مۇسۇلمانلار

قەئدە ئاخىر ۋە سالام

6- ئاخىرقى ئولتۇرۇش (قەئدە ئاخىر):
پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازنى خاتا ئوقۇغان كىشىگە: «… ئاندىن سەجدىگە بارغىن ۋە سەجدىدە تۈز بولغىن. ئاندىن تۈپتۈز ئولتۇرغىن، ئولتۇرۇشتا ئارام ئالغىن. ئاندىن ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە پۈتۈن رەكەتلەرنى بۇ شەكىلدە ئوقۇغىن، مۇشۇنداق قىلساڭ نامىزىڭ تولۇق بولىدۇ. بۇلاردىن ھەرقانداق بىرىنى كەم قىلساڭ نامىزىڭ كەم بولىدۇ»[1] دېگەنلىكى ئاخىرقى ئولتۇرۇشنىڭ نامازنىڭ بىر ئەركانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى نامازنىڭ شەرتىنىڭ ياكى ئەركانىنىڭ كەم بولۇشى بىلەن كەم بولىدۇ.
بۇ ئولتۇرۇشنىڭ شەكلى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزدىن كەلگەن پەرقلىق رىۋايەتلەر بار. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: مەن دادام ئابدۇللاھنىڭ نامازدا تەشەھھۇد (ئەتتەھىيياتۇ…) دا باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ دادامدەك باداشقان قۇرۇپ ئولتۇردۇم. ئۇ كۈنلەردە يېشىم كىچىك ئىدى. دادام ئابدۇللاھ مېنى بۇ ئولتۇرۇشتىن مەنئى قىلدى ۋە: «نامازدىكى ئولتۇرۇش ئوڭ پۇتنى تىلەش، سول پۇتنى ياتقۇزۇش شەكلىدە بولىدۇ» دېدى. مەن: «لېكىن سەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرىسەن» دېسەم، ئۇ: «شۇنداق، مەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرىمەن. چۈنكى مېنىڭ پۇتلىرىم مېنى كۆتۈرەلمەيدۇ» دېدى[2].
بۇنىڭ بىرلىكتە پەيغەمبىرىمىزنى ھەر ئىككى پۇتىنى ياتقۇزۇپ ئولتۇرغانلىقىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئولتۇرۇشنىڭ شەكلى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
ئا) ئوڭ پۇتنى تىكلەپ ئولتۇرۇش،
ئە) ئوڭ پۇتنى ياتقۇزۇپ ئولتۇرۇش.
ھەر ئىككىلىسى سەھىھ رىۋايەتلەردە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلىمالار: «ئوڭ پۇتنى تىكلەپ ئولتۇرۇش مۇستەھەپ بولۇپ، بۇنى تەرك قىلىش جايىزدۇر. رەسۇلۇللاھ جايىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەر ئىككىسىنى قىلغان[3].
6. 1- ئەتتەھىيياتۇ ئوقۇش:
ناماز ئوقۇغۇچى كىشى نامازنىڭ ئاخىرقى سەجدىسىنى قىلغاندىن كېيىن ئولتۇرىدۇ، پەيغەمبىرىمىز ئوقۇغان ۋە ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەن «ئەتتەھىيياتۇ…» نى ئوقۇيدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«رەسۇلۇللاھ ماڭا قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ قۇرئاندىن بىر سۈرە ئۆگەتكەندەك ئەتتەھىيياتۇنى ئۆگەتتى»[4].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇسا، ھەر ئىككى ئولتۇرۇشتا ئەتتەھىيياتۇ… ئوقۇيتتى» دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ[5].
شۇڭا نامازدىكى ئولتۇرۇشلاردا ئەتتەھىيياتۇ ئوقۇلىدۇ. ئەتتەھىيياتۇنىڭ شەكلى توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر كەلگەن. بىز ئۇلاردىن ئەڭ مەشھۇر بولغىنىنى تۆۋەندە يازىمىز، لېكىن ئەتتەھىيياتۇنىڭ پەرقلىق رىۋايەتلەردىكىدىن بىرىنى ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئەڭ مەشھۇر ئەتتەھىيياتۇ شەكلى مۇنداق:
«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ السَّلامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ أَشْهَدُ أَنْ لا إِلَهَ إِلا اللَّهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»
«تىل، بەدەن ۋە مال بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىمىز ئاللاھقا خاستۇر. سالام ساڭا بولسۇن ئى پەيغەمبەر، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرىمۇ ساڭا بولسۇن. سالام بىزلەرگىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ بولسۇن. مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»[6].
ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا ئوڭ قولنىڭ ئىشارەت بارمىقىنى كۆتۈرىدىغان ئىش بار. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بىلىنىشىچە ئەتتەھىيياتۇ ئوقۇش ئەسناسىدا ئوڭ قولنىڭ ئىشارەت بارمىقىدىن باشقا بارماقلىرى يۇمۇلىدۇ[7].
ئەلى ئىبنى ئابدۇراھمان ئەلمۇئاۋىي مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مېنىڭ نامازدا ئۇششاق تاشلار بىلەن ئويناۋاتقانلىقىمنى كۆردى، نامىزىم ئاخىرلاشقاندا مېنى ئۇنداق قىلىشتىن مەنئى قىلدى ۋە: سەنمۇ رەسۇلۇللاھ قىلغاندەك قىلغىن، دېدى. مەن: رەسۇلۇللاھ قانداق قىلاتتى؟ دېدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ نامازدا ئولتۇرغان چېغىدا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قوياتتى، ھەممە بارماقلىرىنى يۇماتتى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قوياتتى[8].
6. 2- ئاللاھۇممۇ سەللىئەلا، ئاللاھۇممە بارىكئەلا ئوقۇش
ئەتتەھىيياتۇدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:
 فەدالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىر ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇپ ئەتتەھىيياتۇدا دۇئا قىلغانلىقىنى، دۇرۇت ۋە سالام يوللىمىغانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە: «بۇ ئادەم ئالدىراپ كەتتى» دېدى. ئاندىن ئۇنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىرىڭلار ناماز ئوقۇغان چېغىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن باشلاپ، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ۋە سالام يوللىسۇن، ئاندىن خالىغىنىچە دۇئا قىلسۇن»[9].
كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھقا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنى ساڭا دۇرۇت ۋە سالام يوللاشقا ئەمر قىلدىڭ. سالامنى قانداق يوللاشنى بىلىمىز، دۇرۇتنى قانداق يوللايمىز؟ دەپ سورىغان ئىدۇق. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېدى:
«اَللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِمُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى اِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ اِبْرَاهِيمَ اِنَّكَحَمِيدمَجِيدٌ.
اَللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَىآلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى اِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ اِبْرَاهِيمَاِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ»
«ئى ئاللاھ! ئىبراھىمنىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلغىنىڭدەك، مۇھەممەدنىڭ ۋە مۇھەممەدنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلغىن. سەن مەدھىيەگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن! ئى ئاللاھ! ئىبراھىمغا ۋە ئىبراھىمنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭدەك مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. سەن مەدھىيەگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن»[10].
6. 3- دۇئا (رەببەنا) ئوقۇش:
ناماز ئوقۇغۇچى ئەتتەھىيياتۇ، ئاللاھۇممە سەللىئەلا ۋە ئاللاھۇممە بارىكئەلانى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خالىغىنىچە دۇئا قىلسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«… ناماز ئوقۇغۇچى (ئەتتەھىيياتۇ، ئاللاھۇممە سەللىئەلا ۋە ئاللاھۇممە بارىكئەلانى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) ئۆزى خالىغان بىر دۇئانى تاللاپ ئوقۇسا بولىدۇ»[11].
پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىدا باشقىلارنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش بىلەن بىرگە ئۆزى ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا پەرقلىق دۇئالارنى قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خالىغانلار ئۇ دۇئالاردىن بىرنى، خالىغانلار ئۆز كۆڭۈللىرىگە كەلگەن بويىچە، خالىغانلار ھەر بىرى بىرەر ئايەت بولغان مەشھۇر رەببەنا ئاتىنا… نى ياكى رەببەنەغفىرلى… نى ئوقۇسا بولىدۇ:  
«رَبَّنَا آَتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآَخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار»
«رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلا!»- بەقەرە 2/201.
«رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ»
«رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە مېنى، ئاتا-ئانامنى ۋە بارلىق مۇئمىنلارنى ئەپۇ قىل!»- ئىبراھىم 14/41.
7- سالام بېرىش
ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا ئەتتەھىيياتۇ، ئاللاھۇممە سەللىئەلا، ئاللاھۇممە بارىكئەلا ۋە دۇئالار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە، ئاندىن سول تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىلىدۇ. ئىفتىتاھ تەكبىرىنىڭ نامازنىڭ بىر ئەركانى بولغانلىقىغا دالالەت قىلغان ھەدىس نامازنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرىشنىڭمۇ نامازنىڭ بىر ئەركانى بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ھەدىس مۇنداق:
«نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەتتۇر، بېشى تەكبىردۇر، ئاخىرى سالامدۇر»[12].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قانداق سالام بەرگەنلىكىنى ئەمر ئىبنى سەئد دادىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلىدۇ:
رەسۇلۇللاھ نامىزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ئوڭ تەرىپىگە ۋە سول تەرىپىگە سالام بېرەتتى. ھەر تەرىپىگە سالام بەرگەندە يۈزىنى شۇ تەرەپكە چۆرۈيتتى. مەن ئارقىدا بولغان تۇرۇپ رەسۇللاھنىڭ ئىنىكىنىڭ ئاقلىقىنى كۆرەتتىم[13].
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ نامىزى ئاخىرلاشقاندا ئوڭ تەرىپىگە ۋە سول تەرىپىگە سالام بېرىۋېتىپ: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» دەيتتى[14].

[1]– تىرمىزى، سالات 226.

[2]– بۇخارى، ئەزان 145؛ مۇۋەتتا، سالات 51؛ نەسەئى، تەتبىق 95.

[3]– ئىبراھىم جانان، ھەدىس ئېنسىكلوپېدىيەسى كۇتۇبى سىتتە ئاقچاغ-زامان، ئىستانبۇل، 8- جىلد، 82- بەت.

[4]– بۇخارى، ئەزان 148، 150، ئەمەل فىسسالات 4؛ مۇسلىم، سالات 55-59 (402)؛ تىرمىزى، سالات 215؛ نەسەئى، تەتبىق 100.

[5]– مۇسلىم، سالات 240 (498).

[6]– تىرمىزى، سالات 215؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 177-178؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 193؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 24. بەزى ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز ۋاپاتىدىن كېيىن ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ «السَّلامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ» نىڭ ئورنىغا ئەسسەلامۇ ئەلەننەبىي «السَّلامُ عَلَى النَّبِيّ» يەنى «سالام ئۇ پەيغەمبەرگە بولسۇن» دېيىشكە باشلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. قاراڭ: بۇخارى، ئىستىئزان 28. لېكىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبىرىمىز بىزگە ئەتتەھىيياتۇنى مۇشۇنداق ئۆگەتتى، بىزمۇ مۇشۇنداق ئۆگىتىمىز» دەپ ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ دېگەن شەكلى بىلەن ئوقۇلۇشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قاراڭ: ئەھمەد نەئىم، تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى، 2- جىلد، 877- بەت، 459- ھەدىسنىڭ شەرھى. بىزنىڭچىمۇ بۇ توغرىدۇر. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبىرى بولغانلىقىنى بىلگەن تۇرۇپ «ئەتتەھىيياتۇنى مەن ھايات ۋاقتىدا مۇنداق، مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنداق ئوقۇڭلار» دەپ بىر ئەسكەرتىش قىلمىغان.     
 

[7]– بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى مەزھەپ ئالىملىرى پەرقلىق چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشلىرى پەرقلىقتۇر. مەسىلەن: ھەنەفىيلەر كۆرسەتكەچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇنىڭ ئاخىرىدا كېلىدىغان «ئەشھەدۇ ئەنلا» دىكى «لا» دا كۆتۈرۈپ، «ئىللەللاھ» دا قويىدۇ. شافىئىيلار كۆرسەتكەچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ» دىكى «ئىللەللاھ» دا بىر قېتىملا كۆتۈرىدۇ. مالىكىيلار كۆرسەتكەچ بارمىقىنى ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تا سالام بەرگۈچىلىك ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەنبەلىيلەر كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى «ئاللاھ» زىكىر قىلىنغان ھەر يەردە كۆتۈرىدۇ، لېكىن ئوڭ-سولغا ھەرىكەتلەندۈرمەيدۇ. (قاراڭ: سەييىد سابىق، فىقھۇسسۈننە، 12- باسمىسى، 1996، قاھىرە-بېيرۇت، 1- جىلد، 128- بەت.

[8]– مۇسلىم، مەساجىد 116 (580)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 180-181؛ نەسەئى، سەھۋ 33.

[9]– ئەبۇ داۋۇد، ۋىتىر 23؛ تىرمىزى، دەئەۋات 65؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/18.

[10]– بۇخارى، ئەنبىيا 10، دەئەۋات 31، 32؛ مۇسلىم، سالات 65، 66، 69؛ تىرمىزى، تەپسىر (33)، 34؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 178-179؛ نەسەئى، سەھۋ 49، 50، 51، 54.

[11]– بۇخارى، ئەزان 150؛ مۇسلىم، سالات 55-58 (402).

[12]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 73-74، تاھارەت 31؛ تىرمىزى، تاھارەت 3، مەۋاقىت 62؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 3؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 1/123.

[13]– مۇسلىم، مەساجىد 119 (582)؛ نەسەئى، سەھۋ 68.

[14]– ئەبۇ داۋۇد، سالات 189؛ تىرمىزى سالات 221؛ نەسەئى، سەھۋ 71.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر