مۇسۇلمانلار

شۈكۈر نېمەتنى ئارتتۇرىدۇ

شۈكۈر نېمەتنى ئارتتۇرىدۇ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
كىرىش سۆز:
«شۈكۈر» بىرەر نەرسىدىن رازى ۋە مىننەتدار بولغانلىقنى ئىپادىلەپ ئېيتىلغان سۆز ياكى قىلىنغان ئىش دېمەكتۇر. شۈكۈر سۆز بىلەن بولغاندا «رەھمەت، تەشەككۈر، بارىكاللا، ھەشقاللا» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ بىرىنى ئېيتىش بىلەن، ئىش بىلەن بولغاندا ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بىر نەرسىدىن مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۈكۈر قىلىش ياخشىلىقنى بىلىش ۋە بۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىغا بىر ياخشى سۆز بىلەن رەھمەت ئېيتىش ياكى بىر ياخشى ئىش بىلەن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش دېگەن بولىدۇ.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئالدى بىلەن ئاللاھ ئاتا قىلغان ياخشىلىقلارنى بىلىش، ئاندىن تىل بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن ياكى ئاللاھ رازى بولىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىش بىلەن مىننەتدار بولغانلىقنى ئىپادىلەش بىلەن بولىدۇ. بۇ يازمىدا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي توختىلىمىز. ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ياخشىلىقلار، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆگەتكەن شۈكۈر يولى، ئاندىن شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جازىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
1- ئاللاھ ئاتا قىلغان ياخشىلىقلار/نېمەتلەر
ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى جانسىز ۋە جانلىق پۈتكۈل نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ خىزمىتىگە سۇنغان. يەنى:
ئاللاھ تائالا زېمىن ۋە زېمىندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار، رەڭگارەڭ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەر، يەرلىك ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ھاشاراتلار قاتارلىقلارنى يارىتىپ ئىنساننىڭ خىزمىتىگە سۇنغان.
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە ئاسماندىكى كۈن، ئاي ۋە سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى بۇلۇت ۋە شامال ۋە ئۇچارقانات قاتارلىقلارنى يارىتىپ ئىنساننىڭ خىزمىتىگە سۇنغان.
يەنى ئىنساننى ئاللاھ ياراتقان ۋە ئاللاھ ياشاتقان، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ ھەر باسقۇچىدا رىزىق بەرگەن، يول كۆرسەتكەن، ئۇ ئالغان ھەر بىر نەپەس، ئىچكەن ھەر بىر يۇتۇم سۇ، يېگەن ھەر بىر لوقما، بەدىنىنى يۆگىگەن ھەر بىر كىيىم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   
﴿أَلَمْ تَرَوْا أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَسْبَغَ عَلَيْكُمْ نِعَمَهُ ظَاهِرَةً وَبَاطِنَةً…﴾
«كۆرمىدىڭلارمۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى كۆپ ئاتا قىلدى…»- لۇقمان 31/20.
ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَآتَاكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِن تَعُدُّواْ نِعْمَتَ اللّهِ لاَ تُحْصُوهَا إِنَّ الإِنسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
«ئاللاھ سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»-ئىبراھىم 14/34.
ئىنسان ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىش بىلەن ئۇ نېمەتلەرنى تونۇيدۇ. ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار، ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر (پەيغەمبەرلەر) ئىنسانغا ئۇ نېمەتلەرنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
2- شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇنىڭ يولى
يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش كېرەك. ئەقىل بۇنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋىجدان بۇنى ھېس قىلىدۇ، قۇرئان بۇنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، پەيغەمبەر بۇنىڭغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھقا قىلىنىدىغان بۇ شۈكۈر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُلُواْ مِن طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُواْ لِلّهِ إِن كُنتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
«ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار!»- بەقەرە 2/172.
﴿فَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا وَاشْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
«ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار. ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار»- نەھل 16/114.
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
﴿بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
«ئاللاھقىلا ئىبادەت قىل ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بول»- زۇمەر 39/66.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىبادەت قىلىشقا ۋە شۈكۈر قىلىشقا بىرلىكتە ئەمىر قىلىش ئارقىلىق شۈكۈرنىڭ توغرا شەكلىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. دېمەككى، شۈكۈر تىلدىكى سۆزلا بولماستىن بەلكىدە ئەمەلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
3- شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى
ئا- شۈكۈر قىلغۇچىغا تېخىمۇ كۆپ نېمەت ئاتا قىلىنىدۇ
بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەندىنىڭ بەندە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىسىگە قىلىدىغان ياخشىلىقى ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىسىگە باشتىن-ئاخىر ياخشىلىق قىلىدۇ: ئاللاھ بەندىسىنى يارىتىدۇ، ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ ھەر باسقۇچىغا مۇناسىپ رىزىق بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر بەندە بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلسا، يەنى ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، ئاللاھ ئۇنى بالا-مۇسىبەتلەردىن ساقلايدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ نېمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لأَزِيدَنَّكُمْ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ
 «ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: ‹ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى ئازابىم بەك قاتتىقتۇر!› دەپ جاكارلىدى»- ئىبراھىم 14/7.
ئە- شۈكۈر قىلغۇچى بالا-مۇسىبەتتىن ساقلىنىپ قالىدۇ
بالا-مۇسىبەتنىڭ سەۋەبى تۇزكورلۇق قىلىش، بالا-مۇسىبەتتىن ساقلىنىشنىڭ يولى شۈكۈر قىلىش بولغانلىقىنى غاپىللار ئۇنتۇيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا بۇنى دەرھال ئەسلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ حَتَّى إِذَا كُنتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُواْ بِهَا جَاءتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءهُمُ الْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّواْ أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ دَعَوُاْ اللّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنِّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن بىر شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان بىر ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى[1] ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ چىن يۈرەكتىن ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/22.
﴿قُلْ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعاً وَخُفْيَةً لَّئِنْ أَنجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟»- ئەنئام 6/63.
﴿مَا يَفْعَلُ اللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِنْ شَكَرْتُمْ وَآمَنْتُمْ وَكَانَ اللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًا
«ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈرگە مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نىسا 4/147.
﴿إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّا آلَ لُوطٍ نَجَّيْنَاهُمْ بِسَحَرٍ. نِعْمَةً مِنْ عِنْدِنَا كَذَلِكَ نَجْزِي مَنْ شَكَرَ
«بىز ئۇلارغا بىر تاش ئەۋەتتۇق. لۇتنىڭ ئائىلىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلارنى سەھەر ۋاقتىدا[2] قۇتقۇزدۇق، ئۇلارغا نېمەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. بىز شۈكۈر قىلغانلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز» قەمەر 54/34-35.
ب- شۈكۈر قىلغۇچى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىسلەت بار. كىمدە ئۇ ئۈچ خىسلەت تېپىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا رەھمەت ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ»- ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ھەدىس نومۇرى: 397.
پ- تۇزكورلۇق قىلغۇچى يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ئاللاھ تائالا نېمەتلەرنىڭ شۈكرىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىغا سەبەئ قەۋمىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَقَدْ كَانَ لِسَبَإٍ فِي مَسْكَنِهِمْ آيَةٌ جَنَّتَانِ عَنْ يَمِينٍ وَشِمَالٍ كُلُوا مِنْ رِزْقِ رَبِّكُمْ وَاشْكُرُوا لَهُ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ.فَأَعْرَضُوا فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ الْعَرِمِ وَبَدَّلْنَاهُمْ بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَيْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَيْءٍ مِنْ سِدْرٍ قَلِيلٍ
«سەبەئ قەۋمى ئۈچۈن ئۆز يۇرتىدا بىر ئايەت بار ئىدى: ئوڭ ۋە سولدىن قورشاپ تۇرىدىغان ئىككى باغ. ئۇلارغا: ‹رەببىڭلار ئاتا قىلغان رىزىقتىن يەڭلار، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار. گۈزەل بىر شەھەر ۋە مەغپىرەت قىلغۇچى بىر رەب!› دېيىلدى.
لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم سەلىنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق»- سەبەئ 34/15-16.
خۇلاسە
ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئىنسانلارغا شۈكۈر قىلىشتىن پەرقلىقتۇر. ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا قارشى تىل بىلەن رەھمەت ئېيتىش ياكى ئۇلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ۋە ياكى ئۇلارغا ماددىي بىرەر نەرسە بېرىش ئارقىلىق بولىدۇ.
ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بولسا يا ئۇنى يا بۇنى ئەمەس، بەلكىدە دىل بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان نىيەتنى قىلىش، تىل بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، بەدەن بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مال-مۈلۈكنى توغرا سەرپ قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ.
قىسقىسى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئىچىمىزنى ۋە تېشىمىزنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ھالەتتە پاكلاش ۋە پاك تۇتۇش، دىلىمىز، تىلىمىز، پۇت-قول ئەزالىرىمىز، مال-مۈلكىمىز ۋە ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسىمىز بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆگەتكەن شۈكۈر يولى مانا بۇدۇر.
     ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن شۈكۈر قىلغۇچىلارغا مۇكاپات، تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارغا جازا بېرىلىدۇ.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر

[1]– يەنى ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى.

[2]– تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر