مۇسۇلمانلار

تاھارەت

تاھارەت
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار: پاك تۇپراق بىلەن يۈزۈڭلارغا ۋە قولۇڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى پاك قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»- مائىدە 5/6.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنى كىچىك تاھارىتى بولمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىشقا، چوڭ تاھارىتى (غۇسۇل تاھارىتى) بولمىسا چوڭ تاھارەت ئېلىشقا، ناۋادا سۇ تاپالمىسا بۇ ئىككى تاھارەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.  
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بىرىڭلار تەرەت سۇندۇرسا، قايتا تاھارەت ئالمىغۇچىلىك ئاللاھ ئۇنىڭ ھېچبىر نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ»[1]،
«تاھارەتسىز ئوقۇلغان ھېچبىر ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[2].
1 – كىچىك تاھارەت:
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دەيدۇ:
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇغا بۇيرۇغان ئىدى مەن سۇ ئەكەلدىم. ئۇ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى قاچىغا تىقىپ سۇ ئېلىپ، ئاغزى ۋە بۇرنىنى چايقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ قېتىم يۈزىنى ۋە ئۈچ قېتىم بىلىكىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ ئىككى پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ بولۇپ ماڭا: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى[3].
ئابدۇ خەير مۇنداق دەيدۇ:
ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزغا كەلدى ۋە ناماز ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن سۇغا بۇيرۇدى. بىز ئۇ تاھارەت سۈيىنى قانداق قىلىدىغاندۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغان تۇرسا. بەلكى بىزگە ئۆگىتىپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتۇق. دەرھال بىر قاچا سۇ ۋە بىر دانە داس كەلتۈرۈلدى. ئاندىن ئۇ قاچىدىن ئوڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئېغىز ۋە بۇرنىنى سۇ ئالغان قولى بىلەن سۇ بېرىپ ئۈچ قېتىمدىن چايقىدى. ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن سول بىلىكىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى سۇ قاچىسىغا تىقىپ، بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، سول پۇتىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن كىمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارىتىنى بىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن ئۇنىڭ تاھارىتىنى مانا مۇشۇنداق، دېدى[4].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم يۇيۇپ تاھارەت ئالدى[5].
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە بۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر، دېدى[6].
دېمەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەتنى بىر قېتىمدىن، ئىككى قېتىمدىن ۋە ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ ئالغان، لېكىن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يۇمىغان[7].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئۇممىتىمگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن قورقمىغان بولسام، ئۇلارنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇغان بولاتتىم[8].
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا قولىغا سۇ ئېلىپ گېلىغا كىرگۈزدى، ساقىلىنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆتكۈزدى ۋە رەببىم مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى، دېگەن ئىدى[9].
مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغاندا پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى چىمچىلاق بارمىقى بىلەن ئارىلاپ يۇيغانلىقىنى كـۆردۈم[10].
رەبىئ بىنتى مۇئەۋۋىز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى. بۇ ئەسنادا بارمىقىنى قۇلاقلىرىنىڭ تۈشۈكلىرىگە تىقتى[11].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پارچە رەختى بار ئىدى. تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئەزالىرىنى سۈرتىۋېتەتتى[12].

[1]– بۇخارىي، تاھارەت 2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2.

[2]– بۇخارىي، تاھارەت2؛ مۇسلىم، تاھارەت 2.

[3]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 24، 28، سەۋم 27؛ مۇسلىم، تاھارەت 3، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ نەسەئىي، تاھارەت 27، 28، 93.

[4]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ تىرمىزىي، تاھارەت 37؛ نەسەئىي، تاھارەت 75.

[5]– بۇخارىي، ۋۇزۇ 22؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 53؛ نەسەئىي، تاھارەت 84-85.

[6]– بۇخارىي، تاھارەت 23. بۇ ھەدىسنى رەزىن تەكشۈرۈپ چىققان.

[7]– بۇخارىي، تاھارەت 1، 22، 23.

[8]– ئىمام مالىك، مۇۋاتتا، تاھارەت 32.

[9]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 56.

[10]– تىرمىزىي، تاھارەت 30؛ ئەبۇ داۋۇد 58.

[11]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50.

[12]– تىرمىزىي، تاھارەت 40.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر