ھەر زامان ياخشىلىق قىلايلى!
باش بەت > ماقالىلەر تارىخ: 10.04.2014 يازدۇرغىن
ئاتا-ئانا ھەقلىرىگە رىئايە قىلايلى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئاتا–ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، ئاللاھ تائالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە چۈشۈرگەن بىر بۇيرۇق، بىزگە قىلغان بىر پەرزدۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى»دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىز بىزنى ھەر كۈن، ھەتتا ھەر سائەت، ھەر مىنۇت ئاتا-ئانىمىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئۇلارنى كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشقا ۋە دىللىرىنى سۆيۈندۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاللاھنىڭ بۇ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىرىغا كېچە-كۈندۈز ياخشىلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۆز ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم ياخشى مۇئامىلە كۆرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈندۈزىمۇ بايرام، كېچىسىمۇ بايرامغا ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ، ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ تونۇغاندىن كېيىن، ئاتا–ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك. تۆۋەندە بۇ ھەقلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف[1]› دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: ‹رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيەلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق مەرھەمەت قىلغىن›»- ئىسرا 17/23-24.
بۇ ئايەتلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەقلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز:
1- ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئۆزىدىن، خوتۇن-بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.
2- ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3- ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋارقىراش ياكى قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4- ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5- ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىش.
6- ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز.
7- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش.
8- باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىماسلىق سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق[2].
9- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ)
10- ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش.
11- ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش.
12- ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
بۇلار يۇقىرىقى ئايەتتىن چىقىدىغان بەزى مەزمۇنلاردۇر. بۇلار، ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىدۇر. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىشىمىز لازىمدۇر.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئۇلارنىڭ بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىقتۇر. كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:
ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا-مۇشەققىتىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ، بىر ئۆزى. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يوغىنىغان، كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.
بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد-ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.
ئاندىن كېچە-كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان: بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.
بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىمىز.
دادىمىزغا كەلسەك،
دادىمىز بىزنى دەپ قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، بىزنى دەپ بېخىل بولۇپ قالىدۇ، بىزنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بىزنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، بىزنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئوبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى تەھلىكىلەرگە ئاتىدۇ، مىڭبىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى بىزگە چىقىم قىلىدۇ، بىزنى تەربىيەلەيدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز-كۆزلىرىمىزگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقساق يۈرىكى بىز بىلەن بىللە چىقىدۇ.
ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز! ئەنە شۇ بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھالىتىمىز!
ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ، يوغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى نېمىدېگەن ئىمانسىزلىق، بەلكىدە نېمىدېگەن ۋىجدانسىزلىق- ھە!
قېرىنداشلار! بۇ تېمىنى تۆۋەندىكى بىر ئايەت ۋە ئىككى ھەدىس بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«…ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن›»-(لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن! خارۇزار بولسۇن!»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
يازغۇچى: ئالىم ئوغلى

[1]– ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[2]– چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلىرى: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟»دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن.- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
5.467 قېتىم ئوقۇلدى