بەش ۋاخ ناماز رىسالىسى
باش بەت > ئەھكام > ئىبادەت > ئىبادەتلەر تارىخ: 18.08.2014 يازدۇرغىن

بەش ۋاخ ناماز

مۇقەددىمە

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

بەش ۋاخ ناماز دىنىمىز «ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكىدۇر»[1]، «كىشىنىڭ مۇشرىك، كاپىر، مۇناپىق، دەپ سۈپەتلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇدۇر»[2]، «نۇردۇر»[3]، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدۇ. «مەنىۋى ئۆستەڭدۇر»[4]، كىشىنى گۇناھنىڭ كىرلىرىدىن پاكلايدۇ. مەنىۋى نەسىھەتچىدۇر، «ھاياسىزلىقتىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ»[5].

بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇش ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغانلىق[6]، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىگە ئەگەشكەنلىك[7]، ئۇنىڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلغانلىقتۇر[8]، شۇنداقلا  ئۆزىنىڭ بەندىلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر[9].

ئىبادەت ئىتائەتتىن ھاسىل بولىدۇ[10]. ئىتائەت بۇيرۇلغاننى قىلىش، توسۇلغاندىن يېنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەنە شۇ ئىبادەتنى قىلغان كىشى ئاللاھقا بەندە (ئاللاھنىڭ قۇلى) ھېسابلىنىدۇ. تارىخ بويىچە ئەقىدىسىگە شېرىك، ئىبادىتىگە بىدئەت ئارىلاشتۇرۇپ ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولغانلار پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان مانا بۇ ئىنچىكىلىككە دىققەت قىلمىغان، شۇنداقلا نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگەشكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەت قىلغانلىقىنى ئويلاپ قالغان كىشىلەردۇر[11].

شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئۇممەتلىرىگە پەرز قىلىنغان[12] بەش ۋاخ نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى، ئەركان ۋە زىكىرلىرىنى، دۇئا ۋە تەسبىھلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئۆگىنىش بىلەن بولىدۇ.

«ناماز ھەققىدە ساۋات» ئەنە شۇ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ توغرا ئادا قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە قىسقىچە يېزىلغان بىر قوللانمىدۇر. ئىنشائاللاھ بۇ قوللانما پايدىلىق بولغۇسى. ناماز ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمغا «ئىسلامدا ناماز» ئاتلىق كىتابىمىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر. 20/02/2007

1- بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا﴾

«شۇبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر»- نىسا 4/103.

ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى مۇئمىنلارنىڭ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇشلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بولسا، بۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

﴿حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾

«نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار»- بەقەرە 2/238.

﴿وَأَقِمِ الصَّلاَةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّـيِّئَاتِ ذَلِكَ ذِكْرَى لِلذَّاكِرِينَ﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ. بۇ نەسىھەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئەسلىتىشتۇر»- ھۇد 11/114.

﴿أَقِمِ الصَّلاَةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُوداً﴾

ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ[13] ئوقۇغىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر»- ئىسرا 17/78.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا بىر كىچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، بەش ۋاخ نامازنى ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرى، دەپ كۆرسىتىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچىسى زاكات بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى روزا تۇتۇش»[14].

2- بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

1- ﴿وَأَقِمِ الصَّلاَةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ئادا قىلغىن»- ھۇد 11/114.

2- ﴿أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ

«نامازنى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقانغا قەدەر ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن»- ئىسرا 17/78.

3- ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىل. كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشىدىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيت. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيت. شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولالايسەن»- تاھا 20/130.

4- ﴿فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ

«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»- رۇم 30/17، 18.

5- ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ

«ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد ئېيتىپ تەسبىھ ئېيتقىن»- قاف 50/39.

1- پېشىننىڭ ۋاقتى:

پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن تىكلىنىپ غەرب تەرەپكە قايرىلغاندا باشلىنىدۇ. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدە ئۆتكەن «لِدُلُوكِ الشَّمْسِ (كۈن قايرىلغاندىن تارىتىپ)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

2- نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى:

نامازدىگەرنىڭ ۋاقتى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدۇر. رۇم سۈرىسىنىڭ 18- ئايىتىدە ئۆتكەن « عَشِيّاً  (كۈندۈزنىڭ ئاخىرى)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «قَبْلَ غُرُوبِهَا، قَبْلَ الْغُرُوبِ (كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى)» دېگەن ئىپادە نامازدىگەرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

3- نامازشامنىڭ ۋاقتى:

نامازشامنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەن ھامان باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17 ئايىتىدىكى «حِينَ تُمْسُونَ (ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان چېغىڭلاردا)» دېگەن ئىپادە نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، نامازشامنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

4- خۇپتەننىڭ ۋاقتى:

خۇپتەننىڭ ۋاقتى نامازشامنىڭ ۋاقتىدىن كېيىنلا كىرىپ، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا ئاخىرلىشىدۇ. ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدىكى «إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق)» دېگەن ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:

ئايەتلەردە پېشىننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى، نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى، نامازشامنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ۋە خۇپتەننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتى بايان قىلىنمايدۇ. بۇ كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە، كۈن پاتقاندىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىق بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ نامازشام بىلەن خۇپتەننىڭ ئورتاق ۋاقتى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ بەزىدە ئالدىغا تارتىپ (جەمئىي تەقدىم قىلىپ)، بەزىدە كېچىكتۈرۈپ (جەمئى تەخىر قىلىپ) ئوقۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

5- بامداتنىڭ ۋاقتى:

بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدىكى «حِينَ تُصْبِحُونَ (ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چېغىڭلاردا)» دېگەن ئىپادە بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئاۋۋالقى ۋاقتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

تاھا سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدىكى ۋە قاف سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدىكى «قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ (كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى)» دېگەن ئىپادە بولسا، بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتىدىكى «الْفَجْرِ (بامدات)» ئىپادىسى بامدات نامىزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بامدات تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچلىك بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتىۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:

1- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل كەبىنىڭ يېنىدا ماڭا ئىككى قېتىم ئىمام بولدى. بىرىنچى قېتىمدا، پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئاياغنىڭ بوغقۇچىسىدەك بولغاندا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزى بىلەن تەڭ بولغاندا ئوقۇدى، نامازشامنى كۈن پاتقان ۋە روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغان چاغدا ئوقۇدى، خۇپتەننى شەپەق يوق بولغاندا ئوقۇدى، بامداتنى تاڭ يورۇپ روزا تۇتقۇچىغا يېمەك-ئىچمەك ھارام بولغان چاغدا ئوقۇدى. ئىككىنچى قېتىمدا پېشىننى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويىغا تەڭ كېلىدىغان بولغاندا يەنى بىرىنچى قېتىمدا نامازدىگەرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، نامازدىگەرنى ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئوخشىشىغا تەڭ بولغاندا ئوقۇدى. نامازشامنى يەنە بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوقۇدى، خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى، بامداتنى ئەتراپ ئاقارغاندا ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر» دېدى[15].

2- بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ (س. ئ. م) ئۇ كىشىگە: «بۈگۈن ۋە ئەتە نامازلارنى بىز بىلەن بىللە ئوقۇغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كۈن قايرىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ بىلالنى بۇيرۇدى، ئۇ ئەزان ئوقۇدى. ئاندىن يەنە بىلالنى بۇيرۇدى، ئۇ پېشىنگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن كۈن تېخى خېلىلا ئىگىز، نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ ئەسىرگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ كۈن پاتقان ھامان نامازشامغا تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. شەپەق (كۈن پېتىش ئۇپۇقىدا كۈن پاتقاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىزىللىق) يوقالغان ۋاقىتتا خۇپتەنگە تەكبىر ئوقۇدى. ئاندىن بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ تاڭنىڭ يورۇشى بامداتقا تەكبىر ئوقۇدى.

ئىككىنچى كۈنى بىلالنى بۇيرۇدى. ئۇ پېشىننى ھاۋا خېلى يانغان بىر ۋاقىتقا كېچىكتۈردى. رەسۇلۇللاھ ئەسىرنى كۈن خېلى ئىگىز بىر ۋاقىتتا لېكىن تۈنۈگۈنكىدىن بىرئاز كېين ئوقۇدى. نامازشامنى شەپەق يوقۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇدى. خۇپتەننى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتكەندە ئوقۇدى. بامداتنى تاڭنى خېلى يورۇتۇپ ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن ناماز ۋاقىتلىرىنى سورىغان كىشى قېنى؟ دېگەن ئىدى. ھېلىقى كىشى: «مانا مەن، يارەسۇلەللاھ!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «نامىزىڭلارنىڭ ۋاقتى كۆرگىنىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدۇر» دېدى[16].

3-نامازلارنىڭ رەكەت سانى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَقْصُرُواْ مِنَ الصَّلاَةِ إِنْ خِفْتُمْ أَن يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُواْ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُواْ لَكُمْ عَدُوًّا مُّبِينًا. وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلاَةَ فَلْتَقُمْ طَآئِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُواْ أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُواْ فَلْيَكُونُواْ مِن وَرَآئِكُمْ وَلْتَأْتِ طَآئِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّواْ فَلْيُصَلُّواْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُواْ حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُواْ لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً وَلاَ جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَى أَن تَضَعُواْ أَسْلِحَتَكُمْ وَخُذُواْ حِذْرَكُمْ إِنَّ اللّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا﴾

«ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، كاپىرلار سىلەرگە ئوچۇق- ئاشكارا دۈشمەندۇر.

ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئوقۇغان چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن. بۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردىن قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئوقۇمىغان يەنە بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال- ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كاپىرلار سىلەرنىڭ قورال- ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە- كېرەكلىرىڭلەردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال- ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى»- نىسا 4/101-102.

  بۇ ئايەتلەردە قورقۇش نامىزىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، رەكەت سانى ۋە ئوقۇلۇش شەكلى بايان قىلىنىدۇ. 102- ئايەت بۇ نامازنىڭ بىر رەكەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى سەپەر ئۈستىدە كاپىرلارنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورققان مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقۇشى كېرەك بولغان ناماز پەقەتلا بىر رەكەتلىك نامازدۇر. بۇ بىر رەكەتلىك ناماز ئادەتتە سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ قەسىر قىلىنىپ (قسقارتىلىپ) ئوقۇلغان شەكلىدۇر.

يەنى سەپەر ئۈستىدە نامازنىڭ دۈشمەندىن قورقۇش ئەسناسىدا قىسقارتىلىپ بىر رەكەتكە چۈشۈرۈلۈشى، قورقۇش بولمىغان چاغلاردا ئىككى رەكەت ئوقۇلۇشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سەپەردە قورقۇش بولغاندا بىر رەكەتكە چۈشۈرۈلگەن ئىككى رەكەتلىك نامازنىڭ مۇقىملىقتا 4 رەكەت بولۇشى تەبىئىيدۇر.

ئاللاھ تەئالا سۈرە بەقەرەنىڭ 238- ئايىتىدە مۇقىم بولسۇن مۇساپىر بولسۇن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى» مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيريدۇ. ئۇ «ئوتتۇرا ناماز» سەپەردە قورقۇش بولمىغاندا «نامازلار»ىنى 2 رەكەتتىن ئوقۇغان مۇساپىرلار ئۈچۈنمۇ، «نامازلار»ىنى مۇقىملىقتا تولۇق ئوقۇۋاتقان مۇقىملار ئۈچۈنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم.

شۇنداق بولغاندا بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىچىدە سەپەردىمۇ، مۇقىملىقتىمۇ 3 رەكەتلىك بىر نامازنىڭ بولۇشى، مۇقىملىقتا بىر نامازنىڭ ئىككى رەكەتلىك، ئۈچ نامازنىڭ تۆت رەكەتلىك بولۇشى كېرەك. چۈنكى 3 ئىككى دانە 2 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 2)، ئىككى دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (4 3 4)، بىر دانە 2 بىلەن بىر دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 4).

بامداتنىڭ 2، نامازشامنىڭ 3، پېشىن، نامازدىگەر ۋە خۇپتەننىڭ 4 رەكەتلىك بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ 5 ۋاقىت نامازنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بەش ۋاقىت نامازنىڭ رەكەت سانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

رەكەت سانى ئېتىبارى بىلەن «ئوتتۇرا ناماز» بولغان 3 رەكەتلىك نامازنىڭ ئورنى ئېتىبارى بىلەنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. سۈرە ھۇدنىڭ 114- ۋە سۈرە ئىسرانىڭ 78- ئايەتلىرىدە تۇنجى نامازنىڭ پېشىن، ئاخىرقى نامازنىڭ بامدات ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى نامازشامنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نامازشام ئۈچ رەكەتلىك بىر ناماز بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئىككى ۋاخ ناماز، ئۆزىدىن كېيىن ئىككى ۋاخ ناماز بولغان بىر نامازدۇر.

ھەدىسلەردە بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكەت سانى:

 1- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پېشىننى رەسۇلۇللاھ (س.ئ.م) بىلەن مەدىنىدە تۆت رەكەت ئوقۇدۇق. رەسۇلۇللاھ مەككىگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى، زۇلھۇلەيفەگە كەلگەندە نامازدىگەرنى ئىككى رەكەت ئوقۇدى[17].

دېمەككى پېشىن بىلەن نامازدىگەر قىسقارتىلماستىن ئوقۇلغاندا تۆت رەكەتتىن ئوقۇلىدىغان نامازلاردۇر.

2- ئىمران ئىبىن ھۇسەيىن رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نامازدىگەرنى ئۈچ رەكەت ئوقۇپ سالام بەردى ۋە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. خىرباق دېيىلىدىغان ۋە ئىككى قولىدا بىر ئۇزۇنلۇق بولغان بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: يارەسۇلەللاھ! دېدى ۋە نامازدىگەرنى ئۈچ رەكەت ئوقۇغانلىقى ئەسلەتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ رىداسىنى سۆرەپ خاپا ھالدا چىقىپ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە بۇ توغرا سۆزلەۋاتامدۇ؟ دېدى، ھەممەيلەن: ھەئە، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىر رەكەت ئوقۇدى، ئىككى سەجدە قىلدى ۋە سالام بەردى[18].

ئەسكەرتىش:

پەيغەمبىرىمىزنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيدىغانلىقى، ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[19]. بۇ رىۋايەتمۇ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ تۆت رەكەتتىن ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

3- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا دەسلىپىدە نامازشامدىن باشقا نامازلار ئىككى رەكەت ئىككى رەكەت پەرز قىلىنغان. نامازشام ئۈچ رەكەت ئىدى. كېيىن ئاللاھ تەئالا سەپەر ئۈستىدە بولمىغانلار ئۈچۈن پېشىن، ئەسىر ۋە خۇپتەننى تۆت رەكەتتىن قىلىپ تاماملىدى، سەپەر ئۈستىدىكىلەر ئۈچۈن نامازنى دەسلەپكى ھالىتى بىلەن مۇقىملاشتۇردى[20].

4- قەيس ئىبنى ئەمر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنىڭ ئىككى رەكەت بامداتتىن كېيىن ناماز ئوغانلىقىنى كۆرۈپ: «بامدات نامىزى ئىككى رەكەتتۇر» دېدى. ئۇ كىشى: مەن ئىككى رەكەت بامداتتىن ئىلگىرىكى ئىككى رەكەتنى ئوقۇمىغان ئىدىم، ھازىر ئۇنى ئوقۇدۇم، دېدى. رەسۇلۇللاھ گەپ قىلمىدى[21].

يۇقرىدا زىكىر قىلىنغان پۈتكۈل دەلىللەر دالالەت قىلىدۇكى، پېشىن 4 رەكەت نامازدىگەر 4 رەكەت، نامازشام 3 رەكەت، خۇپتەن 4 رەكەت، بامدات 2 رەكەتتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن تارتىپ تا كۈنىمىزگىچە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازنى رەسۇللاھدىن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۆگىنىشى ۋە شۇ بويىچە ئوقۇپ كېلىشىمۇ مەزكۇر رەكەت سانىنىڭ توغرىلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھتىن كېيىن تا كۈنىمىزگىچە بولغان ئارلىقتا يەر يۈزىدە بەش ۋاخ جامائەت بولۇپ ئوقۇلمىغان ھېچبىر كۈن ئۆتمىگەن. بۇنى تارىخ ئىسپاتلايدۇ، ئەمەلىيەت ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، بەش ۋاخ نامازنىڭ شەكلى، رەكەت سانى ۋە ۋاقىتلىرى… نەسىلدىن نەسىلگە، جامائەتتىن جامائەتكە، ئەسىردىن ئەسىرگە ئەينەن نەقىل قىلىنىپ كۈنىمىزگە كەلگەن، بۇ قىيامەتكىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ بىر ئەمرىدۇر. قۇرئان كەرىمنى ساقلاشنى ئاللاھ تەئالا ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾

«شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز»- ھىجر 15/9.

4- ئەزان

1- ئەزاننىڭ يولغا قويۇلۇشى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى كەمسىتىپ، ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىۋالغانلارنى ۋە كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.

سىلەر نامازغا ئەزان ئوقۇغان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر»- مائىدە 5/57-58.

ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە بەش ۋاقتى نامازنى مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەت بولۇپ ئوقۇشىنىڭ ۋە ئۇ نامازلارغا ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتىدە بولسا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەزان ئوقۇشنىڭ لازىملىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەزكۇر ئايەت مۇنداق:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار. ئېلىم- سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»- جۇمۇئە 62/9.

دېمەككى، ئەزان نامازغا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ شوئارىدۇر. يەنى ئەزان مائىدە سۈرىسىنىڭ 58-ئايىتى، جۇمۇئە سۈرىسىنىڭ 9- ئايىتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان بىر ئىبادەتتۇر.

2- ئەزاننىڭ پەزىلىتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىشىلەر ئەزاننىڭ ۋە ئاۋۋالقى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەك تاشلىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇلار نامازغا ئالدىراشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، نامازغا چوقۇم بالدۇر كېلەتتى. ئەگەر ئۇلار خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۇلار ئۆمىلەپ بولسىمۇ كەلگەن بولاتتى»[22].

پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەدىسىدە ئەزان ئېيتىشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكىنى، مۇئەززىننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكىنى، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ، بولۇپمۇ نامازغا بۇرۇن كېلىپ بىرىنچى سەپتە ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرگەن.

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى مۇئەززىنلەرنىڭ (ئەزان ئوقۇغۇچىلارنىڭ) بويۇنلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدۇ»[23].

مۇئەززىننىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئۇنىڭ شەرىپىنى ۋە قىيامەتتىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى مۇئەززىن كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ. كىمكى ياخشىلىققا يېتەكلىسە، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغىمۇ يېتىپ تۇرىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قاچانكى نامازغا ئەزان ئېيتىلسا، شەيتان ئەزاننى ئاڭلىماي دەپ ئوسۇرغان پېتى كەينىگە قاراپ تىكىۋېتىدۇ…»[24].

3- مۇئەززىن ئامانەتچىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇئەززىن ئامانەتچىدۇر»[25]، دېگەن. چۈنكى مۇئەززىنگە نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانەت قويۇلغان، ئۇ بۇ ئامانەتنى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا ئەزان ئوقۇش ئارقىلىق ئامانەت ئىگىلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا تاپشۇرىدۇ.

دېمەك، ئىسلام دىنى بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى كەڭ مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇئەززىنلەرگە ئەزان ئوقۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.

شۇڭا مۇئەززىن نامازنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ۋاقىت كىرگەن ھامان ئەزان ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەنلەر تۇيۇقسىز ئەزاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ-دە، ناماز ۋاقتى بوپتۇ، دەپ تاھارەت ئېلىپ مەسچىت-جامەلەرگە يۈگۈرىدۇ. ھېچبولمىسا تۇرغان يەرلىرىدە بولسىمۇ نامازلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

4- ئەزاننى ئاڭلىغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار. ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار. كىمكى ماڭا بىر دۇرۇت ئېيتسا، ئۇنىڭ بىر دۇرۇتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ماڭا ۋەسىلە سوراڭلار، ۋەسىلە دېگەن، جەننەتتىكى بىر يۇقىرى ئورۇن بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ. شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ماڭا شۇ ئورۇننى تىلىسە، ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم تېگىشلىك بولىدۇ»[26].

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قاچانكى ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار»[27].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: ‹ئى بۇ كامىل ئەزاننىڭ ۋە ھازىر ئوقۇلماقچى بولغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋەسىلىنى (جەننەتتىكى يۇقىرى ئورۇننى) بەرگىن. ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ياخشى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگىن›، دېسە، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئېرىشىدۇ»[28].

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزان ئاڭلىغان چاغدا: ‹گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبىرىم، ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىغا چىن دىلىمدىن مەمنۇن بولدۇم›، دېسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»[29].

