مۇسۇلمانلار

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن 
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بۈگۈن (2013- يىلى، 10- ئاينىڭ 14- كۈنى دۈشەنبە) 1434- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەرەفە. ئەتە بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنىمىز.
بۈگۈن ئەراپاتقا چىققان ھاجىلىرىمىز ئاللاھقا قول ئېچىپ ئۆزلىرى، ئائىلىرى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان، شۇنداقلا دەردلىرىنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ماكانلىرىدا رەببى ئاللاھقا تۆكۈشنىڭ زوقى ۋە لەززىتىنى ياشاۋاتقان بولسا، ھەجگە بارالمىغان مىليونلارچە مۇسۇلمان ئۇ مۇقەددەس ماكانلارغا تەلپۈنۈش ۋە تەلمۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، شۇنداقلا ئۈمىدلىرىنى يوقاتماستىن ئۆيلىرىدە بالا-چاقىلىرى بىلەن ھېيتنىڭ ھاياجىنىنى ياشىماقتا.
قۇربانلىقلار ئېلىنغان، ئۆيلەر تازىلانغان، كىيىملەر يۇيۇلغان. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن، بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇپ ھېيتنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلمەكتە.
بايرام قىلىش ئىنساننىڭ پىترىتىدە بولغان بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن دىنىمىز ئۆز مەنسۇپلىرىنى بىر يىلدا ئىككى قېتىم بايرام قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. ئەتە باشلىنىدىغان بايرىمىمىز بۇ بايراملارنىڭ بىرى بولغان قۇربان ھېيتتۇر.
ھېيتنىڭ مەنىسى خۇشال بولماق، خۇشال قىلماق ۋە خۇشال بولۇش كۈنى، دېمەكتۇر.
مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتتا نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار چوقۇنۇۋاتقان ھايۋانلارنى «بىسمىللاھى، ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ كېسىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكار روھىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە تەۋھىد ئېتىقادىنى نامايەندە قىلىدۇ. ھاجىلار شەيتانغا تاش ئاتىدۇ، شۇنداقلا شەيتان بارلىق مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوغلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەقىل نەپسنىڭ خاھىشىغا، پەرىشتىنىڭ ئىلھامى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە غالىب كەلگەن بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ شەيتاندىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ دۈشمىنى يېڭىلگەن بولىدۇ.
ھېيت كۈنلىرى بويىچە تەكبىرلەر ئېيتىلىپ نەپىسلەر پاكلىنىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قوم-قېرىنداشلار زىيارەت قىلىنىدۇ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىنىدۇ، پېقىر-مىسكىنلەردىن ھال-ئەھۋال سورىلىدۇ، قولۇم-قوشنا ۋە دوست-بۇرادەرلەر يوقلاپ بېرىلىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇئاسى ئېلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چاڭ-توزانلاردىن تازىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىشلار بىلەن ھېيت قىلىنىدۇ. مانا بۇ يەردىمۇ ياخشى ئىرادە نەپسنىڭ خاھىشىدىن، ئىمان ئارزۇدىن، ئىسلام ئىسياندىن ئۈستۈن كەلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىن ۋە ئىنساندىن بولغان شەيتانلار مەيۈسلىنىدۇ.
راستىنى ئېيتقاندا، بۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىمىزدۇر. بۇ ھېيتتا سۆيۈنۈش بىر نېمەتتۇر، بۇ نېمەت، نېمەتنى بەرگۈچىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەققىدۇر. ئۇلار دىلى ئىمان-ئېتىقاد بىلەن، تىلى زىكىر-تەسبىھ بىلەن، پۇت-قول ئەزالىرى تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل كىشىلەردۇر. نېمەتكە شۈكۈر ئېيتقۇچىلار مانا بۇلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھېيتنىڭ ھېكمىتىنى بىلەيلى، تەقۋالىقىمىزنى ساقلاپ قالايلى، ئۇنتۇمايلىكى، شەيتان پىستىرمىدا ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدانمايلى.
قۇربانلىق كۆرۈنۈشى قان ئېقىتىش، روھى تەقۋالىق بولغان بىر ئىبادەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن نەپسىمىز ۋاقىتلىق لەززەتنى ۋە قىسقا مۇددەتلىك زوقنى خالايدۇ، ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيلى. يەنى نەپسىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى رەببىمىزنىڭ ئەمىرلىرىگە قۇربان قىلايلى.
قۇربانلىق ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن داۋام قىلغان ۋە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن ئىبادەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھېيتتا ئادەم ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قۇربانلىق قىلىش قىسسىلىرىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلغان ۋەقەنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋىدا ھەججىدە قىلغان قۇربانلىقلىرىنى ۋە بۇ ھەجدە قىلغان ۋىدا خۇتبىسىنى ئەسلەيلى.
ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىپ كەلگۈسىگە توغرا قەدەم باسايلى. ھېسسىيات بىلەن ئەمەس ئەقىل بىلەن ئىش قىلايلى. ھەۋەسكە ئەمەس ھىدايەتكە، ۋەسۋەسىگە ئەمەس ۋەھىيگە بويسۇنايلى. تەخمىن بىلەن ئەمەس، تەجرىبە بىلەن ئىش قىلايلى. ئومۇميۈزلۈك ئىلىم-مەرىپەتكە يۈرۈش قىلايلى، ئۆگىنەيلى، تىرىشايلى، غەيرەت قىلايلى، ھەقنى چىڭ تۇتايلى، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرايلى. توغرىدا بىرلىشەيلى، دۇرۇستا ئۇزلىشايلى.
ھۆرمەتلىك دوستلار! يالغان ئېيتىش، غەيۋەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، چېقىمچىلىق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ئۆلچەمدە كەم بېرىش، پارىخورلۇق قىلىش، جازانىخورلۇق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، يېتىملەرنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش، ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش، توختامنى بۇزۇش، ئاتا-ئانىغا ئاسىيلىق قىلىش،… قاتارلىق يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرايلى.
ھېيتتا ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىيلەرەھىم قىلىش، پېقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش، قولۇم-قوشنىلاردىن ھال سوراش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، دوست-بۇرادەرلەرنى زىيارەت قىلىش… قاتارلىق ئىشلارنى قىلايلى. قۇربانلىقلىرىمىزنىڭ گۆشلىرىدا پېقىر-مىسكىنلەرنىڭمۇ ھەققى بار، بۇنى ئۇنتۇمايلى.
ئاللاھ قوبۇل قىلغاي.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر