مۇسۇلمانلار

شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا

نەپلە روزىلار
ئاللاھ تائالا بىر ياخشىلىققا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت:
«إِنَّ اللهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە  ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ»- نىسا 4/40.
«مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ»
«كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئەكەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بار. كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت ئەكەلگىنىڭ ئوخشىشىنىڭلا جازاسىبېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەسلا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»- ئەنئام 6/160.
بۇ ۋە بۇ مەزمۇندىكى ئايەتلەر تۆۋەندىكى ھەدىسلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەستىقلايدۇ:
1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش
ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ» — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى توغرىلىنىدۇ، مېنىڭ ئەمەللىرىمنىڭ مەن روزىدار ھالدا توغرىلىنىشىنى ياقتۇرىمەن»، دېدى. – تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئۆمۈر بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇئازە ئەلئەدەۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئائىشەدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: «ھەئە، شۇنداق»، دېدى. ئاندىن مەن: «ئاينىڭ قايسى كۈنلىرى روزا تۇتاتتى؟»، دەپ سورىدىم. ئۇ: «ئاينىڭ قايسى كۈندە تۇتۇشنى تەيىن قىلىۋالمايتتى»، دېدى. -مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
 ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاي دېسەڭ، 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتقىن»، دېدى. تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
قەتادە ئىبن مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئاينىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى 13-، 14-، 15-، كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى.— ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ئۆيىدە بولسۇن مەيلى سەپەردە بولسۇن، ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى ئاينىڭ 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتماي قالمايتتى.     — نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
4- مۇھەررەم ئېيىدا روزا تۇتۇش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل روزا مۇھەررەم ئېيىنىڭ روزىسىدۇر. پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز تەھەججۇد نامىزىدۇر»— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
6- ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيراتتى (مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى).— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئامان بولسام چوقۇم مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن».— مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
7- بىر كۈن تۇتۇپ بىر كۈن ئېغىزى ئوچۇق يۈرۈش
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان روزىمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. ئۇ زات كېچىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا ئۇخلايتتى. ئۈچتىن بىرىدە ئىبادەت قىلاتتى. ئاندىن كېچىنىڭ ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى. بىر كۈن روزا تۇتاتتى. بىر كۈن ئېغىزى ئوچۇق يۈرەتتى»— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر