مۇسۇلمانلار

تالاق پەتىۋاسىغا ئېتىراز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئىلىم دېڭىزلىرىدا ئۈزۈشكە مۇيەسسەر قىلسۇن. ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم:
مەن سىزنىڭ «بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلسا ئۈچ تالاق بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن تۆت مەزھەپ ئىماملىرىمىزنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېگەن سۆزىڭىزنى، بۇ ھەقتە ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىپ قويغانلىقىڭىزنى، شۇنداقلا سىزنىڭ خاتالاشقانلىقىڭىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ دەلىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقچى مەن.
1- سىز بەرگەن پەتىۋالىرىڭىزدا مەزھەپ مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ئىسلامدا مەزھەپكە تايىنىشقا ئورۇن يوق، دەپ جاۋاب بېرىپسىز. بۇ سۆزىڭىزگە رەددىيە:
1) ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئۆزى بىلمىگەن ئىلىملەردە زىكىر ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
2) ھەر مەزھەپ مۇجتەھىتلىرى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلامنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بېغىشلىغان، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ھېچقانداق مەسىلە قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ئۇلار ھەربىر مەسىلىدە ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن)لارغا ئوخشاش زىكىر ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان، ئۇلارنىڭ زامانى پەيغەمبىرىمىز زامانىسىغا بىزدىن يېقىن، ئۇلارنىڭ قۇرئان ھەدىسكە بولغان چۈشەنچىسى بىزدىن روشەن، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىزدىن كۈچلۈك.
3)- مەزھەپچىلىك مەسىلىسى بولسا ئىسلامنىڭ ناھايىتى تىز كېڭىيىشى، ئىسلامغا كىرگەن مىللەتلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئىسلام زېمىنىنىڭ خەلقئارالىشىشى، ئىسلام ئىلمىنىڭ چەكسىز كەڭلىكى تۈپەيلىمدىن رايون، قەبىلە شارائىت تۈپەيلىدىن، ئەرەب تىلىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپلۈكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشەنچىسىنىڭ ھەرخىل بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا رەھمىتىدىن تۆت مەزھەپ ئىماملىرىمىزغا ئوخشاش مۇجتەھىد پېشۋالىرى مەيدانغا كېلىپ، ئىسلامنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل رەتلەپ چىققان. ئۇلار بۇ جەرياندا قۇرئان-ھەدىسكە، ساھابىلارنىڭ ئىجىماسىغا، ئاندىن كېيىن زامان ئەھلىنىڭ قىياسىغا تايانغان، ھەرگىزمۇ ئۆز ئىچىدىن سۆز قىلمىغان.
 مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشى پۈتۈن دۇنيا ئۆلىمالىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، ھېچكىم سىزدەك مەزھەپكە تايىنىشقا ئورۇن يوق، دېگەن سۆزنى قىلمىغان. مەن بۇنداق دېيىشىدىن ئۇلارنى خاتالىقتىن ئومۇميۈزلۈك خالى دېمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق مۇجتەھىد ئىجتىھادىدا توغرىغا يەتسە ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىغا، ئەگەر توغرا نىيەت بىلەن خاتالاشسا بىر ھەسسە ئەجىر بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن.
مۇجتەھىد ئىماملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى قۇرئان ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى مۇجتەھىدلەرگە ئەگەشكەنلىك ئىسلام پېشۋالىرىغا ئەگەشكەنلىك بولىدۇ. ئاللاھنىڭ دوستلىرى ئىسلام پېشۋالىرىغا تەنە قىلغانلىق پاسىقلىق بولىدۇ، دەپ بېكىتكەن.
ئىسلامدىكى ھەربىر شەخسنىڭ سىزدەك مۇجتەھىد بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ۋە ھەممىلا كىشىنىڭ قۇرئان، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق چۈشىنەلىسىمۇ ھەرخىل شارائىتتىكى ھەرخىل مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك جاۋاب بېرەلىشى ھەم مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى قېلىپلاشقان ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام پىقھىسىگە موھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىۋى مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھەپ تۇتۇشى، ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىدە مەزھەپ مۇجتەھىدلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك.
مېنىڭ مۇنداق دېگىنىم ھەربىر شەخس ھاياتىدا مەلۇم بىر مەزھەپنى ئۆزىنىڭ ئاساسى مەقسىتى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىجتىھاتىنى كۆزگە ئىلماسلىقى كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى ئىسلام دىنىدىكى تۆت مەزھەپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس.
ئەمما ھازىرقى زامان يېڭى مەسىلىلىرىگە قارىتا قۇرئان، ھەدىس، ئىجتىھات ئۆلىمالىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن سىزدەك مۇجتەھدلەرنىڭ مەسىلىلەرنى يەكۈنلەپ ئىسلامنىڭ پىقىھ ساھەسىگە كۈچ قوشۇشنى قارشى ئالىمەن. لېكىن مۇجتەھىد ئىماملىرىغا ئەگەشكەنلىك قۇرئان ھەدىسكە، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلىك، ھەرگىزمۇ ئازغانلىق ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىسلامدا مەزھەپكە ئەگىشىشكە ئورۇن يوق دەپ داۋراڭ سېلىپ، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشىڭىز چوڭ ئاسىيلىق. مەن سىزگە بۇيەردە مەزھەپ مۇجتەھىتلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرسام ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكۈدەك، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە مەسلىھەتىم سىز ئاللاھقا تەقۋا بۇلۇڭ، ئاللاھنىڭ دۇستلىرى بولغان ئەھلى ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلىڭ. مۇسۇلمانلارنى پارچىلاشتىن ئېھتىيات قىلىڭ، ئاللاھ قۇرئانى كەرىمدە دىننى ئەھيا قىلىش بىلەن بىرگە دىندا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشنى توسقان، پۈتۈن دۇنيا ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا تۆت مەزھەپنىڭ ۋە مەسىلىلەردە مەزھەپ ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئورنى بارلىقىنى بىردەك ئېتىراپ قىلغان.
تۆۋەندە بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلسا بىر تالاق بولىدۇ دېگەن سۆزىڭىزگە رەددىيە.
1- ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە بەقەر سۈرىسىدە تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىش لازىم. سۈرە بەقەرە، 229- ئايەت.
2- يەنە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «ئى پەيغەمبەر ئەگەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار ئۇلارنى ئىددىتى ئۈچۈن تالاق قىلىڭلار، يەنى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولمىغان پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىڭلار» دېگەن.
ھەقىقەتەن شەرىئەت بۇيرۇغان تالاق بىر قېتىمدىن تالاق قىلىش ۋە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلمىگەن ھالىتىدە تالاق قىلىش، لېكىن بىدئەت تالاق بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلىش، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن پاكلىق ھالىتىدە ياكى ھەيزدار ھالەتتە جۇمھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە چۈشىدۇ.
 سەھىل ئىبنى سەئىدنىڭ، سەھىھۇلبۇخارى ۋە سەھىھ مۇسلىمدا ئۇۋەيمىر ئەجلاننىڭ لەنەت قىسسىدە ئۇۋەيمىر ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئىنكار قىلمىغان.
مۇھەممەت ئىبنى لەبىت نەسەئىدە سۆزلىگەن بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچ تالاقنى بىر قېتىمدا چۈشۈرگەنلىكىگە غەزەپ قىلغان، بۇ ھەدىس بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلسا ئۈچ تالاق بولىدىغانلىقىغا، ئەمما تالاق قىلغۇچىنىڭ ئاسىي بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
روكانە ئبىنى ئابدۇ يەزىد ئايالى سۇھەيمەنى ئۈچ تالاق قىلدى، ئاندىن بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلدى ۋە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەت بىرنى ئىرادە قىلدىم، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن پەقەت بىرنى ئىرادە قىلدىڭمۇ؟» دېدى، روكانە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەت بىرنى ئىرادە قىلدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئايالىنى قايتۇرۇپ كېتىپ، يارىشىپ قىلىشنى ئېيتتى. بۇ ھەدىسنى ئىمامى شاپى، ئەبۇ داۋۇت، تىرمىزى، ئىبنى ماجە.
ئەمدى مۇشۇ ھەدىسلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن قارىغاندا بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلسا ئۈچ تالاق چۈشىدۇ، چۈنكى روكانە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئۈچ تالاقتىن پەقەت بىر تالاقنى نىيەت قىلغانلىقىنى سۆزلىگەن. ئەگەر ئۇ ئۈچ تالاقنى نىيەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە چۈشەتتى، ئەگەر ئۈچ تالاق چۈشمىگەن بولسا پەيغەمبىرىمىز ئۇنى قايتا-قايتا سورىماس ئىدى. ئۇمۇ قەسەم بىلەن جاۋاب بەرمەس ئىدى.
بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاقنى بىر تالاق دىگۈچىلەرنىڭ دەلىلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئابابەكرىنىڭ زامانلىرىدا ۋە ئۆمەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا بىر لەۋزىدە قىلىنغان ئۈچ تالاق بىر تالاق ھېسابلىناتتى، ئاندىن كېيىن ئۆمەر بۇنى ئىسلاھات ۋە سىياسەت قىلىپ ئۆزگەرتكەن» دېگەن رىۋايتىدۇر.
بۇنىڭغا جاۋاب تۆۋەندىكى رىۋايەتلەردۇر:
مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىبنى ئابباس بىر مۇددەت جىم تۇردى. ھەتتا مەن، ئىبنى ئابباس ئۇ كىشىگە يول چىقىرىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئاندىن ئىبنى ئابباس سۆزنى مۇنداق باشلىدى: بىرىڭلار بېرىپ ئەخمەقلىققا مىنىدۇ، ئاندىن كېيىن «ئىبنى ئابباس! ئىبنى ئابباس!» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا: «كىم ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى قىلىدۇ» (تالاق 65/1) دەيدۇ. سەن ئاللاھدىن قورقمىدىڭ، شۇڭا مەن ساڭا بىر چىقىش يولى تاپمىدىم. سەن رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلدىڭ، ئايالىڭ سەندىن ئاجرىشىپ كەتتى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
بىر ئادەم ئىبنى مەسئۇتنىڭ قېشىغا كەلدى مەن ئايالىمنى سەككىز تالاق قىلدىم دېدى دېدى، ئىبنى مەسئۇت ساڭا باشقىلار نېمە دېدى، دېدى. ئۇ ئادەم: ئايالىڭ سەندىن بائىن بولۇپتۇ دېدى، دېدى. ئىبنى مەسئۇد ئۇلار توغرا دەپتۇ دېدى.
بىر ئادەم ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ قېشىغا كېلىپ مەن ئايالىمنى 100 تالاق قىلدىم دېدى، ئوسمان ئىبنى ئەففان ئايالىڭ ئۈچ تالاق بىلەن ھارام بولدى،97 سى سەن ئۈچۈن زۇلۇم دېدى. بىر ئادەم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپنىڭ قېشىغا كېلىپ مەن ئايالىمنى مىڭ تالاق قىلدىم دېدى، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ئايالىڭ سەندىن ئۈچ تالاق بولدى دېدى.
ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلسا تالاق چۈشۈشنىڭ دەلىلى:
ئىبنى ئۆمەر ئايالنى ھەيزدار ۋاقىتتا تالاق قىلغان، پەيغەمبىرىمىز ئىبنى ئۆمەرنى ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان. قايتۇرۇۋېلىش تالاق چۈشكەندىن كېيىن بولغان.
ئىبنى ئابباسنىڭ تالاق ئۆمەرنىڭ زامانىسىغىچە ئۈچى بىر لەۋزىدە بىر تالاق دېگەن سۆزىگە قارشى ئۆزىنىڭ بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلغان ئادەمنىڭ ئايالىنى ئۈچ تالاق دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكى بىر لەۋزىدە بىر تالاق قىلسا سۈننەت تالاق بولىدىغانلىقى، ئەمما بىر لەۋزىدە ئۈچ تالاق قىلسا بىدئەت ھالەتكە چۈشىدىغانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتىدۇر.
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن قارىغاندا ئاياللارنى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن پاكلىق ھالىتىدە بىر قېتىم-بىر قېتىمدىن تالاق قىلىش شەرىئەت بەلگىلىگەن سۈننەت تالاق ئىكەنلىكىنىڭ ۋە بۇ تالاقنىڭ چۈشىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. سەھىل بۇخارى 5331 . ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنى بىر لەۋزىدە تالاق قىلغانلىق ۋەقەلىكىدە مەن ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلسام قايتۇرۋېلىشىم ھالالمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياق، ئايالىڭ سەندىن بائىن بولىدۇ سەن گۇناھكار بولىسەن دېگەن. مۇسلىم ئىبنى ئابباس رىۋايەت قىلغان.
تۆت مەزھەپ ئىماملىرى بولسا قۇرئان ھەدىسنى چۈشىنىشتە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن (ئۆمەر، ئابابەكرى، ئوسمان، ئەلى، ئابدۇللا ئبىنى ئۆمەر ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلاردىن) ئالغان.
تۆت مەزھەپ پېشۋالىرىنى خاتالاشتى دېگەنلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى خاتالاشتى دېگەنلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز قاتتىق تەۋبە قىلىڭ ۋە ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭ، ئىسلام دىنىمىز مودا تەلەپ قىلمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر