقىت نەپلە (سۈننەت) ناماز بار. ئۇلار چاشگاھ نامىزى، پېشىننىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۈننەتلىرى، نامازدىگەرنىڭ سۈننىتى ۋە نامازدىگەردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكەت نەپلە قاتارلىق نامازلاردۇر. بۇ نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى يۇقىرىدىكى ئايەت (تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى) «كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى»، «كۈندۈزنىڭ ۋاقىتلىرى» دەپ بايان قىلماقتىدۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى 24 سائەتلىك بىر زامان ئىچىدە ئاز دېگەندە سەككىز ۋاقىت نەپلە (سۈننەت) ناماز بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ نامازلارنى ئوتتۇرى قويىمىز:

بامداتنىڭ سۈننىتى 

بۇ ئىككى رەكەتلىك بىر ناماز بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ناماز ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر»[16].

«رەسۇلۇللاھ بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئۆيىدە يېنىكلا ئوقۇپ ئاندىن مەسچىتكە چىقاتتى»[17].

«رەسۇلۇللاھ بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە سۈرە فاتىھەنى ۋە سۈرە كافىرۇننى، ئىككىنچى رەكىتىدە سۈرە فاتىھەنى ۋە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ نامازنىڭ قىرائىتىنى ئىچىدە (مەخپىي) ئوقۇيتتى[18].

پېشىننىڭ سۈننىتى

پېشىننىڭ سۈننىتىنىڭ رەكەت سانى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پەرقلىق رىۋايەت بار: بىرىنچىسى تۆت رەكەت، ئىككىنچى ئالتە رەكەت، ئۈچىنچىسى سەككىز رەكەت دېگەن رىۋايەتلەر.

تۆت رەكەت دېگەن رىۋايەت:

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نامازنى ئۆگىنىپ ئېسىمدە ساقلىۋالدىم:

پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، كېيىن ئىككى رەكەت، نامازشامدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت[19].

ئالتە رەكەت دېگەن رىۋايەت:

ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى بىر كېچە-كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىنىدۇ: پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت، كېيىن ئىككى رەكەت، نامازشامدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت[20].

سەككىز رەكەت دېگەن رىۋايەت:

ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت، پېشىندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ گۆشىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ[21].

نامازدىگەرنىڭ سۈننىتى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ نامازدىگەردىن ئىلگىرى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە رەھىم قىلسۇن»[22].

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدىگەردىن ئىلگىرى ھەر ئىككى رەكەتتە بىر سالام بېرىپ تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى»[23].

نامازشامنىڭ سۈننىتى

  يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىن نامازشامنىڭ سۈننىتىنىڭ ئىككى رەكەت ئىكەنلىكى چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ نامازنىڭ قىرائىتى ئوقۇلىدىغان يېرى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز:

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بۇ نامازدا فاتىھەدىن كېيىن تولا چاغدا كافىرۇن سۈرىسى بىلەن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇياتتى[24].

مەھمۇد ئىبنى لەبىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى نامازشامنى ئوقۇدى، ئاندىن: «بۇ ئىككى رەكەت نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار» دېدى[25].

خۇپتەننىڭ سۈننىتى

خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇشنىڭ سۈننەتلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. ئۇلارنى تەكرارلاشقا ھاجەت يوق.

ۋىتىر نامىزى

ۋىتىر تاق دېگەن بولۇپ، ۋىتىر نامىزى تەھەججد نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكەتتۇر. بۇ تاق رەكەت ئىككى رەكەتتىن ئوقۇلغان تەھەججۇد نامىزىنى تاق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، ئۈممىتىگە سۈننەتتۇر. رەكەت سانى ۋىتىر بىلەن بىرلىكتە، ئاز بولغاندا 3 رەكەت، كۆپ بولغاندا 11 رەكەتتۇر.

ۋاقتى

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن تاڭ يورۇغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر. لېكىن ئوقۇلغان نامازنىڭ «تەھەججۇد نامىزى» بولۇشى ئۈچۈن ناماز خۇپتەندىن كېيىن بىر مۇددەت ئۇخلاپ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئاندىن ئوقۇش لازىم. چۈنكى بۇ نامازنىڭ «تەھەججۇد» دېگەن ئىسمى كېچىسى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەئالانىڭ تەقۋادارلارنى مەدھىيەلەپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

﴿تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ﴾

«ئۇلار تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە ياتاقلىرىدىن تۇرىدۇ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشى يولغا سەرپ قىلىدۇ»- سەجدە 32/16.

﴿وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ

«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلىگۈچىلەردۇر»- ئال ئىمران 3/17.

﴿وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ

«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى»- زارىيات 51/18.

«ياتاقتىن تۇرۇش» ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتىش لازىم. «سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەش» دېگەن ئىپادە ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسىغا ئىشارەت قىلىدۇ. قۇنۇت دۇئاسىنىڭ سەھەرلەردە قىلىنىشى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان ۋىتىر نامىزىنىڭ تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكەت ئىكەنلىكى، تەھەججۇد نامىزىنىڭ، قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاق رەكىتىنىڭ كېچىنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى «سەھەر» قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بىر ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندىكى ۋاقىت سەھەر دەپ ئاتىلىدۇ[26]. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلايتتى، ئاخىرىدا ناماز ئوقۇيتتى[27].

دۇئايى قۇنۇت

 بۇ ئىككى تۈرلۈكتۇر:

1- «اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْتَعِينُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ، وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ، وَلَا نَكْفُرُكَ وَنَخْلَعُ وَنَتْرُكُ مَنْ يَفْجُرُكَ. اللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ، وَلَكَ نُصَلِّي، وَنَسْجُدُ، وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ، وَنَرْجُو رَحْمَتَكَ، وَنَخْشَى عَذَابَكَ، إِنَّ عَذَابَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ»

مەنىسى:   

«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭا نان كورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن ئادا-جۇدا بولىمىز ۋە ئۇلارنى تاشلىۋىتىمىز. ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەن تەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا يېپىشىۋالغۇچىدۇر»[28].

2- «اللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ، وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ، إِنَّكَ تَقْضِي وَلَا يُقْضَى عَلَيْكَ، وَإِنَّهُ لَا يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، وَلَا يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ، تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ».

«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ ھىدايەت بەرگىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغسەن ۋە ئۈستۈنسەن»[29].

ۋىتىر نامىزىدا بۇ ئىككى دۇئانىڭ قايسى ئوقۇلسا بولىدۇ، ئىككىلىسى ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.


[1] - ئىبنى فارىس، مەقايىسۇللۇغە ت ر ف؛ راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان ت ر ف؛ ئىنبى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب ت ر ف.

[2] - مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/127؛ رەئد 13/41؛ تاھا 20/130؛ ئەنبىيا 21/44

[3] – بۇخارى، ئەزان 723- نومۇرلۇق ھەدىس.

[4] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[5] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[6] – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[7] – ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

[8] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[9] – ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

[10] – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[11] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[12] – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[13] - بۇخارى، ئىمان 34؛ مۇسلىم، ئىمان 8؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 1؛ نەسەئى، سىيام 1؛ مۇۋەتتا، قەسرۇسسالات فىسسەفەر 94.

[14] - مۇسلىم، سالاتۇل مۇسافىرىن 101-103 (728)؛ تىرمىزى، سالات 306؛ نەسەئى، قىيامۇل لەيل 66؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 100. ھەدىستە سۆزلەنگەن 12 رەكەت ناماز مۇنۇ نامازلاردۇر: بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى، پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت، كېيىن ئىككى، نامازشام ۋە خۇپتەننىڭ پەرزلىرىدىن كېيىن ئىككىدىن تۆت رەكەت. بۇلار ئەينى ۋاقىتتا سۈننەتى مۇئەككەدە  (تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر، كۈچلۈك سۈننەتلەر)، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلار پەيغەمبىرىمىز كۆپىنچە ئوقۇغان، ئاندا-ساندا تەرك ئەتكەن نامازلاردۇر.

[15] - بۇخارى، مەۋاقىتۇساسلات 31، 33؛ مۇسلىم، سالاتۇلمۇسااىرىن 299-301 (835)؛ تىرمىزى، مەۋاقىت 21؛ نەسەئى، مەۋاقىت 36. ھەدىس كىتابلىرىدا نامازدىگەردىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇشنى چەكلەيدىغان ھەدىسلەرمۇ بار. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۈن چىقىپ يۈكسەلگەنگە قەدەر ناماز يوق، نامازدىگەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۈن پېتىپ بولغانغا قەدەر ناماز يوق. (بۇخارى، مەۋاقىت 31؛ مۇسلىم، مۇسافىرىن 288 (827)؛ نەسەئى، مەۋاقىت 35). بىر-بىرىگە زىت كۆرۈنگەن بۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىدىغان ھەدىسلىرىنىڭ كۈن پېتىۋاتقان چاغدا ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىدىغانلىقىنى، نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىدىغان ھەدىسلىرىنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن كۈن تېخى يۇقىرىدا تۇرۇۋاتقان چاغدا يەنى كۈن ساغىرىپ كەتمىگەن ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنەنى ئەبى داۋۇد ۋەسۇنەنى نەسەئىدە بۇنى تەكىتلەيدىغان ھەدىسلەر بار:

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ نامازدىگەردىن كېيىن كۈن يۇقىرىدا بولمىغان چاغلاردا ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلغان. (ئەبۇ داۋۇد، سالات 299).

«رەسۇلۇللاھ كۈن نۇرلۇق ۋە ئېگىز بولمىسا نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلاتتى. (نەسەئى، مەۋاقىت 18، 36).

دېمەككى، نامازدىگەردىن كېيىن كۈن تېخى پېتىشقا يېقىنلاشمىغان بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوقۇغىنىدەك ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. لېكىن كۈن پېتىش ئالدىدا تۇرغان بولسا بولمايدۇ.

[16] - مۇسلىم، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

[17] - بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمەد.

[18] - ئەھمەد، تاھاۋى، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان. ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ نامازدا سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇڭا بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىدە سۈرە فاتىھەدىن كېيىن باشقا ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.

[19] - بۇخارى ۋە ئەھمەد.

[20] - تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. بۇ توغرىدا مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت، كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى.- مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

[21] - ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان.

[22] - ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

[23] - ئەھمەد، نەسەئى، ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

[24] - ئىبنى ماجە ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

[25] - ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسىلەر رىۋايەت قىلغان.

[26] - لىسانۇل ئەرەب، ئەسسىھاھ فىللۇغە، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغە.

[27] - بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[28] - بۇ دۇئانىڭ ئۆمەر ئىبىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇغان دۇئاسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى (ئابدۇ راززاق سەنئانىي، مۇسەننەف سالات، قۇنۇت 4968؛ ئىبىن ئەبى شەيبە، مۇسەننەف سالاتۇتتەتەۋۋۇئ ۋەلئىمامە ۋە ئەبۋابى مۇتەفەررىقە 7027)، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقىلارغا ئۆگەتكەنلىكى (ئىبىن ئەبى شەيبە، مۇسەننەف سالاتۇتتەتەۋۋۇئ ۋەلئىمامە ۋە ئەبۋابى مۇتەفەررىقە 6893، دۇئا 29708) رىۋايەت قىلىنىدۇ.

[29] - بۇ دۇئانى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەن ئىبىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋىتىر نامىزىنىڭ دۇئاسىدا ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆگىتىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (ئەبۇ داۋۇد، سالات، ۋىتىردا قۇنۇت 1425؛ تىرمىزى، ئەبۋابۇلۋىتىر 464؛ نەسەئى، قىيامۇللەيل ۋە تەتەۋۋۇئۇننەھار، ۋىتىردا دۇئا 1745؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىھا 117/1178؛  تەبەرانى، دۇئا، ۋىتىرنىڭ قۇنۇتى ھەققىدە سۆز 735، ئەلمۇئجەمۇلكەبىر، بابۇلھائ 2700). شۇنىڭدەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ دۇئانى ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بامداتنىڭ قۇنۇت دۇئاسىدا ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆگىتىپ قويغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ- (بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا سالات قۇنۇت دۇئاسى 3141).

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
5.876 قېتىم ئوقۇلدى