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا قىلىنغان دۇئا قوبۇل بولماي قالمايدۇ»[30].

بۇ ھەدىس ئەزان ۋە تەكبىر ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دۇئانى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.


[1] ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 36/387؛ بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا 9/35، شۇئەبۇلئىمان 6/93، 7/33.

[2] – مۇسلىم، ئىمان 35/134 (82)؛ تىرمىزى، ئىمان 2621؛ نەسەئى، سالات 463؛ ئىبىن ماجە، ئىقامەتۇسسالات 77/1079.

[3] – مۇسلىم، تاھارەت 1 (223).

[4] – ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى يېنىدىكى ساھابىلىرىگە: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ كۈنىگە بەش قېتىم شۇ ئۆستەڭگە سۇغا چۈشۈپ يۇيۇنۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «ياق، ئۇنىڭ كىرلىرىدىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مانا بۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ بەش ۋاخ ناماز بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېدى-بۇخارى، مەۋاقىت 6؛ مۇسلىم، مەساجىد 282؛ تىرمىزى، ئەمسال 5؛ نەسەئى، سالات 7.

[5] – ئەنكەبۇت 29/45.

[6] – ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتىدە نامازنىڭ ۋاقىتلىرى بەلگىلەنگەن پەرز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 238- ئايىتى ھۇد سۈرىسىنىڭ  114- ئايىتى ۋە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 78- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە ئۇ پەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

[7] – رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇغان ۋە باشقىلارنى ئوقۇشقا بۇيرۇغان.

[8] – رەسۇلۇللاھنىڭ ۋىدا خۇتبىسىدا ئاخىرقى ۋەسىيىتى «نامازنى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار» دېگەن سۆزى بولغان.

[9] – باشنى سەجدىگە قويۇپ سۇبھانە رەببىيەلئەئلا  «ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىمنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن» دېيىش مەن تۆۋەن، مەن ئاجىز، مەن موھتاج، دېگەن بولىدۇ.

[10] – «دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىش» مەزمۇنىدىكى ئايەتلەر بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[11] – ئەئراف 7/30، كەھف 18/104، زۇخرف 43/36-37.

[12] – سۈرە ئەئرافنىڭ 31- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا ئادەم بالىلىرىنى ھەر سەجدە قىلىدىغان چېغىدا چىرايلىق كىيىنىشكە بۇيرۇغان. بۇ نامازنىڭ يەر يۈزىگە ئادەمزات پەيدا بولغاندىن تارتىپ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى كۈن ئىماملىق قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاپ كۆرسەتكەن ۋە ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:  «ئى مۇھەممەد! مانا بۇ سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىدۇر. سېنىڭ ناماز ئوقۇش ۋاقتىڭ مۇشۇ ئىككى ۋاقىتنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر». بۇ دالالەت قىلىدۇكى، پۈتۈن پەيغەمبەر ۋە بارلىق ئۇممەتلەر بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇغان.- قاراڭ: بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

[13] – بامدات نامىزىنى.

[14] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[15] – بۇخارى، مەۋاقىت 2؛ مۇسلىم، مەساجىد 166-167؛ تىرمىزى، سالات 1؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2.

[16] مۇسلىم، مەساجىد 176، 177 (613)؛ تىرمىزى، سالات 115 (152)؛ نەسەئى، مەۋاقىت 12 (1/258).

[17] بۇخارى، تەقسىرۇسسالات 5، ھەج 24، 25، 27، 117، 119، جىھاد 104، 126؛ مۇسلىم سالاتۇلمۇسافىرىن 11 (690)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 271 (1202)؛ تىرمىزى، سالات 391 (546)؛ نەسەئىي، سالات 17 (1/237).

[18] – مۇسلىم، مەساجىد 19 (101 – (574))؛ ئەبۇ داۋۇد، فەرزۇسسالات 1018؛ نەسەئى، سەھۋ 1237، 1331؛ ئىبىن ماجە، ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىھا 134 (1215).

[19] – بۇخارى، ئەزان 107؛ مۇسلىم، سالات 155 (451).

[20] – ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 43/357.

[21] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 1267؛ بەيھەقى، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا سالات 4228.

[22] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[23] مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[24] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[25] – ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

[26] مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[27] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[28] بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[29] مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[30] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
7.303 قېتىم ئوقۇلدى