مۇسۇلمانلار

ئاتا-ئانىغا شۈكۈر قىلىش؟

سوئال:
ئىنسانلارغا شۈكۈر قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟ لۇقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ تەرجىمىسىدە «ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل» دېگەن ئىپادىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى بىلەتتىم لېكىن ئاتا-ئانىغا شۈكۈر قىلىشنى بىلمەيدىكەنمەن. چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
جاۋاب:
ئۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ﴾
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن›.»- لۇقمان 31/14.
ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى تونۇش، شۇنداقلا ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئەمىلى بىر ئىش قىلىش بىلەن ئۇلارغا مىننەتدارلىق دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر، مۇئمىننىڭ سۈپىتىدۇ، مۇسۇلماننىڭ خىسلىتىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا شۈكۈر قىلمىغان كىشى ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد 417.
يەنى ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى تونۇپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتمىغان، ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمىگەن كىشى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تونۇپ ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايدۇ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىگە بىر سوۋغا بېرىلسە، ئۇ كىشى تاپالىسا بەرگۈچىگە ئوخشىشىنى بەرسۇن، تاپالمىسا رەھمەت ئېيتسۇن، رەھمەت ئېيتقان كىشى شۈكۈر قىلغان بولىدۇ، رەھمەتمۇ ئېيتمىغان كىشى تۇزكورلۇق قىلغان بولىدۇ»- تىرمىزى، ھەدىس نومۇرى: 1957.
ئىنساننىڭ شۈكۈر قىلىشىغا ئەڭ لايىق بولغان ئىنسانلار ھېچ شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايەتتە ئىنسان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا ۋە ئاتا-ئانىسىغا شۈكۈر قىلىشقا بىرلىكتە بۇيرۇلغان.
ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاتا-ئانىغا شۈكۈر قىلىش ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا ماددىي جەھەتتىن ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تەخ قىلىپ بېرىش، مەنىۋى جەھەتتىن ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش ۋە ئۇلارنى يالغۇز تاشلىۋەتمەسلىك قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ.
﴿وَقَضَى رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِنْدَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُلْ لَهُمَا أُفٍّ وَلَا تَنْهَرْهُمَا وَقُلْ لَهُمَا قَوْلًا كَرِيمًا. وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا-ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!»[1] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بول، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: ‹رەببىم! ئاتا- ئانامغا ئىككىسى مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەندەك مەرھەمەت قىل!›.»- ئىسرا 17/23-24.

[1]– ئۇفف دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر