تالاق پەتىۋاسىغا قىلىنغان ئېتىرازغا جاۋاب
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 08/04/2014
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگىمۇ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، بىز سىزنىڭ تالاق ھەققىدە بەرگەن پەتىۋالىرىمىزغا قۇرئان ۋە ھەدىستىن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قولىڭىزغا قەلەم ئالغانلىقىڭىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، لېكىن ئېتىرازىڭىزنىڭ ئاخىرىدا بىزنى تەۋبىگە چاقىرىشتەك ئەخمىقانە سۆزلىرىڭىزنىڭ ئىلمىيلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، دىن ۋە ئىمان بىلەنمۇ ئاساسەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىپ قالغايسىز.
سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغان يەنە بىر مەسىلە بەلكى ئالدىراقسانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن مەيلى گىرامماتىكا جەھەتتىن بولمىسۇن مەيلى ئىملا جەھەتتىن بولمىسۇن، مەيلى ئاتالغۇلارنى تەلەپ قىلىشتا بولمىسۇن سۆز-جۈملىلىرىڭىزدە خېلى مەسىلە بار. ھەتتا بىز ئېتىرازىڭىزدىكى نەقىللەرنى چۈشىنەلمەي ئەسلى ئەرەبچىسىگە قاراپ چۈشەندۇق ۋە قايتا تەرجىمە قىلدۇق. ئىملا خاتالىقى، نەقىللەرنىڭ تەرجىمىسى ۋە  ئاتالغۇلارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىش قاتارلىق جايلارنى تۈزىتىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، پاراگراف ئىچى جۈملىلەرنىڭ باغلاشماسلىقلىرىغا ۋە كېرەكسىز جۈملىلىرىڭىزگە چېقىلمىدۇق. بىز بۇ يەردە ئېتىرازىڭىزدا يازغانلىرىڭىزغا ئىمكانقەدەر توغرا چۈشىنىپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.
بىزنىڭ مەزھەپلەر ھەققىدىكى سۆزلىرىمىزنى باش- ئاخىرى بىلەن قوشۇپ مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىڭىزدىن بەزى خاتا چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلگەندەك تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلار ئىچىدە مەزھەپلەر بار ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ مەزھەپلەر داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىمىز ۋە قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دەپ قۇرئاندىكى يوليۇرۇقلارنى دەيمىز، بۇ يوليۇرۇقلارنىڭ ھاياتقا تەتبىقلىنىشىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتكەن. مەزھەپ ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر/چۈشەنچىلەر باشقىلارنىڭ ئەمەل قىلىشى كەسكىن شەرت قىلىنغان ئىسلام ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىر مۇسۇلماننىڭ سۆزى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئادەم دىننى ئۆگىنىمەن دەپ كەلسە، ئۇنىڭغا دىننى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىككىسىنى بىرلىكتە ئاساس ئالغان ھالدا ئۆگىتىش كېرەك. شۇڭا ئىسلام دىنىدا تايىنىشقا تېگىشلىك ئاساس قۇرئان ۋە ھەدىس پۈتۈنلۈكىدۇر.
توغرا، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئى مەككىلىكلەر! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار»- (نەھل 16/43) دېگەن.
تەبىئىي ھالدا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىدىغان كىشىلەردىن سوراش كېرەك. بۇ ناھايىتى توغرا بىر سۆز. لېكىن يۇقىرىدىكى ئايەت سىز دېگەندە مەزھەپ ئالىملىرى بىلەن ئەمەس، ئەھلى كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى ئۇ ئايەتتىكى «زىكىر» ئاللاھنىڭ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىدۇر. بۇنى مەزكۇر ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«بىز ئۇ پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزىلەر ۋە كىتابلار بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق»- نەھل 16/44.
دېمەككى، 43- ئايەتتىكى «ئەھلى زىكىر» دىن مەقسەت ھەرگىزمۇ سىز دەۋا قىلغاندەك «مەزھەپ ئىماملىرى» ئەمەس، بەلكىدە ئەھلى كىتابتۇر. ئۇ ئىككى ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:
ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن بۇرۇن ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە زىكىر (كىتابلار) بەردۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى (يەنى قۇرئاننى) بەردۇق. بۇرۇنقى كىتابلاردا ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق كىتاب ئىكەنلىكى ۋە سېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭ سۆزلىنىدۇ. ئى مەككە مۇشرىكلىرى! بىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، «مۇھەممەد ماڭا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىندى» دەۋاتقان قۇرئان سىلەرنىڭ كىتابلىرىڭلاردا بارمۇ؟ مۇھەممەد راست گەپ قىلىۋاتامدۇ؟ دەپ «ئەھلى زىكىر» دىن يەنى ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىگىلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدىكى «زىكىر» يەنى كىتابلار مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق -ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سىز ئۇ ئايەتتىكى (يەنى نەھل سۈرىسىنىڭ 43- ئايىتىدىكى) «زىكىر ئەھلى»نى مەزھەپ ئۆلىمالىرى دەپ چۈشەنسىڭىز، ئايەتنى توغرا چۈشەنمىگەن بولىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئايەت نازىل بولغان چاغدا مەزھەپ دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ھەر بىرى ئۆز ۋاقتىدا ياشىغان بىرەر دىنى ئالىمدۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان دەۋرلەردە دىنىمىزغا خىزمەت قىلىشقا تىرىشقان ئۆلىمالاردۇر. ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز، لېكىن دىنى مەسىلىدە قۇرئان بىلەن ھەدىسنى ئاساس قىلىمىز. مەزھەپ ئىماملىرى ئارىمىزدا ياشاۋاتقان بولسا ئىدى، يولۇققان مەسىلىلەردە ئۇلاردىن پەتىۋا سورىساق ۋە بەرگەن پەتىۋالىرىدا قايسى ئايەتكە ۋە قايسى ھەدىسكە ئاساسلانغانلىقىنى سورىساق بولار ئىدى، لېكىن ھازىر ئۇلار ئارىمىزدا يوق. شۇڭا دىنى مەسىلىلەردە ئۇلارغا تەقلىد قىلمايمىز، ئاللاھ تەسلىم بولىمىز ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىمىز، ئۇ ئۇستازلىرىمىز ھەققىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز.
ھەر مەزھەپ مۇجتەھىتلىرى ۋە بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى «ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بېغىشلاش» ئەمەس، بەلكىدە قۇرئان ۋە ھەدىستىكى مەۋجۇت ھۆكۈملەرنى ھېچقانداق كەم-زىيادە قىلماستىن ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر، خالاس. چۈنكى «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر»- (ئەبۇ داۋۇد، ئىلىم). پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۆزلىرىگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل كىتابلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر.- (نەھل 16/35،مائىدە 5/67، مائىدە 5/92، مائىدە 5/99، رەئد 13/40، نەھل 16/82، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، شۇرا 42/48، تەغابۇن 64/12).
ئەسلىدە پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئۆتىگەن ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەشكە تىرىشىش كېرەك ئىدى، لېكىن ئەپسۇس، بىز ئۆلىما دەپ كېچە-كېچىلەپ كىتابلىرىنى ئوقۇيدىغان ۋە دېگەن سۆزلىرىنى «ئىسلام دېگەن مۇشۇ» دەپ تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ مەزھىپىنى مۇستەھكەملەش ۋە باشقا مەزھەپلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان. ئوسمانىيلار دەۋرىگە كەلگەندە بولسا، مەزھەپچىلىك شۇنداق ئەۋجىگە چىققانكى، مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىقنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىدىلھەرامغا ھەر مەزھەپ ئۈچۈن بىردىن بولۇپ جەمى تۆت مېھراب ياسىتىلىپ، ھەممە مەزھەپ ئۆزىنىڭ مېھرابىدىكى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇيدىغان، باشقا مەزھەپتىن بولغان ئىماملارنى خاتا يولدىكى كىشىلەر، ئىقتىدا قىلىپ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان جاھىلىيەت ئادىتى شەكىللەنگەن.
سىز «پۈتۈن ھاياتىنى قۇرئان ئۈچۈن سەرپ قىلغان» دېگەن ئالىملارنىڭ بىر قىسمى (بەزى مەزھەپ ئالىملىرى)، پالانى مەزھەپكە مەنسۇپ بىر ئادەم پۇستانى مەزھەپكە مەنسۇپ بىر ئايال بىلەن توي قىلالامدۇ ياكى قىلالمامدۇ؟ دېگەننى مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرغان، ھەتتا بۇنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغانلارمۇ يوق ئەمەس[1]. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭ (يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار) قىز–ئاياللىرى بىلەن توي قىلالايدىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلغان[2]. ئاللاھ بىزنى ئۇنداق خەتەرلىك چۈشەنچىلەردىن ساقلىسۇن.
«مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچقانداق بىر مەسىلە قېچىپ قۇتۇلالمىغان» ئەمەس، نۇرغۇن مەسىلىلەر چۈشۈپ قالغان. شۇڭا ئۇلاردىن كېيىن ھازىرغىچىلىك بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ساناپ تۈگەتكۈسىز كىتابلار يېزىلغان، يېزىلىۋاتىدۇ.
«ئۇلار ھەربىر مەسىلىدە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)لارغا ئوخشاش زىكىر ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان»مۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار بۇ ساھابىلاردىن باشقا نۇرغۇن ساھابىلاردىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەرگىمۇ مۇراجىئەت قىلغان. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەزھىپىنىڭ ئۆزلىرى بېكىتكەن پىرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق كۆرگەنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق كۆرمىگەنلىرىنى ئىشەنچلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەزھىپىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن تەئۋىل قىلغانلار مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ مىساللىرىنى فىقىھ كىتابلىرىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەنەپى مەزھىپى ئالىملىرىدىن كەرخىينى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ[3].
«ئۇلارنىڭ زامانى پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىسىغا بىزدىن يېقىن، ئۇلارنىڭ قۇرئان ھەدىسكە بولغان چۈشەنچىسى بىزدىن روشەن، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىزدىن كۈچلۈك» دەپسىز. توغرا، مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ ياشىغان دەۋرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىگە بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوق. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ بىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىمۇ ھەممىگە ئايان. لېكىن بۇنداق بولۇشى سىز دېگەندەك، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ شەكسىز توغرا ئىكەنلىكى نەتىجىسىگە ئېلىپ بارمايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش بىرەر ئىنسان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىم خۇددى يامغۇرغا ئوخشاشتۇر. ئۇنىڭ دەسلىپىمۇ ياخشىمۇ ياكى ئاخىرى ياخشىمۇ بىلىنمەيدۇ» دېگەن[4]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا يېقىن بولۇپ، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىر زاماندا ياشاپ ئېزىپ كەتكەنلەر بار. پەيغەمبىرىمىزدىن نەچچە ئەسىر كېيىن دۇنياغا كېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدا ماڭغانلار بار. كۈنىمىزدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ، ھەتتا ھېچبىر ساھابىنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەرلەردىمۇ تەقۋادار مۇسۇلمانلار بار. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.
مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تېخى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياق ئىزلىرى ئۆچمەستىن مىڭلارچە ساھابە بىر-بىرىنى ئۆلتۈردى[5]. ھەر تەرەپ قۇرئاندىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. بىر-بىرىگە قارشى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ ئاستا- ئاستا جاھىلىيەت دەۋرى ئادەتلىرى باش كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە ھەر قانداق بىر ئىسلام تارىخى كىتابىنى ئوقۇسىڭىز بىر مۇسۇلمانغا ياراشمايدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مىڭلارچە مىسالىنى كۆرەلەيسىز.
«…مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ ھەرخىل بولۇشىتۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا رەھمىتىدىن تۆت مەزھەپ ئىماملىرىمىزغا ئوخشاش مۇجتەھىد پېشۋالىرى مەيدانغا كەلگەن» ئەمەس. ئىسلام دىنى يالغۇز بىرلا مەزھەپ. چۈنكى بۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمى. ئېسىڭىزدە بولسۇن دىنلىرىنى مەزھەپلەرگە ئايرىغانلارنى ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، دىنىنى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا-جۇداسەن. ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا قالغان. كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا قىلىمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ»- ئەنئام 6/159.
يەنە كېلىپ ئوتتۇرىغا چىققان مەزھەپ تۆت بىلەن چەكلىك ئەمەس، بەلكىدە تۆتتىنمۇ كۆپتۇر. ئۆز ۋاقتىدىكى سۇلتانلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بەزى مەزھەپلەرنىڭ تەرەپدارلىرى بەزىسىدىن كۆپرەك بولغان. بىراق بۇ، بۇ تۆت مەزھەپتىن باشقا مەزھەپ يوق دېگەن مەنىگە كەلمەيدۇ. دەرۋەقە كۈنىمىزدىمۇ مۇسۇلمانلار ئىچىدە مەشھۇر تۆت مەزھەپتىن باشقىمۇ يۈزلىگەن مەزھەپلەر بار…
ئۇلارنىڭ «… بارلىق مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل رەتلەپ چىققان»لىقى بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توغرا. لېكىن ئۇلارنىڭ سىستېمىسى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۆزىگە خاس بىر سىستېما بولۇپ، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سىستېمىسىغا ئوخشىمايدۇ.
 مەزھەپ ئىماملىرى ئۆزلىرىنىڭ رەئيىگە (چۈشەنچىلىرىگە) تايىنىپ ھالال-ھارام دەپ نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جەھەتتە ھەنەپى مەزھىپى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەنەپى مەزھىپى «رەئي ئەھلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 
«مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشى پۈتۈن دۇنيا ئۆلىمالىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن» ئەمەس. ئەگەر ئېرىشكەن بولسا، بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان يۈزلەرچە مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولاتتى.
 «ھېچكىم سىزدەك مەزھەپكە تايىنىشقا ئورۇن يوق دېگەن سۆزنى قىلمىغان» ئەمەس، ئەكسىچە مەزھەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ بۇنىڭغا قارشى چىققان ئىنسانلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. لېكىن دەۋرىنىڭ سۇلتانلىرى تەرىپىدىن قوللانغان ئۆلىمالار، قارشى پىكىردىكىلەرنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلارغا كۆز ئاچقۇزمىغان. 
«مۇجتەھىدلەرنىڭ كۆرسەتمىسى، قۇرئان ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى» ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، قۇرئان ھەدىستىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەخسىي پىكىرلەردۇر.
«مۇجتەھىدلەرگە ئەگەشكەنلىك ئىسلام پېشۋالىرىغا ئەگەشكەنلىك بولىدۇ»غانلىقى توغرا، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەگەشكەنلىكنىڭ ئۆز ئەينىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ئۇلار نېمە دېسە «توغرا دەيدۇ» دەپ قاراش ئىنساننىڭ ئىمانىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ھەممىنى توغرا قىلىش ئاللاھقىلا مەنسۇپ بىر ئالاھىدىلىكتۇر.
ئىسلام پېشۋالىرىمۇ بىرەر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالاشقان تەرەپلىرى بولسا، باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىر زۆرۈرىيەتتۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتسا، ئىنسانلارنىڭ شەخسىي پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئالدىغا قويۇش ۋە ئۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرۈش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر.
«ئىسلام ئۈممىتى قېلىپلاشقان ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام فىقھىسىگە موھتاج» ئەمەس. ئەگەر موھتاج بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ئورنىغا باشقا بىر كىتاب چۈشۈرگەن بولاتتى ياكى بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر دانە فىقىھ كىتابى يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان بولاتتى. لېكىن ئۇ ھايات ۋاقتىدا قۇرئانغا ئارىلىشىپ قالمىسۇن دەپ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنىڭ يېزىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن قۇرئاننىڭ، قىيامەتكىچىلىك دۇنياغا كېلىدىغان ئىنسانلارنىمۇ غەلىبە ۋە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش لازىم. چۈنكى قۇرئان ھەممىنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىۋى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن قۇرئاننى بىر ئوقۇپ چىقىپ، چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىنى مەزھەپ ئالىملىرى ئەمەس، قۇرئان ۋە سۈننەتنى ياخشى بىلىدىغان ۋە مەلۇم مەزھەپنى ئەمەس، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ ھايات دەستۇرى قىلغان «ئەھلى زىكىر»لەردىن سوراپ ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى بىر مەزھەپكە باغلىق كىشى مەسىلىگە ئۆزىنىڭ مەزھىپى نۇقتىئىنەزەرىدىن قارىغاچقا توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشى ناتايىن.
ئۇنداق قىلمايلى، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن تۇنۇشسۇن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان قېيىنچىلىقلىرىنىڭ چىقىش يولىنى ئۇنىڭدىن ئىزدىسۇن. يىللاردىن بىرى ئىسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنى بۇ كىتابتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكلىرىگە ھەمدەم بولۇشۇپ بەرمەيلى. بۇنداق دېسەك، ئۆزىنى دىنى ئالىم ھېسابلايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالمىسۇن. ئۇلارغىمۇ ئىش تېپىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبلەرمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە بولۇشىغا قارىماي، يولۇققان مەسىلىلىرىنى ئالىملىرىدىن سورايدۇ…
مۇجتەھىد ئىماملار ھەقىقەتەن قۇرئان ۋە ھەدىسكە مۇۋاپىق گەپ قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئەگىشىش كېرەك. لېكىن ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلىك بولماستىن ئازغانلىق بولىدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەردە قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىشلىرى شەرت ۋە كېرەكلىك. چۈنكى يەنە دەيمىز ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن «قايسى مەزھەپكە ئەگەشتىڭ» دەپ سورالماي، «سېنى ياراتقان ۋە ساڭا ھەرخىل نېمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ياشىدىڭمۇ؟ ئۇنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرگە ئەگەشتىڭمۇ؟» دەپ سورىلىدۇ…
قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ياشاشنى ھايات پىرىنسىپى قىلىۋالغانلارنى مەزھەپسىز، بۇ خىل مەزھەپسىزلىكنى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ۋە چوڭ ئاسىيلىق قىلىش دەپ تونۇپ قالغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى مەزھەپلەر شەكىللىنىشنىڭ ئالدىدىمۇ يەر شارىدا مۇسۇلمانلار ياشىغان. ئۇلار ساھابە، تابىئىن ۋە تەبىئىي تابىئىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ ئاللاھقا تەقۋا بۇلۇڭ ۋە ھېچقاچان باشقىلار ھەققىدە ئالدىراپ ھۆكۈم بەرمەڭ. بىزمۇ تەقۋالىق قىلشىقا تىرىشىۋاتىمىز.
 قاچان ۋە قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن توغرا يولدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دوستىلىرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەردۇر»- يۇنۇس 10/62-63.
ئاللاھنىڭ دۇستلىرى بولغان ئەھلى ئىلىملەرگە ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. لېكىن ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش باشقا گەپ، ئۇلار دېگەن سۆزلەرنى قۇرئان-ھەدىسكە تەڭلەپ باقماي مۇتلەق توغرا دەپ قوبۇل قىلىش باشقا گەپتۇر. بۇ خىل ئەھۋال كىشىنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ يولىغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇلار موللىلىرىنى خاتالاشمايدىغان كىشىلەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاندا تەنقىد قىلىنىدۇ. شۇڭا كىشىلەرگە ئۇ مەزھەپ ، بۇ مەزھەپنى ياكى ئۇ داموللام بۇ داموللامنىڭ گەپ ۋە سۆزلىرىنى ياكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئىسلام قىلىپ كۆرسىتىشتىن ساقلىنىڭ. ئىلىم ئەھلىنى قانداق ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى بىز سىزدىن ياخشىراق بىلىمىز.
«پۈتۈن دۇنيا ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا تۆت مەزھەپنىڭ ۋە مەسىلىلەردە مەزھەپ ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئورنى بارلىقى بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان» ئەمەس. چۈنكى
1)     باشتىمۇ دەپ ئۆتكەندەك مەزھەپلەر 4 بىلەن چەكلىك ئەمەس.
2)     مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقنى شۇ مەزھەپلەرنىڭ ئىماملىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان (ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز). شۇڭا مەزھەپ كۆزقاراشلىرىنىڭ قۇرئان ھەدىسقا ئۇيغۇن بولغىنى ئېلىنىدۇ، ئۇيغۇن بولمىغىنى تاشلىنىدۇ.
3)     بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلغىنىمۇ يوق. ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدىن باشلاپ ھۆكۈمدارلار مەلۇم مەزھەپنى قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇلارنىڭ دېگەنلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىماتىدەك، شۇلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرى «بارلىق ئۆلىمالارنىڭ» كۆز قارىشىدەك كۆرسىتىلىپ، قارشى پىكىردىكىلەر باستۇرۇلۇپ كەلگەن. شۇڭا سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزدىكى ئۆلىمالار، بارلىق ئۆلىمالارنى تەشكىل قىلمايدۇ…
4)     شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەبۇ ھەنىپە ياشىغان ھىجرىيەنىڭ 80 – يىلىدىن 150 – يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا باغدادتا ئەبۇ ھەنىفەدىن باشقا كۆپلىگەن ساھابە ۋە تابىئىين ئالىملىرىمۇ بار ئىدى.
5) ھەدىسشۇناسلار ئەبۇ ھەنىپىنى ئىشەنچلىك دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈن ساھابە تابىئىنلار بىلەن كۆرۈشكەن «چوڭ ئالىم» بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلمىغان. شۇڭا كۈتۇبۇ سىتتە ئىچىدە ئەبۇ ھەنىپىنىڭ يەنى ئىمامى ئەزەمنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتمايمىز.
ئەمدى تالاق توغرىسىدىكى تەنقىدىڭىزگە تۆۋەندە جاۋاب بېرىپ ئۆتەيلى:
سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بەقەرە سۈرىسى ۋە تالاق سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە ئاللاھ تائالا تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك، بۇ ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا «مانا مۇشۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دېگەن. ئاللاھنىڭ قانۇنى «مۇشۇ» بولغاندىكىن شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئايەتنىڭ روھى بويىچە ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا (ر.ئە) «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى پاكىزلىنىپ ئاندىن كېيىن ھەيز كۆرۈپ، ئاندىن پاكىزلانغۇچە تۇتسۇن. ئاندىن كېيىن خالىسا تۇتسۇن، خالىسا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ ئىددەتتۇركى، ئاللاھ تالاق قىلىنماقچى بولغان ئاياللارنى ئۇنىڭغا لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىنىشىغا ئەمر قىلغان» دېگەن. بۇ يەردە چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھېچقانداق بىر تەرەپ يوق. 
مانا مۇشۇنداق چۈشىنىشلىك بىر مەسىلىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئالدىدا ئۇلارغا «ئى ئاللاھ! سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن بۇ ئىش مۇنداق، ياكى سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن بىزنىڭ ئىماملىرىمىز مۇنداق قىلىپ كەلگەن» دەپ لاۋزىلىق قىلىش ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.
تالاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مۇشۇنداق بولغان. لېكىن ساھابىلەر دەۋرىگە كەلگەندە ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرى ئاساسەن ئەرەب بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا داۋاملىق بىرگە بولۇپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ساھابىلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان. تېگى-تەكتى ئەرەب بولمىغان ۋە ئىسلام دىنى بىلەن يېڭىدىن تونۇشۇشقا باشلىغان بەزى كىشىلەر بىر-بىرىنى دىنسىزلىق بىلەن ھاقارەتلەپ پارچە-پارچە گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ كەتكەن، ساھابە ۋە تابىئىينلار ئىچىدە مەۋجۇت ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھەققىدە ھەرخىل سوئاللار سورىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ سوئاللار بەزى تابىئىن ۋە ئاز ساندىكى ساھابىنىڭ بىلىدىغان ھەدىسلىرى بىلەن جاۋاپلىنىپ كەلگەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا زىت مەزھەپ ۋە پىرقىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ يەردە شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئۇلارنىڭ قولىدا كۈنىمىزدىكىگە ئوخشاش مۇقاۋىلىق جەملەنگەن مىڭلارچە ھەدىستىن شەكىللەنگەن ھەدىس كىتابلىرى يوق ئىدى. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۇۋەيمىر ئەلئەجلانىي ھەققىدىكى رىۋايەتنى ياخشى چۈشىنەلمەپسىز. بۇ خەۋەر «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمر قىلىشتىن بۇرۇن ئۇۋەيمىر ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتتى» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەزكۇر تېكىستتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تالاقنى قوبۇل قىلىپ قىلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر سۆز يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان بۇ كىشىنىڭ تالىقىنى بىر تالاق ھېسابلىغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى چۈشىنىكسىزلىكنى (بىزگە نىسبەتەن چۈشىنىكسىزلىك يوق) سىز نەقىل قىلغان ئىبنى ئابباسنىڭ شۇ سۆزى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئابابەكرىنىڭ زامانىدا، ئۆمەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا بىر لەۋزىدە قىلىنغان ئۈچ تالاق بىر تالاق ھېسابلىناتتى. بۇنى ئۆمەر ئىسلاھات ۋە سىياسەت تەرەپتىن ئۆزگەرتكەن».
بىز تالاق مەسىلىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ھۆكۈمگە ئەمەل قىلايلى دېسەك بۇنىڭ نېمە يامىنى بار؟ بۇنىڭغا چىش تىرنىقى بىلەن قارشى چىققۇچىلارنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟!
يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن سىزنىڭ ئۇۋەيمىر ئەلئەجلانىي ھەققىدىكى دەلىلىڭىزنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن ئايەتكە زىت، ئىككىنچىدىن سىز رىۋايەتنى خاتا چۈشىنىپ قاپسىز.
 سىزنىڭ دەلىلىڭىزدىن بىرى مەھمۇد بىن لۇبەيدتىن نەسەئىي رىۋايەت قىلغان سۆز ئىدى. ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان بىر كىشى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورالغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ: «مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇمغا قارىماي ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىشامسىلەر؟!» دېگەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ئۇ كىشىنى «ئۆلتۈرىۋېتەيلىمۇ؟» دەپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنى مەھمۇد بىن لۇبەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ ئىپادىدىن بۇنىڭ تالاق ھېسابلانغانلىقىنى ئەمەس، تالاق ھېسابلانمىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ئىككىنچىدىن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئەمەسلىكى ھەققىدە ھەدىس شەرھىلىرىدە مەلۇمات بار. (بەزلۇل جۇھۇد، 10/262- 263 قا قاراڭ)
مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ دەلىلىڭىزنىڭمۇ ئىشقا يارىمايدىغانلىقى ئاشكارا.
سىزنىڭ دەلىللىرىڭىزدىن يەنە بىرى روكانە ھەققىدىكى ھەدىس ئىكەن. تور بېتىمىزنىڭ «قۇرئان ئىلىملىرى» بۆلۈمىدە «تالاق» ماۋزۇلۇق تەتقىقاتتا مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بار . شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنى بۇ يەردە تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. قىزىقىدىغانلار بولسا شۇ يەرگە قارىسا بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇكى رۇكانىنىڭ ئوغلىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر رىۋايەتنىڭ داۋامىدا رۇكانىنىڭ ئىككىنچى تالاق ھەققىنى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دەۋرىدە، ئۈچىنچى تالاق ھەققىنى بولسا، ھەزرىتى ئوسماننىڭ دەۋرىدە قوللانغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد). بۇنى سىزمۇ كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك ئۈچ تالاق ھەققىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىۋالغان بولسا، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تالاق ھەققى قالمىغان بولاتتى.
بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاقنى بىر تالاق ھېسابلىغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىدا بىز ئېغىزغا ئېلىپ ئۆتكەن سۆزىگە قارشى كەلتۈرگەن دەلىلىڭىزمۇ مۇۋاپىق دەلىل ئەمەس. سىز نەقىل قىلغاندەك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا بىر ئادەم كەلگەن ئۇ ئادەم ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان. ئۇ ئادەم ئايالىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ دەپ گۇمان قىلغان ئىدى، ئىبنى ئابباس بۇنىڭغا يول تېپىپ بەرمىدى.
دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىبنى ئابباس يۇقىرىدا يوللۇق تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە بۇ توغرا تالاقنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك ئۇ، بۇ يەردىكى پەتىۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئىككىنچى يىلغىچىلىك بولغان قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاق شەكلىگە ئەمەس، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىجتىھاتىغا ئاساسلانغان.
پەتىۋا بېرىشتە باشقىلارنىڭ ئىجتىھاتى ئۈستىدىن ئىجتىھات يۈرگۈزۈلمەيدۇ. ئىجتىھات كىتاب ۋە سۈننەت ئۈستىدە يۈرگۈزۈلىدۇ.
بىز بۇ ھەقتىكى پەتىۋالىرىمىزدا مەزكۇر دەۋىردىن ئىلگىرىكى ئاللاھ رەسۇلىنىڭ دەرىدىكى پەتىۋا بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن ئايرىمىسۇن.
«ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلسا تالاق چۈشۈشنىڭ دەلىلى» دېگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك، بۇخارىيدا ئىبنى ئۆمەرگە يۆلەنگەن تۆت دانە رىۋايەت بار. ئۆمەر ئىبنۇل خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ناھايىتى ئوچۇق. لېكىن بۇنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا قارىماي يەنە ئىبنى ئۆمەر بىلەن بەزى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر مەسىلىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە بولۇپ ئۆتكەن دىيالوگدا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە بىر- بىرىگە زىت ئىبارىلەر بار. سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇل بارىدا بۇ ھەقتە خېلى ئۇزۇن ئىزاھات بار. بىز بۇ ھەقتە مەزمۇنى ئوچۇق ھەمدە قۇرئاننىڭ روھىغا مۇناسىپ بولغان بىر ھەدىسنى دەلىل قىلدۇق.   
 بىز بۇ يەردە، قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئىزاھات تەلەپ قىلمايدىغان ھۆكمى ئوچۇق بولغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن سىزنىڭ دەلىللىرىڭىزنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان تەرىپى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
ئاللاھ تائالا «تالاق سۈرىسى» دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، ئۇ سۈرىدە تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 226- ئايىتىدىن باشلاپ 242- ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھۆكۈملەرنى بايان قىلغان، بولۇپمۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە تالاقنىڭ قېتىم سانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن قارايدىغان بولسىڭىز مەزھەپ كىتابلىرىنىڭ تالاق بۆلۈملىرىدە مەزكۇر ۋە ئايەتلەرنى كۆرەلمەيسىز.
قۇرئان كەرىمدىكى ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ بەرگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىمۇ بۇ ئايەتلەردىكى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدىغان ۋە مەسىلىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزاھلايدىغان مىساللار ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا تالاققا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە زىت ھۆكۈم بايان قىلىدىغان بەزى رىۋايەتلەرمۇ بار. بىز تالاق مەسىلىسى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە پەتىۋالىرىمىزدا تالاق ھەققىدىكى ئايەتلەر بىلەن ماسلىشىدىغان ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلدۇق. ئايەتنىڭ ھۆكمىگە زىت ھەدىسلەر، سەنەد جەھەتتە سەھىھ بولسىمۇ لېكىن مەنا جەھەتتە سەھىھ ئەمەس. چۈنكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھېچقاچان ئۆزى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلغان قۇرئانغا زىت بىر نەرسە سۆزلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىر ئەلچى، بۇيرۇلغاننى ئەۋەتىلگۈچى تەرەپكە يەتكۈزىدۇ. لېكىن ئەۋەتكۈچىنىڭ دېگەنلىرىگە خىلاپ بىر نەرسە دېمەيدۇ.
قۇرئان ۋە سۈننەتتە بۇيرۇلغان تالاق بىر قېتىمدىن تالاق قىلىش ۋە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىشتۇر. لېكىن بىدئەت تالاق ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك «بىدئەت» بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «…ئىشلارنىڭ يامىنى يېڭى پەيدا بولغان (يەنى بىدئەت) ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر». (مۇسلىم). يەنە بىر رىۋايەتتە: « بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر ۋە ھەرقانداق گۇمراھلىق، دوزاختىدۇر» دېيىلىدۇ.
دىندا يېڭى نەرسىلەر پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئورنىنىڭ دوزاخ ئىكەنلىكى ھەققىدە (سىزمۇ بىلىسىز) نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. دەسلەپكى دەۋرلەردىن باشلاپ بىدئەت تالاقنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى بىلەن بىللە قوبۇل قىلمىغانلارمۇ بار ئىدى.
پۈتۈن دىنى ئىلىملەر ساھەسىدە ئەڭ باشتا ئىسمى زىكىر قىلىنىدىغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ : «تالاق رەسۇلۇللاھنىڭ، ئابابەكرىنىڭ ۋە ئۆمەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا ئۈچ تالاق بىر لەۋزىدە بىر تالاق ئىدى، ئاندىن كېيىن ئۆمەر ئىسلاھات ۋە سىياسەت تەرەپتىن ئۆزگەرتكەن» دېگەن سۆزىنى بۇ يەردە ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. دىننىڭ بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا جەھەتتىكى ئەھكاملىرى ھەققىدە ھەزرىتى ئۆمەردىن كېيىنكى ھۆكۈملەرنى ئەمەس، ئۇنىدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈملەرنى تۇتۇش لازىم. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولىمىز.
يەنە كېلىپ بىر لەۋزىدە قىلىنغان ئۈچ ۋە تېخىمۇ كۆپ تالاقنىڭ بىر تالاق بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ ساننى ئېگەللەيدۇ. سىز كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىسىزغۇ؟ شۇنداق بولغانىكەن، بىر لەۋزىدە ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تالاق قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان تالىقىنىڭ بىر تالاق ھېسابلىنىشنى پىكرى تېخىمۇ توغرا بولسا كېرەك!!!
تالاق مەسىلىسى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆكۈم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە بىدئەت پەيدا قىلىش قانچىلىك خاتا بولسا، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت بولغان بۇنداق بىدئەت ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشمۇ ئوخشاشلا خاتا.
دەرۋەقە دىيارىمىزدا ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرىدا «بىدئەت تالاق» دېگەن ئىسمىدىنمۇ خاتالىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان تالاق ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىنغانلىقى، قۇرئان ئوتتۇرىغا ۋە پەيغەمبەر ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسى تەرك ئېتىلىپ، مەزھەپچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «بىدئەت تالاق سىستېمىسى» چىڭ تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان سەبىيلەرنىڭ ئۆگەي ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، مېھرى–شەپقەتسىز چوڭىيىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈچ تالاققا پەتىۋا چىقىرىپ بېرىش تىجارىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىر قىسىم موللا قىياپەتلىك كىشىلەر بۇ تىجارەتتىن نان تېپىپ يەۋاتقان. ئەگەر قۇرئان ۋە ھەدىس كۆرسەتكەن بويىچە مەيدانغا كەلمىگەن تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ياكى بىر لەۋزىدە قىلىنغان ئۈچ تالاق بىر تالاق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كەڭ مۇسۇلمانلار چۈشىنىپ يەتسە ئىدى، بۇنىڭدىن نان تېپىپ يەۋاتقانلارنىڭ بازىرى ئاللىبۇرۇن يېتىپ قالغان بولاتتى.
بىز مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلمىدۇق ۋە قىلمايمىز. ئەكسىچە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ قۇرئانغا ماس كەلگەن تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلايلى، زىت كەلگەن تەرەپلىرىنى رەت قىلايلى، دېدۇق ۋە بۇندىن كېيىنمۇ دەيمىز. تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېگەنلىكىدىن خەۋىرىڭىز يوقتەك قىلىدۇ. خەۋەردار بولۇپ قېلىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ:
ئەبۇ ھەنىفە پەتىۋا بەرگەندە مۇنداق دەيتتى: «بۇ نەئمان ئىبنى سابىتنىڭ كۆزقارىشىدۇر (يەنى مېنىڭ كۆزقارىشىمدۇر). بۇ بىز يېتەلىگەن ئەڭ ياخشى نەتىجىدۇر. كىم بۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە يېتەلىسە، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىش تېخىمۇ توغرىدۇر»
ئىمامى شافىئىي مۇنداق دېگەن:
«ھەدىس سەھىھ بولسا، مېنىڭ مەزھىپىم شۇدۇر» يەنە بىر رىۋايەتتە: «مېنىڭ سۆزۈمنىڭ ھەدىسقا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەڭلار، سىلەر ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، مېنىڭ سۆزۈمنى تاشلىۋېتىڭلار».
ئىمامى مالىكنڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رەسۇلۇللاھتىن باشقا ھېچقانداق كىشىنىڭ سۆزىنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قوبۇل قىلغىلى بولمىغاندەك، پۈتۈنلەي رەت قىلغىلىمۇ بولمايدۇ».
ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل:
«مېنى، مالىكنى، ئەۋزائىينى، نەخەئىينى ياكى باشقا ھېچقانداق كىشىنى تەقلىد قىلمىغىن! ھۆكۈملەرنى ئۇلار ئالغان يەردىن، يەنى كىتاب ۋە سۈننەتتىن ئالغىن!» دېگەن.
مانا بۇ بىز قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىۋالغان مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىدۇر.
(ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى تەرجىمىھال كىتابلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسەتلىك بۆلۈملىرىدە، ئىسلام فىقىھ تارىخ كىتابلىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان كىتابلاردا زىكىر قىلىنىدۇ).
مۇسۇلمان كىشى داۋاملىق تەۋبە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئەمەس، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلايلى دېگەنلىكىمىز ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ بۇنىڭغا چاقىرغانلىقىمىز ئۈچۈن سىزنىڭ بىزنى «تەۋبىگە دەۋەت» قىلىشىڭىز چېكىدىن ئاشقان لاۋزىلىقتۇر، ھەددىدىن ئارتۇق جاھىللىقتۇر ۋە ئۆتۈپ كەتكەن مۇتەئەسسىپلىكتۇر.
ئىسلام دىنى مودا تەلەپ قىلمىغاندەك مۇتەئەسسىپلىكنىمۇ قاتتىق رەت قىلىدۇ. قۇرئاننى ئېچىپ ئوقۇپ باقسىڭىز مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان نۇرغۇن ئايەتلەرنى كۆرىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلىمىز. بىرى ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرىۋاتسا، سىزنىڭ قوپۇپ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ياندۇرۇپ موللىلىرىڭىزنىڭ كىتابىغا دەۋەت قىلىشىڭىز نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئەھۋال- ھە! سىز بۇ يولدىكى كىشىلەرنى «مودىچىلىق» بىلەن تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ قانچىلىك خاتا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟!

[1]– ئەلبەھرۇررائىق 2/49.

[2]– مائىدە 5/5.

[3]– كەرخىي ھەنەپىيە مەزھىپى ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسلەر ھەققىدە ئېيتقان مۇنۇ سۆزى مەشھۇردۇر: «بىزنىڭ مەزھىپىمىزگە خىلاپ كەلگەن ھەرقانداق ئايەت يا مەنسۇختۇر (ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ) ياكى تەئۋىل قىلىنغۇچىدۇر (يەنى مەنىسى بىزنىڭ مەزھىپىمىزگە توغرىلىنىدۇ)»- ئۇسۇلۇل كەرخي، مۇھەممەد خۇزەرى بەگ، تارىخۇتتەشرىئىل ئىسلامىي، 219- بەت.

[4]– تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ئەتتەيالىسىي ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان.

[5]– ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر جەمەل ئۇرۇشى ۋە سىففىن ئۇرۇشى ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا بولغان ۋە مىڭلارچە ساھابىنىڭ شېھىت قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشلاردۇر.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